•  

    ئادلوف.گېتلىر


    گېتلىر(Adlof Hitler) نىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى ھەممىلا ئادەمگە ئايان قەبىھلىك بولغاچقا ، يەنە كېلىپ ئۇ 35مىلىيۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە كامىدا 50يىل دۇنيادىكى ھەممىلا دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ۋاستىلىك تەسىر كۆرسەتكەچكە بۇ قاتاردىن ئورۇن بەرمەي بولمىدى.

    ﺋﺎﺩﻭﻟﯘﻑ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ، 1889 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﺎﯞ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . 1905 - ﻳﯩﻠﻰ 16 يېشىدا دادىسىدىن يىتىم قېلىپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ، ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﯞﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﻏﯘﻟﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﺯﻩﻝ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﻐﺎ ﯸﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﺘﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ 1913 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ . 1913 - ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﯞىنادﯨﻦ ﻣﯩﻴﻮﻧﺨﯩﻨﻐﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . 1914 - ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ دۇنياﺩﯨﻜﻰ 1 - ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . گېتلىر ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ئارمىيىسىگە ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ . ھەمدەئىككى قېتىم خىزمەت كۆرسىتىدۇ. 1 - ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪىكى ئىككى گېرمان دۆلىتى-گېرمانىيە ۋە ئاۋستىرىيەنىڭ ﻣﻪﻏﻠﯘبىيىتى ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ 1919 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﻴﻮﻧﺨﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﺪﺍ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﻮﯞﻻﺵ ﻛﯘﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ . ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯘﺭﯗﺳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ 1 - ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . 1919 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﺎﻳﻠﻰ» ﻧﺎﻣﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ " ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ 555 " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ( ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ) ﮔﯘﺭﯗﮬﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﮬﻪﻡ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ 500 ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . 1920 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ «ﻧﺎﺗﺴﯩﺴﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ» ﮔﻪ ﺋﯚﺯﮔەرتىلىدۇ ﮬﻪﻡ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ ﺑﯘ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﺳﺎﻻﮬﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1921 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﻳﻼﻣﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﻼﻣﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﯘﺋﺎﺭﻯ «ساپلىقنى ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ» ﻧﻰ تەشۋىق قىلىدۇ. ﮔﯩﺘﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻓﯩﻐﯩﻨﺘﯩﺰ ﻓﯩﺮﻣﯩﺴﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﻻﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ «ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ» ﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ ﺑﺎﻳﯧﺮﯨﻨﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﯸﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﺘﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ 5 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﺴﯩﻤﮕﻪ بۇﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ . ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ 5 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯚﺭﻣﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﭘﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺭﻭﺩﯗﻟﯘﻑ ﺧﻪﺳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ «ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﯨﻢ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﯞﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . 1924 - ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ 13 ﺋﺎﻱ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﯘﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ 1925 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ «ﻧﺎﺗﺴﯩﺴﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ» ﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . 1925 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩ 1926 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ «مېنىڭ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﯨﻢ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ 1 - ﯞﻩ 2 - ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . 1927 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﻧﺎﺗﺴﯩﺴﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﺵ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ . 1932 - ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﮔﯩﺮﺍﺟﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ ﺳﺎﻳﻼﻣﺪﺍ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﻪﺧﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 25 ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻮﻏﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺷﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﯸﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﮔﯩﺘﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺧﺴﯩﺘﻰ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. 1933 - ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺳﺎيلاندى.

    1938-يىلى گېتلىر چېخىيەنى قوشۇۋالدى ۋە گېرمانىيە بىلەن ئاۋىستىرىيەنى بىرلەشتۈرۈپ 3-ئىمپىرىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ھەلەكچىلىگى بىلەن بولۇپ كەتكەن ئەنگىلىيە فىرانسىيىلەر ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۈكۈت قىلدى، گېتلىر يەنە يەڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن پولشانى بۆلۈشۈش، ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى تۈزدى ۋە 1939 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻮﻟﺸﯩﻐﺎ ھۇجۇم قىلدى، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى رەسمى باشلاندى. گېتلىر ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭘﻮﻟﺸﯩﻨﻰ بېسىۋالدى ﯞﻩ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﻧﯩﻤﯘ ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ مەغلۇپ قىلدى. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﺍ سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ﻓﯩﻨﻼﻧﺪﯨﻴﻪ بىلەن ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ يەنە سوېت ئىتىپاقى بىلەن بولغان ئىتىپاقداشلىق ۋە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشماسلىق كېلىشىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ سوۋېت ئىتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭۈﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ئامېرىكىنىڭمۇ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى، ئۇرۇش سېپىنىڭ زىيادە ئۇزىراپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ھالقىلىقﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺗﯚﺕ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯧﺮﻟﯩﻨﻨﻰ بۆﻟﯜشۈش ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﮔﯩﺘﻠﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﭘﻘﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯞﺍﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺩﻩﻝ 1945 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺪﻯ .


    گېتلىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن نەسىل قۇرۇتۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ گېرمانىيە ۋە شەرقى ياۋروپادىكى 6مىليۇندىن كۆپ يەھۇدىنى ئۆلتۈردى، شۇنداقلا ئاخىرقى نىشانىنىڭ دۇنيادىكى يەھۇدىلارنى قىرىپ تۈگىتىش ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. گېتلىر يەنە رۇسلارنىمۇ پەس ئىرققا مەنسۈپ دەپ قاراپ كامىدا 14مىليۇن رۇسنى غەيرى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ 50مىليۇندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئويلىساق ھەيرانلىقتىن گېتلىرنى دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ ئادەملىك تاجىنى بەرمەي تۇرالمايمىز. گەرچە گېتلىر ياشىغىلى ئەمدىلا 50يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ يەنە نەچچە يۈز يىلغىچە يوقالمايدىغانلىقى ئېنىق. ھىچقانداق سىياسى تەجرىبە، ئىقتىساد ۋە سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولمىغان بىر چەتئەللىكنىڭ(گېتلىر ئاۋستىرىيەلىك ئەمما گېرمانىيەدە ھوقۇق تۇتقان)، ئۆزى يالغۇزلا 14 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا يەنە بىر دۆلەتتە باشلىق بولۇپ ئالەمنى ئىگىز پەس قىلىشى گويا رىۋايەتتەكلا ئاڭلىنىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى گېتلىر تارىختىن بۇيانقى ئەڭ نادىر ناتىق ئىدى. دەل مۇشۇ بىردىنبىر سەۋەپكە تايىنىپ ئۇ گېرمانىيەدە باش كۆتۈرگەن بولۇپ ئۇنىڭ ھەتتا ئىككىنچى قول ئىز باسارى ۋە ياردەمچىلىرىمۇ يوق ئىدى، ئۇنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغانلىكى ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشەتتى ۋە ئۇنىڭ داھىلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلاتتى. ئەينى يىللاردىكى گېتلىرنىڭ تەسىرىنى ھىچكىم بىلەن سېلىشتۇرۇش مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى تارىختىن بۇيانقى ھەرقانداق ئۇرۇشتا يالغۇز بىر شەخسنىڭ رولى بۇنچە چوڭ بولغان ئەمەس. گېتلىرنىڭ تەسىرىنى تەھلىل قىلىشتا ناۋادا گېتلىر بولمىغان بولسا بۈگۈنكى دۇنيا قانداق بولاتتى؟ دىگەن سوئالغا جاۋاپ ئىزدەش كېرەك...گېتلىر پۈتۈنلەي ئۆز ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئۇ سوۋېت ئىتىپاقىنى يوقاتماقچى بولغان ئىدى ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئىتىپاقى يەنىمۇ زورايدى. ئۇ گېرمانىيەنى زورايتماقچى ئىدى ئەمما گېرمانىيە گېتلىردىن كېيىن تەڭ يېرىم زىمىنىدىن ئايرىلدى... دەرۋەقە گېتلىر بولمىسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دۇنيانى ئىگىز پەس قىلىشى، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى ۋە ئەنگىلىز تىلىنىڭ ياۋروپادىكى كۈچىنىڭ ئېشىشى بۇنچە تېز ۋە كۈچلۈك بولمىغان بولاتتى.

    گېتلىر بولمىغان بولسا دۇنيانىڭ بۈگۈنكى سىياسى خەرىتىسى باشقىچە بولغان ۋە بەلكى ئەنگىلىيە، فرانسىيە ئىمپىرىيىلىرى يىراقتىكى مۇستەملىكىسىدىن ئايرىلىپ قالمىغان بولاتتى...ھەتتا بەلكى يەھۇدى دۆلىتى ئىسرائىلىيە قۇرۇلمىغان بولاتتى. گېتلىر ناپالىيۇن ، ماكىدونىسكى ۋە ئاۋگۇستتىنمۇ بەكرەك دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى ئەمما ئۇ يېقىنقى زاماندا ياشىغان ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن 20-ئەسىردىن بۇرۇنقى 5000يىلدا ئۇنىڭ تەسىرى مەۋجۇت ئەمەس.

  •  

    ئوبامانىڭ قاھىرە نوتۇقى(3)

     

    يىڭى باشلىنىش


    قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى(مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە)(2009-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى)

     
    تەكىتلەشكە تېگىشلىك بەشىنچى مەسىلە بولسا، دىنىي ئەركىنلىكتۇر.
    ئىسلامنىڭ ئۆزئارا خوش-كۆرۈش ھەققىدە پەخىرلىك تارىخى بار. بىز بۇنى ئەندەلۇسىيە ۋە كوردوبا تەتقىقاتلىرىدىنمۇ كۆرەلمەيمىز. مەن كىچىك ۋاقتىمدا تەقۋادار خرىستىئانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن ھىندونېزىيىدە قانچىلىك ئەركىن ھالدا ئىبادەت قىلالىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. بىز بۈگۈن دەل شۇ روھقا موھتاجمىز. ھەر دۆلەتتىكى ھەر بىر خەلق ئۆزىنىڭ كۆڭلى ۋە روھىي دۇنياسى قانداق ئارام تاپقان بولسا شۇ بويىچە ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئەركىن تاللاشقا ھوقۇقلۇق بولىشى كېرەك. بۇ خوشكۆرۈش ئەنئەنىسى گەرچە دىننىڭ گۈللىنىشىدە ھالقىلىق يەر تۇتقان بولسىمۇ، مانا ھازىرقى كۈنىمىزدە كۆپ تەرەپلەردىن ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
    بەزى مۇسۇلمانلاردا ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ھەققانى چىقىرىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئېتىقادىنى رەت قېلىش يۈزلىنىشى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. مەيلى لىۋاندىكى مارونىتلار ئۈچۈن بولسۇن، ياكى مىسىردىكى كوپىتلار ئۈچۈن بولسۇن دىنىي كوپ خىللىقتىن ئىبارەت بۇ بايلىق چوقۇم ئىشقا ئېشىشى كېرەك. (ئالقىش).
    ئەگەر ئۆزىمىز بىلەن سەمىمىي بولالىساق، شۇنىسى ئېنىقكى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى چىقىشالماسلىق چەمبىرى، بولۇپمۇ تراگېدىيەلىك قىرغىنچىلىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئىراقتىكى سۇنئى ۋە شىئە بۆلۈنۈشى بارغانسىرى كىچىكلىشى ۋە يوقۇلىشى كېرەك.
    دىنىي ئەركىنلىك ئىنسانلارنىڭ بىر ئارىدا ئورتاق ھالدا ياشىيالىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى. شۇڭلاشقا بىز بۇ ھالەتنى ساقلاشنىڭ يوللىرىنى دائىما ئىزلىشىمىز زۆرۈر. مەسىلەن، ئامېرىكادا دىنىي ئىئانە بېرىش توغرىسىدىكى چىقىرىلغان يېڭى بەلگىلىمىلەر كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مەسئۇلىيىتىنى ئىجرا قېلىشىغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ئىشلەپ مۇسۇلمانلارنىڭ زاكات پەرزىنى لايىقى بىلەن ئورۇنلىيالىشى ئۈچۈن تىرىشىمەن.
    ئوخشاشلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئۆزلىرى لايىق كۆرگەن كىيىملەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەمەللىرىنى قېلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ۋە ياكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ قانداق كىيىنىشىنى تاڭىدىغان باشقىچە سىياسەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم. بىز لىبېرالىزم كۆرۈنۈشى ئاستىدا باشقا دىنلارغا بولغان دۈشمەنلىكلەرنى يوشۇرۇپ قالالمايمىز.
    ئەمىلىيەتتە بىزنى دىنىي ئىتىقادلار بىر ئارىغا ئەكېلەلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز ھازىر ئامېرىكادا مۇسۇلمانلارنى، يەھۇدىيلارنى ۋە خرىستىئانلارنى بىر ئارىغا ئەكېلىدىغان ھەر خىل پروگراممالار ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمىز. يەنە ئوخشاش سەۋەبتىن سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇللاھنىڭ دىنلار ئارىسى دىئالوگ ھەرىكىتىنى ۋە شۇنداقلا تۈركىيە باشچىلىقىدا باشلانغان مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ھەرىكەتلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. دۇنيا مىقياسىدا بىز دىئالوگلارنى دىنلار ئارىسى ھەمكارلىققا ئايلاندۇرغىنىمىزدا كىشىلەر ئارىسىدا قۇرۇلغان بۇ مەنىۋى كۆۋرۈكلەر ئەمىلى ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ ۋە بۇ ھەرىكەتلەر خۇددى ئافرىقادىكى مالارىياغا ئوخشاش يوقۇملۇق كېسەللەرگە قارشى كامپانىيادا بولسۇن، ۋە ياكى تەبىئىي ئاپەتلەردىن كېيىنكى ئىنسانىي قۇتقۇزۇش ھەم ياردەم بېرىش كامپانىيالىرىدا بولسۇن ئۆزىنىڭ كۇچلۇك تەسىرىنى نامايان قىلالايدۇ.
    (6)
    مەن توختالماقچى بولغان ئالتىنچى مەسىلە بولسا، ئاياللارنىڭ ھەق ھوقۇقى مەسىلىسى (ئالقىش)
    بىلىشىمچە ۋە خۇددى بۇ يەردە ئولتۇرغانلار تەۋسىيە قىلغاندەك، بۇ ھەقتە دۇنيادا ناھايىتى ساغلام بىر تالاش-تارتىش يۇز بېرىۋاتىدۇ.
    مەن غەربتىكى بەزىلەرنىڭ بېشىنى يۆگەش يولىنى تاللىغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكتىن ئاز بەھرىمەن بولىشى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى رەت قىلىمەن. بېشىنى يوگىگەنلىكى ئۈچۈن بەزى ئىنسانلارنى مائارىپتىن نابەھرىمەن قالدۇرۇشنىڭ ئۆزى ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى رەت قېلىش ھېسابلىنىدۇ.(ئالقىش) ئاياللارنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى يۈكسەك بولغان دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ باي ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقى ھىچ بىر شەكىلدە تاسادىپىيلىق ئەمەس.
    شۇنى يەنە بىر قېتىم ئوچۇق ۋە كەسكىن ھالدا ئوتتۇرىغا قوياي. ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى مەسىلىسى ھېچقانداق بىر شەكىلدە ئىسلام بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئەمەس. تۈركىيە، پاكىستان، بىنگال، ھىندونېزىيە قاتارلىق كۆپ سانلىق مۇسۇلمان ئاھالىسى بولغان دۆلەتلەر دۆلەتلىرىنىڭ بېشىغا ئايال يېتەكچىلەرنى سايلاپ چىقالىدى.
    تېخىچە ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى مەسىلىسى يالغۇز ئامېرىكادىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا مىقياسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىمۇ بىر كۈرەش بولۇپ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
    مەن تولۇق ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ قىزلىرىمىزمۇ خۇددى ئوغۇللىرىمىزغا ئوخشاشلا جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئوخشاش تۆھپىسىنى قوشالايدۇ. (ئالقىش)
    ئەر-ئايال بولۇپ پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئورتاق پوتېنسىئالىنى تولۇق ئىشلەتكىنىدىلا ئورتاق گۈللىنىشىمىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن خۇددى ئەرلەرگە ئوخشاش تاللاشقا مەجبۇر بولۇشىنىڭ ئورنى يوق ۋە ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىغان ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەركىن تاللىشى ئۈچۈن تولۇق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇ سەۋەبلەردىن ئامېرىكا بۈگۈن مۇسۇلمان ئاھالىسى كوپ ساندا بولغان دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ئىشبىرلىكى قۇرۇپ ئاياللارنىڭ ساۋاتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مىكرو مالىيە ياردىمى پروگراممىلىرى بىلەن ياش خانىملارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ئۇلارنىڭمۇ ئوز ئارزۇلىرىغا يېتەلىشى ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ. (ئالقىش)
    (7)
    ئەڭ ئاخىرىدا مەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە پۇرسەتلەر ھەققىدە توختىلىمەن.
    ئىقتىسادنىڭ گلوباللىشىشى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە زىددىيەتلىك بىر ئۇقۇمغا ئىگە. ئىنتېرنېت ۋە تېلېۋىزىيە قاتارلىقلار بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى ئۆيىمىزغىچە يەتكۈزۈپ قالماستىن، يەنە بىر تەرەپتىن بىز خالىمىغان جىنكەشلىك ۋە شىددەت سەھنىلىرىنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا زورلاۋاتىدۇ. تىجارەت بىر تەرەپتىن بايلىق ۋە يېڭى پۇرسەتلەر ياراتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر بىر جامائەتچىلىك ئۈچۈن توسالغۇلۇقلارنىمۇ پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن بۇ خىلدىكى تىز ئۆزگۈرۈشلەر مەلۇم دەرىجىدە قورقۇنچ ئېلىپ كەلمىدى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ بولسىمۇ نۆۋەتتىكى زامانىۋىلىق سەۋەبىدىن ئۆزىمىزدە بۇرۇندىن بولۇپ كەلگەن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تاللاشلىرىمىز، سىياسى جەھەتتىكى ئىمكانلىرىمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۇزۇندىن بۇيان جامائەتىمىزنى، ئائىلىمىزنى، ئەنئەنىلىرىمىزنى ۋە شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادىمىزنى رەڭلەندۇرۇپ جانلاندۇرغان ئۆزىمىزنىڭ شەخسى كىملىكىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇش ھەققىدىكى قورقۇنچدىن ئىبارەتتۇر.
    يەنە بىر تەرەپتىن، تەرەققىياتنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ. تەرەققىيات ۋە ئەنئەنە ئوتتۇرىسىدا بۇنداق بىر زىددىيەت بولماسلىقى كېرەك. ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىر تەرەپتىن ئوزلىرىنىڭ ئەنئەنەۋى مىراسىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن تەڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ناھايىتى تىز تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرەلىدى. ئوخشاش رىياللىقنى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن كۇئالالۇمپۇردىن دۇبائىغىچە كۆپلىگەن يەرلەردە كۆرەلەيمىز. ئۆتمۈشىمىزدە ۋە كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلار يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەلىم تەربىيە جەھەتلەردە ئەڭ ئالدىنقى فرونتلاردا يەر ئېلىپ كەلگەن.
    بۇلار ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەر بولۇپ، يەر ئاستىدىن نېمە چىقاركىن دىگەنگە قاراپلا ھىچ بىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات ستىراتىگىيەسىنى بەلگىلىگىلى بولمىغىنىدەك، بۇ خىل تەرەققىياتلارنى ھەم مۇتلەق كوپ سانلىق ياش نوپۇسنى ئىش ئىمكانىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ.
    كۆپلىگەن دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى نېفىت بايلىقى سەۋەبىدىن ناھايىتى كۆپ بايلىققا ئېرىشتى ۋە شۇنداقلا ھازىر تېخىمۇ كۆپ خىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرىۋاتىدۇ.
    شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، 21-ئەسىردىكى ئەڭ كۇچلۇك كاپىتال-دەل تەلىم تەربىيە ۋە ئىجادچانلىقتىن ئىبارەت.(ئالقىش).
    ئەپسۇسكى، كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ ساھەگە يىتەرلىك مەبلەغ سالمايۋاتىدۇ. مەن ئوز دۆلىتىمدە بۇ خىلدىكى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىمەن. ئۆتمۈشتە ئامېرىكا نىفىت ۋە گاز ساھاسى بويىچە بۇ رايۇنلارغا كۆپلەپ مەبلەغ سالغان ئىدى، مانا ئەمدىلىكتە بىز كۆپ خىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يوللىرى ئۈچۈن ئۇرىنىۋاتىمىز.
    مائارىپ جەھەتتە ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرىنى كېڭەيتىش بىلەن تەڭ، مېنىڭ دادامنى كېنيادىن ئامېرىكاغا ئەكەلگەن ئوقۇش مۇكاپات پروگراممالىرىنىمۇ ئاشۇرىمىز. (ئالقىش)
    ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بىز كۆپلىگەن ئامېرىكالىقلارنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئوقۇشىنى رىغبەتلەندۇرىمىز. بىز ئىستىقباللىق مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكادا پراكتىكا قېلىشىغا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىرنېتتىن ئوقۇش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشىشىگە مەبلەغ سالىمىز. شۇنداق بولغاندىلا كانساستىكى بىر ياش قۇلايلىق بىلەن قاھىرەدىكى بىر ياش بىلەن دەرھال ئالاقە قۇرالايدىغان بولىدۇ.
    يەنە بىر تەرەپتىن بىز مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەرن ئورتاق ھالدا ئىشلىيەلەيدىغان خالىسانە بىر تىجارىي ساھەنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتىمىز. بۇ يىل مەن ئامېرىكا ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى تىجارەت، ۋەخپە ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى لىدىرلەرنى بىر ئارىغا توپلاپ ئورتاق ھەمكارلىشالايدىغان تۇرلەرنى ئايرىپ ئىشقا باشلاش ئۈچۈن ئالى دەرىجىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر ئۇچرۇشۇشقا ساھىپخانلىق قىلىمەن.
    پەن-تېخنىكا جەھەتتىن، يېقىندا بىز مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخنىكا يۆتكەپ بېرىش، تېخىمۇ كۆپ ئىش ساھەلىرىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن يېڭى پىكىرلەرنىڭ پىششىقلىنىپ ئىشلىشىگە كىرەكلىك بولغان يېڭى بىر فوند، يەنى مەبلەغ ئاجرىتىمىز. بىز يەنە ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا نەمۇنىلىك پەن-تېخنىكا مەركەزلىرىنى قۇرۇش بىلەن تەڭ يېڭى ئىنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئېچىلىشى، يەنىمۇ كۆپ يېشىل ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئېچىلىشى، ئارخىپلارنىڭ دىجىتاللىشىشى، پاكىز سۇ ۋە يېڭىچە ئۇسۇلدا زىرائەت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىلىرىغا مەسئۇل بىر ئەلچى تەيىنلەيمىز، بۇگۇن مەن يەنە ئىسلام كونفرانسى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا پولىئو(؟)نى يوقۇتۇش ئۈچۈن خەلقارالىق بىر ھەمكارلىقنى ئىلان قېلىمەن. ئۇندىن باشقا يەنە مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ بالىلار ۋە ئانىلار ساقلىقىنى كاپالەتلەندۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق ھەركەت قىلىمىز.
    يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كىرەك. ئامېرىكا دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى، ھۆكۈمەتلىرى، جامائەت تەشكىلاتلىرى، دىنىي رەھبەرلىرى ۋە تىجارەت ئەرباپلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ خەلقلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى كىلەچەكلىرىنى يارىتىشى ئۈچۈن ھەمكارلىققا ھازىر.
    (8)
    مەن توختالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بىز ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان بىر دۇنيا ئۈچۈن، يەنى ئاشقۇن زوراۋانلار ئەسلا خەلقىمىزگە تەھدىت قىلمايدىغان، ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن، ئىسرائىل ۋە پەلەستىنلىكلەر ئۆزىنىڭ دۆلىتىدە بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن، ئاتوم ئىنىرگىيەسى تىنچ مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ھۆكۈمەتلەر ئۆز پۇقرالىرىغا ئادىل خىزمەت قىلىدىغان، ئاللاھ ياراتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھەق ھوقۇقى تولۇق ھورمەتلەنگەن بىر دۇنيا ئۈچۈن يۇقارقىلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەجبۇرمىز. مانا بۇ بىز ئىستىگەن دۇنيا. لىكىن بىز باراۋەر بولغاندىلا بۇ دۇنيانى قۇرالايمىز.
    مەن مۇسۇلمان ياكى مۇسۇلمان بولمىغان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ يېڭى باشلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە گۇماندا ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن. بۇلار ئەمىلىيەتتە ئۆتمۈشتىكى بۆلۈنۈش يالقۇنلىرىنى ئوخچۇتۇپ كەلگۇسى تەرەققىياتنىڭ يولىنى توراپ تۇرىۋالغانلاردۇر. ھەتتا بەزىلەر «بۇلارنى سىناشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ، چۇنكى بىز ئۆزئارا چىقىشالماسلىققا تەقدىر قېلىنغان ۋە ئارىمىزدىكى مەدىنىيەتلەر سوقۇلۇشقا تەييار ھالەتتە» دەپ يۇرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. چۇنكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شۇنچىلىك كۆپ ئىشەنچسىزلىك ۋە قورقۇنچ بىناسى ئىنشا قېلىندىكى، ئەگەر بىز يەنىلا ئۆتمۈش بىلەن قاپسىلىپ قېلىشنى تاللىساق كەلگۇسىگە بىر قەدەممۇ باسالمايمىز.
    مەن بۇ سۆزۇمنى قايسى دىندا بولىشىدىن قەتئى نەزەر پۇتۇن دۇنيادىكى ياش نەسىللەرگە ئېيتماقچى: ھەممىدىن بەكرەك سىلەر بۇ دۇنيانى يېڭىدىن تەسەۋۋۇر قېلىش ۋە قۇرۇش ئۈچۈن قابىلىيەتلىك سىلەر.
    ھەممىمىز بۇ دۇنيادا قىسقا بىر مۇددەت ئۈچۈن ئورتاق ياشايمىز. نوۋەتتىكى سۇئال بولسا: «بىر-بىرىمىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئۇزاقلاشتۇرغان مەسىلىلەر ئۈچۈن دىققەتنى مەركەزلەشتۇرەمدۇق؟ ياكى بارلىق غەيرىتىمىزنى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن بىز ئارزۇ قىلغان ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشالايدىغان ئورتاق بىر كەلگۇسى تېپىشقا سەرپ قىلامدۇق؟» دىگەندىن ئىبارەت.
    ئۇرۇش باشلىتىش ئاخىرلىتىشتىن ئاسان. باشقىلارنى ئەيىپلەش ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا نەزەر سېلىشتىن قولاي. يەنە شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بىزگە ئوخشىمايدىغان نوقتىلىرىنى تېپىش ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان قىممەتلەرنى بايقاشتىن تېخىمۇ ئاسان.
    بىز قولاي يولنى ئەمەس، بەلكى توغرا يولنى تاللىشىمىز كىرەك.
    پۇتۇن دىنلارغا ئورتاق بولغان قائىدە بار. ئۇ بولسىمۇ: «ئوزەڭگە راۋا كورمىگەننى باشقىلارغا راۋا كورمە.» (ئالقىش)
    ھەقىقەتلەر ۋە توغرا بولغانلار مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەردىن ھالقىپ ئوتىدىغان قىممەتلەردۇر. ئىتىقاد يېڭى بىر ئۇقۇم ئەمەس بولغىنىدەك، قارا، ئاق ۋە ياكى قىزىل رەڭلىكمۇ ئەمەس. ئىتىقاد يالغۇز خىرىستىيانلىق، مۇسۇلمان ۋە ياكى يەھۇدىيلىقتىن ئىبارەت بولغانمۇ ئەمەس. ئىتىقادلار مەدىنىيەتنىڭ بۆشۈگىدىن باشلىنىپ مىليارتلىغان ئىنسانلارنىڭ يۇرىكىدە تېخىچە ئۇرغۇۋاتقان ئورتاق بىر رېتىم. مېنىڭ باشقا ئىنسانلارغا بولغان ئىشەنچىم دەل مىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن سەۋەپتۇر.
    مۇقەددەس كىتاپلاردا يېزىلغانلارنى خاتىرلىگەن ھالدا ئەگەر بىزدە ئورتاق بىر شىجائەت بولۇدىكەن، دۇنيانى بىز ئارزۇلىغان بويىچە قايتىدىن شەكىللەندۇرەلەيمىز:
    مۇقەددەس قۇرئان بىزگە دەيدۇكى: «ئەي ئىنسانلار، بىز سىلەرنى ئەر ۋە ئايال ياراتتۇق، سىلەرنىڭ بىر بىرڭلارنى تونۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق.»
    تالمۇد بىزگە دەيدۇكى، «پۇتۇن تەۋرات تىنچلىقنى تەرغىپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان.»
    مۇقەددەس ئىنجىل بىزگە دەيدۇكى: «تىنچلىق ياراتقۇچىلارغا ئاللاھنىڭ مەرھەمەتلىرى بولسۇن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى دەپ چاقىرىلىشى كىرەك». (ئالقىش)
    دۇنيادىكى ئىنسانلار تىنچلىق ئىچىدە بىللە ياشىيالايدۇ. بۇنىڭ ياراتقۇچىنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمىز. شۇنداقكەن بۇمۇ بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئورتاق غايىمىز بولىشى كىرەك
    تەشەككۇرلەر، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۈستۈڭلاردا بولسۇن. كۆپ تەشەككۇرلەر.(ئالقىش)

    تۈگۈدى 

    ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: م. توختى

  •  

    ئوبامانىڭ قاھىرە نوتۇقى(2)

     

    يىڭى باشلىنىش 

    قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى(مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە)(2009-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى)


    مۇزاكىرە قېلىشىمىزغا تېگىشلىك ئارىمىزدىكى جىددىيلىككە سەۋەب بولۇۋاتقان ئىككىنچى مەسىلە بولسا، ئىسرائىل، پەلەستىن ۋە ئەرەب دۇنياسى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن ئىبارەت.
    ئامېرىكانىڭ ئىسرائىل بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىلىسىلەر، بۇ باغلىنىش بۇزۇلماس باغلىنىشتۇر. بۇ باغلىنىشنىڭ مەدەنىي ۋە تارىخىي يىلتىزى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز ئانا زېمىنىغا بولغان ئىنتىلىشلىرى جەريانىدا يۇز بەرگەن رەت قىلغىلى بولمايدىغان تارىخى تراگېدىيەلەر بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.
    دۇنيا مىقياسىدا يەھۇدىيلار ئەسىرلەردىن بىرى ھەر خىل جازالارغا دۇچار بولۇش بىلەن ياۋروپادىكى يەھۇدىي دۈشمەنلىكى تارىختىكى ئەڭ چوڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا سەۋەب بولدى. ئەتە مەن يەھۇدىيلار قۇل قىلىنغان، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، ئوققا تۇتۇلغان ۋە گاز بىلەن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن كۆپلىگەن جازا لاگىرلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇچەنۋالدنى زىيارەت قىلىمەن. شۇ زامانلاردا بۈگۈنكى ئىسرائىل نوپۇسىدىنمۇ كۆپرەك بولغان 6 مىليوندىن كۆپ يەھۇدىي ئۆلتۈرۈلدى. بۇ تارىخىي پاكىتلارنى رەت قېلىشنىڭ ھىچ ئاساسى يوقلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى بۇ بىر جاھىللىق ۋە ئۆچمەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىسرائىلنى يوق قېلىش بىلەن تەھدىت قېلىش، يەھۇدىيلارنى تەھدىت قىلىدىغان كونا مۇقاملارنى تەكرارلاۋىرىش نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئېغىر خاتا بولۇپلا قالماستىن، بىر تەرەپتىن بۇ ئاچچىق خاتىرىلەرنى پات-پات يەھۇدىيلارغا خاتىرىلىتىش ئارقىلىق ئەمىلىيەتتە بۇ رايون خەلقىگە تازا كېرەكلىك بولغان تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسالغۇلۇق قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار ۋە خرىستىئانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئانا زېمىنىغا بولغان ئىنتىلىشلىرى يولىدا ناھايىتى كۆپ ئازابلارغا دۇچار بولۇۋاتىدۇ.
    60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇلار ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلغاننىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. يەنە كۆپلىرى غەربىي قىرغاق، گازا ۋە قوشنا دۆلەتلەردىكى مۇساپىرلار لاگىرلىرىدا ھاياتى بويى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئارزۇسى بىلەن قىينىلىپ ئارزۇسىغا يەتمەي كۇن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى ئىشغال قىلىنىشتىن مەيدانغا كەلگەن چوڭ ياكى كىچىك بولۇپ ھەر خىل خورلۇققا دۇچار بولىۋاتىدۇ. ھىچ شۈبھە يوقكى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھالى چىدىغۇسىز. ئامېرىكا ھەرگىزمۇ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىززەت ئابرۇيى ۋە ئوز دۆلىتىنى قۇرۇش يولىدىكى ھەقلىق ئىنتىلىشلىرىگە دۈمبىسىنى قىلمايدۇ. (ئالقىش)
    نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان بۇ يەردە بىر قاتماللىق داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەر بىرىنىڭ ئۆزىنى ھەقلىق كۆرۈشى ۋە ئۆتمۈش تارىخىنىڭ ھەر خىل دەرد-ئەلەم بىلەن تولغان بولۇشى بۇ ئىككى خەلقنىڭ بىر-بىرىگە يول بېرىشىنى قېيىنلاشتۇرىۋاتىدۇ.
    بىر-بىرىنى ئەيىبلەش ناھايىتى ئاسان، پەلەستىنلىك ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە زېمىنلىرىنى ئىشغال قېلىشىدىن مەيدانغا كەلگەن ئۆي-ماكانسىزلىقلار، ئىسرائىللىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تارىختىن بۇيان قوشنىلىرى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئۇچرىغان زەربىلەر ۋە دۈشمەنلىكلەر. ئەگەر بىز بۇ توقۇنۇشنى پەقەت بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن كۆرۈدىغان بولساق ئۇ ھالدا ھەقىقەتكە قارىغۇلارچە مۇئامىلە قىلغان بولىمىز. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان بىردىن بىر چارە بولسا ئۆزئارا قوشنا ۋە مۇستەقىل، بىر بىرى بىلەن ئىناق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشىيالايدىغان ئىسرائىل ۋە پەلەستىن دۆلىتىدىن ئىبارەتتۇر. (ئالقىش)
    چۈنكى، بۇ ئىسرائىلنىڭ مەنپەئەتىگە، پەلەستىننىڭ مەنپەئەتىگە، ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. شۇ سەۋەبتىن مەن بۇ قىيىن ۋەزىپە تەقەززا قىلغان پۈتۈن سەۋرچانلىقىم ۋە تېرىشچانلىقىم بىلەن مەزكۇر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۇچۇمنى سەرپ قىلىمەن. (ئالقىش)
    تەرەپلەرنىڭ بۇرۇنقى يول خەرىتىسىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتلىرى ناھايىتى ئېنىق. ئەگەر تىنچلىق بولىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئالغان مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قېلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى دېمەكتۇر.
    پەلەستىنلىكلەر چوقۇم زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى كېرەك. زوراۋانلىق ئارقىلىق قارشىلىق قېلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەم خاتا ھەم نەتىجە بەرمەيدۇ.
    ئەسىرلەر بويى ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەر قامچا توقماق ئاستىدا ئېزىلدى ۋە ئايرىمچىلىققا ئۇچرىدى. بىراق ئۇلارنىڭ باراۋەرلىك ۋە ئادىل ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تۇتقان يولى ھەرگىزمۇ زوراۋانلىق ئەمەس ئىدى. دەل ئەكسىچە ئامېرىكانىڭ قۇرۇلىشىدىكى ئىدىيەلەرنى مەركەز قىلغان تىنچلىق ئاساسىدىكى ئۆزلۈكسىز قارشىلىق ئىدى. ئوخشاش ھېكايىلەرنى جەنۇبى ئافرىقادىن جەنۇبىي ئاسىياغىچە، شەرقىي ياۋروپادىن ھىندونېزىيىگىچە ئۇزارتىش مۈمكىن. بۇ ھېكايىلەرنىڭ ھەقىقىتى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، زوراۋانلىق چىقماس يولدۇر. يېرىم كېچىدە ئۇخلاۋاتقان بىر بوۋاققا قارىتىپ راكىتا ئېتىش ۋە ياكى ياشانغانلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنى پارتلىتىش قانداقتۇر كۇچلۇكلۇكنىڭ ۋە ياكى مەردانىلىقنىڭ بېشارىتى بولالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسلا مەنىۋى ئۇستۇنلۇك ئەمەس بەلكى تەسلىمچىلىكتىن ئىبارەت.
    مانا ئەمدى پەلەستىنلىكلەر نېمە بىنا قىلالايدىغانلىقىغا مەركەزلىشىشى كېرەك. پەلەستىنلىكلەر چوقۇم ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلىدىغان ۋە ئۆز خەلقىنىڭ ئېھتىياجىغا جاۋاب بىرەلەيدىغان ئورگانلارنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. خاماسنىڭ بەزى پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا ئېتىبارى بار، شۇنداقكەن، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىدىكى مەسئۇلىيەتنى بىلىشى كېرەك. پەلەستىن خەلقىنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، پەلەستىن خەلقىنىڭ پۈتۈنلىشىش ئۈچۈن خاماس چوقۇم زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى، بۇرۇنقى تۈزۈلگەن توختامنامىلەرگە رىئايە قېلىشى ۋە ئىسرائىلنىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قېلىشى كېرەك.
    ئوخشاشلا ئىسرائىلمۇ شۇنى بىلىشى كېرەككى، خۇددى ئىسرائىلنىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى رەت قىلىنالمىغىنىدەك پەلەستىننىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىمۇ رەت قىلىنالمايدۇ. ئا ق ش ئىسرائىل داۋاملاشتۇرىۋاتقان يەرلىشىم كەڭەيمىچىلىكىنى قوبۇل قىلمايدۇ. (ئالقىش)
    بۇ يەرلىشىم ئىنشائاتلىرى بۇرۇنقى توختامنامىلارغا خىلاپلا بولۇش بىلەن بىرگە، بەلكى تىنچلىقنى بەرپا قېلىشنىڭ ھۇلىنى كولاشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. بۇ يەرلىشىم مەركەزلىرىنىڭ توختاش ۋاقتى كەلدى. (ئالقىش)
    ئىسرائىلمۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا ياشىيالىشى ۋە ئۆز جەمئىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرالىشى ھەققىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. گازادىكى داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىي كرىزىس ۋە غەربىي قىرغاقتىكى بوغۇلما ئىسرائىلنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدا ئەكەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا پەلەستىن خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇشلار چوقۇم يول خەرىتىسىنىڭ ئايرىلماس پارچىسى بولىشى ۋە ئىسرائىل بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كونكىرىتنى تەدبىر ئېلىشى كېرەك.
    ئاخىرىدا ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ شۇنى تولۇق ھېس قىلىشى كېرەككى، يېڭىدىن باشلانغان ئەرەب تىنچلىق ھەرىكىتى مۇھىم بىر باشلانغۇچ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەرەب-ئىسرائىل توقۇنۇشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت ئىچكى مەسىلىلىرىدىن ئاھالىنىڭ دىققىتىنى بۇراشتىكى بىر ۋاسىتە قېلىنىپ قوللۇنۇلماسلىقى، دەل ئەكسىچە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنى ئىدارە قېلىشتا ۋە دۆلىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا زۆرۈر بولغان دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشى، ئىسرائىلنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېتىراپ قېلىشى، ئۆز-ئۆزىنى مەغلۇپ قېلىش ئاساسىدىكى ئۆتمۈشكە ئەمەس بەلكى كەلگۈسى تەرەققىياتقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرۇشى شەرت.
    ئامېرىكا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسەتلىرىنى دەل بۇ پرىنسىپلارغا بىنائەن يۈرگۈزىدۇ ۋە بىز ئىسرائىل، پەلەستىن ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىگە پىنھان يەردە نېمىلەرنى دېگەن بولساق ئاممىۋى سورۇندىمۇ ئوخشاش مەيداننى تەكىتلەيمىز. (ئالقىش)
    بىز تىنچلىقنى مەجبۇرىي ھالدا تاڭالمايمىز. كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئىسرائىلنىڭ بىر يەرگە يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئوخشاشلا كۆپلىگەن يەھۇدىيلارمۇ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يېتىپ بولدى. بىزگە چۈشكەن ۋەزىپە ھەممىگە ئايان بولغان، لېكىن ئېيتىلمىغان بۇ ھەقىقەت بويىچە ھەرىكەت قېلىشتۇر. (ئالقىش.)
    نۇرغۇن كۆز ياشلار ۋە كۆپلەپ قانلار تۆكۈلدى. ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەلەستىنلىك ۋە ئىسرائىلىيەلىك ئانىلارنىڭ ھېچبىر قورقۇمسىز ھالدا پەرزەنتلىرىنى بىخەتەر ھالدا تەربىيىلىيەلەيدىغان بىر كۈننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەشمەكتۇر. ئۈچ چوڭ دىننىڭ مۇقەددەس جايى بولغان بۇ مۇقەددەس تۇپراقلار خۇددى ئاللاھ ئارزۇ قىلغاندەك تىنچلىق ماكانى بولۇشى كېرەك. قۇددۇس(يېرۇسالىم) قاچانكى يەھۇدىيلار، خرىستىئانلار ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىخەتەر ۋە مەڭگۈلۈك ماكان بولغىنىدا، خۇددى ئىسرا(قۇرئاندىكى «ئىسرا سۇرىسى»دىكى ھېكايىنى كۆزدە تۇتقان)دا (ئالقىش) قەيت قىلىنغىنىدەك ئىبراھىمنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرى ئوز-ئارا قۇچاقلىشالايدىغان تىنچ بىر ماكانغا ئايلانغاندىلا، مۇسا، ئەيسا ۋە مۇھەممەد (ھەممىسىگە تىنچلىق يار بولسۇن) بىر ئارىدا دۇئا قىلالىغاندىلا ئاندىن بۇ تۇپراقلاردىكى تىنچلىق ئىشقا ئاشقان بولىدۇ. (ئالقىش)
    (3)
    بىزگە ئورتاق بولغان جىددىيلىككە سەۋەب بولۇۋاتقان ئۈچىنچى مەسىلە بولسا، دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئاتوم قوراللىرى جەھەتتىكى ھوقۇقلىرى ۋە مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەت.
    بولۇپمۇ بۇ مەسىلە ئا ق ش بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى چوڭ جىددىيلىككە سەۋەب بولىۋاتىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىران ئۆزىنى دۆلىتىمگە قارشى بىر كۇچ سۈپىتىدە تەرىپلەپ كەلدى. تارىخىمىزدا بۇ بوران-چاپقۇنلۇق مۇناسىۋەتلەرگە دائىر كۆپ پاكىتلارمۇ مەۋجۇت. سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە ئامېرىكا ئىران خەلقى تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ئىران ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى رول ئوينىدى. ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىران گۆرەگە ئېلىش يولى بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە خەلقىگە قارشى زوراۋانلىق پوزىتىسىيىسى تۇتتى. بۇ تارىخلار ياخشى بىلىنگەن تارىختۇر. ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەرگە قارشى بولۇش ئورنىغا، مەن ئىران رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە بۇندىن كىيىن ئالدىمىزغا قاراپ قەدەم بېسىشقا تەييارلانغانلىقىمنى ئوچۇق ئىپادىلىدىم. ھازىرقى سۇئال ئىراننىڭ نېمىگە قارشى تۇرۇشى ئەمەس بەلكى ئىراننىڭ قانداق بىر كەلگۈسى بەرپا قىلماقچى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت.
    مەن ئون نەچچە يىللاردىن كەلگەن بۇ ئىشەنچسىزلىكنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ئىرادە، كەسكىنلىك ۋە ئۈزلۈكسىزلىك ئىچىدە بۇ ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمەن. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ناھايىتى كۆپ مەسىلىلەر مەۋجۇت ۋە بىز ئوزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قوشماستىن ئالدىمىزغا قاراپ يول ئالىمىز.
    مەسىلىگە ۋاقىپ بولغان تەرەپلەرگە ناھايىتى ئېنىقكى، ئاتوم يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە بىز كەسكىن بىر نۇقتىغا كېلىپ يەتتۇق. ئوتتۇرا شەرقتە، پۈتۈن رايوندا ۋە يەرشارىدا ناھايىتى خەتەرلىك نەتىجىلەرنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئاتوم يادرو قوراللىرى رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يالغۇزلا ئامېرىكانىڭلا مەنپەئەتى ئەمەس.
    مەن يەنە نېمە ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاتوم قوراللىرى بار ۋە بەزىلىرىنىڭ نېمىشقا يوق دېگەن چۇشەنجە ئاساسىدا ئوز نارازىلىقلىرىنى بىلدۇرگەنلەرنىمۇ ياخشى چۈشۈنۈمەن. ھىچ بىر يەككە دۆلەت كىمنىڭ ئاتوم قورالىغا ئىگە بولۇشى ياكى بولماسلىقىغا قارار بەرمەسلىكى كېرەك. شۇ سەۋەبتىن مەن ئامېرىكانىڭ ھىچ قانداق دۆلەتنىڭ ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە بولماسلىقىدەك مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۇرمەكچى. (ئالقىش)
    ھەر قانداق دۆلەت، ئىرانمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، ئاتوم قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش ئەھدىنامىسىگە بويسۇنۇش شەرتى ئاستىدا زۆرۈر بولغان تىنچلىق مەقسىتىدىكى ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق. بۇ مەسئۇلىيەت مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ يادروسى بولۇپ مۇتلەق شەكىلدە بويسۇنۇش زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىدىن ئىبارەتتۇر. ئىشىنىمەنكى بۇ رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەر مەزكۇر غايىگە ئورتاقلىشالايدۇ.
    (4)
    مەن تەكىتلەيدىغان تۆتىنچى مەسىلە بولسا، دىموكراتىيەدۇر. (ئالقىش)
    يېقىندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىراق ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا دېموكراتىيەنى تەرغىب قېلىش جەھەتتە كۆپ قارمۇ-قارشىلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن خەۋەردارمەن. مەن ناھايىتى ئوچۇق ۋە كەسكىن ھالدا ئېيتايكى، ھىچ بىر دۆلەت سىستېمىسى باشقىلارغا باشقا بىر دۆلەت ۋە ياكى مىللەت تەرىپىدىن مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك.
    بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى مىنىڭ ئىرادەمنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ. ھەر بىر دۆلەت ئۆز خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى ۋە ھايات شەكىللىرى ئاساسىدا بۇ پرىنسىپلارغا كېرەكلىك مەنالارنى يۈكلەيدۇ. خۇددى تىنچلىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان سايلاملارنىڭ غەلىبىلىرىنى بىز بەلگۇلىيەلمىگىنىمىزدەك ئولتۇرغان يېرىمىزدە كىمگە نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەلىشىمىزمۇ مۈمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بىر ئارزۇغا ئىگە ئىكەنلىكىگە كەسكىن ھالدا ئىشىنىمەن. يەنى ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئەركىن ئىپادىلەش، قانداق ئىدارە قېلىنىۋاتقانلىقلىرىغا دائىر ئۆز پىكرىنى بايان قېلىش، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشقا ۋە ئادالەتنىڭ ئادىل ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىيالاش، ئۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىش قېلىشى ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئوغرىلىماسلىقى، ھەركىمنىڭ ئۆزى تاللىغان يەردە ياشىيالىشى ئەركىنلىكى قاتارلىقلار تىپىك مىساللاردۇر. بۇلار يالغۇز ئامېرىكانىڭ ئىدىيىلىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇلار ئەڭ تەبىئىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدۇر. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن بىز بۇ ئىدىيەلەرنى ھەر يەردە قوللايمىز. (ئالقىش)
    نۆۋەتتە بۇ ۋەدىلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈز كەتكەن بىر يولى يوق. لېكىن شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ھوقۇقلارنى قوغدىغان، ھىمايە قىلغان دۆلەتلەر تېخىمۇ مۇقىم، مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە بىخەتەر ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. پىكىرلەرنى باستۇرۇش ھىچ بىر شەكىلدە ئۇ پىكىرلەرنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. بەزىدە بىز ھىچ بىر شەكىلدە قوبۇل قىلمىساقمۇ، قانۇن ئىچىدە ۋە تىنچلىق ئاساسىدا بارلىق پىكىرلەرنىڭ ئەركىن ھالدا ئىپادىلىنىشىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ كەلدۇق. بارلىق سايلانغان، تىنچلىقسۆيەر ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بۇ ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا دۆلەتنى ئىدارە قېلىشىنى قارشى ئالىمىز.
    بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتا ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى بەزىلەر پەقەت ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قۇدرىتىدىن ئۇزاق قالغاندىلا ئاندىن دېموكراتىيەنى تەرغىب قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇلار ھوقۇق تۇتقاندا رەھىمسىزلەرچە باشقىلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدۇ. (ئالقىش)
    شۇنداقكەن، نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر خەلق تەرىپىدىن خەلق ئۈچۈن دەپ ھوقۇققا چىققان ئۇ ھۆكۈمەتلەر بارلىق ئىنسانلا ئۈچۈن ئورتاق بىر ئۆلچەم بېكىتىشى شەرت. ئۇلار ئوز ھوقۇقلىرىنى زوراۋانلىق ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ رازىلىقى ئاستىدا يۈرگۈزۈشى، ئازسانلىقلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قېلىشى، يول قويۇش ۋە كەڭ قورساقلىق پرىنسىپلىرى بىلەن ئىدارە قېلىشى، ئۆز خەلقىنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى ھەمدە دۆلەتتىكى سىياسى مىخاينىزىملارنىڭ ھەققانى جەريانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ پارتىيىسىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇتۇشى شەرت. بۇ تەركىبلەر ئىشقا ئاشۇرالماي تۇرۇپ يالغۇز سايلام ئۆتكۈزۈش بىلەن ھەقىقىي دېموكراتىيە بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ.
    تىڭشىغۇچىلار: باراك ئوباما، بىز سىزنى سۆيىمىز!
    پرېزدېنت ئوباما: تەشەككۈرلەر. (ئالقىش)

    داۋامى بار:

    ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: م. توختى

  •  

    ئوبامانىڭ قاھىرە نوتۇقى(1)

     

    يىڭى باشلىنىش

     

    قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى(مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە)(2009-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى)
    پرېزدېنت ئوباما: سىزلەرگە كۆپ رەھمەت!
    خەيرلىك چۈشتىن كىيىن


    مەن ئۆلمەس شەھەر قاھىرەدە بولغانلىقىمدىن ۋە بۇ شەھەردىكى پەۋقۇلئاددە ئىككى ئورۇن تەرىپىدىن كۇتىۋىلىنغانلىقىمدىن ناھايىتى چوڭ شان شەرەپ ھېس قىلدىم.
    مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان، ئەل-ئەزھەر ئىسلامىي ئىلىمنىڭ بوشۇگى بولۇپ كەلگەن بولسا قاھىرە ئۇنىۋىرىستىتى مىسىرنىڭ ئىلگىرلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەنبە بولغان ئىدى. ئىككى ئورگان دائىما ئەن-ئەنە ۋە ئىلگىرلەشنىڭ ئورگانىك بىرلەشمىسىگە ۋەكىللىك قىلدى. مەن سىلەرنىڭ مېھمان -دوستلۇقۇڭلارغا، مىسىر خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقىغا مىننەتدارمەن.
    شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقىنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى ھەمدە دۆلىتىمدىكى تىنچلىقسويەر مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئىللىق سالامىنى سىلەرگە ئېلىپ كەلگەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن.
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. (ئالقىش)
    بىز، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەيدانغا چىققان ۋە يىلتىزى ھازىرقى مەۋجۇت سىياسى تالاش تارتىشلارنىڭ ئۆتەسىدىكى تارىخى ۋەقەلەرگە تاقىلىدىغان ناھايىتى جىددىي بىر ۋەزىيەت ئاستىدا كورۇشۇپ تۇرۇپتىمىز.
    ئىسلامىيەت بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەسىرلەر بويى داۋام قىلغان تەڭ مەۋجۇت بولۇش ۋە ھەمكارلىشىشىنى، شۇنداقلا توقۇنۇش ۋە دىنىي ئۇرۇشلارنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.
    يېقىنغا نەزەر سالساق، بۇ جىددىيلىكنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنىڭ بولسا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنمىغان مۇنقەرزچىلىكدىن ۋە مۇتلەق كوپ سانلىق ئاھالىسى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەرنىڭ قورچاق ئورنىدا كورۇلگەنلىكىدەك رىياللىقتىن ئوزۇقلانغانلىقىنىى كۈرۈۋالالايمىز. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ دەۋرىمىزدىكى زامانىۋىلىشىش ۋە گلوباللىشىش(يەرشارىلىشىشى؟) دولقۇنى ئېلىپ كەلگەن تىز ئوزگۇرۇشلەر كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە غەرب دۆلەتلىرىنى ئوزلىرىنىڭ ئىسلامىي ئەن-ئەنىلىرىگە دۈشمەن كورۇشتەك تۇيغۇنى شەكىللەندۈردى.
    زوراۋان ئاشقۇن كۇچلەر بۇ جىددىيلىكنى سۇيئىستىمال قېلىب تۇرۇپ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سانى ئاز بولسىمۇ لېكىن قابىل بىر گۇرۇپنى ئازدۇرۇپ زوراۋان كۇچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.
    2001-يىلىدىكى 11-سېنتەبىر ھۇجۇمى ۋە بۇ ئاشقۇن زوراۋانلارنىڭ گۇناھسىز خەلقلەرگە قاراتقان تەھدىتكارلىقلىرى دۆلىتىمدىكى بەزى كىشىلەر ئارىسىدا ئىسلامىيەتنى يالغۇز ئامېرىكا ۋە غەربكە قارىتالا ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىنمۇ دۈشمەن كۇچ دەپ قارايدىغان كىشىلەر مۇقەررەر ھالدا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ تېخىمۇ كوپ قورقۇنچ ۋە ئوزئارا ئىشەنچسىزلىك تۇغدۇردى.
    ئەگەر ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتلەر بىزنىڭ پەرقلىقلىقىمىز ئارقىلىق بەلگۇلىنىدىغانلا بولسا بىز تىنچلىقنى ئەمەس بەلكى ئۆچمەنلىكىنى، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەققانىيەت ۋە گۇللۇنۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغانلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئەمەس بەلكى توقۇنۇشنى تەرغىب قىلغۇچىلارنى كۇچلەندۇرگەن بولىمىز. بۇ خىل گۇمانخورلۇق ۋە چىقىشالماسلىقلار چەمبىرىگە چوقۇم خاتىمە بېرىلىشى كېرەك.
    مەن قاھىرەگە ئامېرىكا ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئوز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئوز-ئارا ھۆرمەت قېلىش ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ئىسلامىيەتنىڭ بىر بىرىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقى ۋە ئوزئارا رىقابەت ئىچىدە ئەمەسلىكىدەك ئاددىي بىر ھەقىقەت ئاساسىدا يېڭىدىن بىر سەپەر باشلاش ئۈچۈن كەلدىم. ئەمىلىەتتە بولسا ئىسلامىيەت ۋە ئامېرىكا بۇتۇن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات، ھوشكورۇش ۋە ئىززەت ھۆرمەت قاتارلىق پرىنسىپلاردا بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە تولدۇرىدۇ.
    شۇنىمۇ ياخشى بىلىمەنكى، بۇ ئۆزگۇرۇشلەر بىر كېچىدە يۇز بەرمەيدۇ. مەن بۇ نۇتۇقۇم ھەققىدە تارقىلىۋاتقان ناھايىتى كۆپ ئۇچۇرلاردىنمۇ خەۋەردارمەن ۋە يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن بۇ ئىشەنچسىزلىكنىڭ بىر نۇتۇق بىلەن يوق بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىمەن.
    شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئالدىمىزغا قاراپ چامدايمىز دەيدىكەنمىز، بىز چوقۇم كۆپ ھاللاردا يېپىق ئىشىك ئارقىسىدا دېيىلىپ كەلگەنلەرنى ئوچۇق كۆڭۇللۇك بىلەن بىر- بىرىمىزگە ئېيتىشىمىز كېرەك. بىر-بىرىمىزنى تىڭشاشقا، بىر-بىرىمىزدىن ئۆگىنىشكە، بىربىرىمىزگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئوز-ئارا ئورتاق زېمىن تېپىشقا ئىزچىل غەيرەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. خۇددى مۇقەددەس قۇرئان بىزگە ئۇگەتكىنىدەك: «دائىما ئاللاھنى ياد-ئەيلە ۋە ھەقىقەتنى سۆزلە»(ئالقىش)
    بۈگۈن مەن دەل شۇنى قىلماقچى، يەنى ئامالىمنىڭ يېتىشىچە، بىزنى كۇتۇپ تۇرغان ۋەزىپىلەرگە بولغان كەمتەرلىكىم، ئوخشاش ئىنسانلار بولۇشىمىز سەۋەبلىك ئوز-ئارا بىر-بىرىمىز بىلەن بولغان ئورتاقلىقىمىزنىڭ بىزنى ئايرىيدىغان ئامىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك ئىكەنلىكىگە بولغان تولۇق ئىشەنچىم بىلەن سىلەرگە ھەقىقەتلەرنى سۆزلىمەكچىمەن.
    مېنىڭ بۇ غايەم ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھايات تەجرىبەمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. مەن بىر خرىستىئان، لېكىن مىنىڭ دادام كېنىيەلىك بولۇپ ئائىلىسىدە بىر قانچە ئەۋلاد مۇسۇلمانلار بار. بالىلىقىمدا بىر قانچە يېلىمنى ھىندونېزىيىدە ئۆتكۈزگەن ۋاقتىمدا ھەر كۈنى سەھەر ۋە ئاخشامدا ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم. ياشلىقىمدا بولسا ئىسلامىي ئېتىقادىدىن ئوزلىرىگە ھۇزۇر ۋە شان شەرەپ تاپقان كۆپلىگەن جامائەت مەنسۇپلىرى بىلەن چىكاگودا بىللە ئىشلىدىم.
    دۇنيا مەدەنىيەت تەرەققىياتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىسلامىيەتكە قەرزدار ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنلەردىنمەن. ئەسىرلەر بويىچە ئىلىم مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرگەن، ياۋروپانىڭ گۈللىنىشى ۋە ئويغىنىشىنىڭ يولىنى ئاچقان دەل ئىسلامىيەت ۋە ئەل-ئەزھەردەك ئىسلامىي بىلىم يۇرتلىرى ئىدى.(ئالقىش)
    ئالگېبرالىق تەرتىپلەرنى ئىجاد قىلغانمۇ، ماگنىتلىق كومپاس ۋە دېڭىز يولىنى ئېچىش ئەسۋابلىرىنى ئىجاد قىلغانمۇ، قەلەمكەشلىك ئۇستىلىرى ۋە مەتبەچىلىك تېخنىكىلىرىنى، كېسەللىكنىڭ يامرىشى ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلغانلارمۇ دەل مۇسۇلمان جامائەتلىرى ئىدى. ئىسلامىي مەدەنىيەتنىڭ بىزگە مىراس قالغان ئەسەرلەرلەر ئارىسىدا ھەشەمەتلىك مۇنارىلەر ۋە كۆككە تاقاشقان قۇببەلەر، ئۆلمەس شېئىرلار ۋە ھۇزۇر بېغىشلىغۇچى مۇزىكا كۈيلىرى، جەلپكار ھۆسنىخەتلەر ۋە ئىنسانغا ھۇزۇر بېغىشلىغۇچى ئىبادەتگاھلار قاتارلىقلار قىسقىغىنا مىسال بولالايدۇ. تارىخ بويىچە ئىسلامىيەت ھەم سۆزىدە ھەم ھەرىكىتىدە دىنىي خوش-كورۇش ۋە ئىرقىي باراۋەرلىكنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ كەلدى. (ئالقىش)
    مەن يەنە شۇنى ئوبدان بىلىمەنكى، ئىسلام دائىم ئامېرىكا ئەپسانىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەن. دۆلىتىمنى رەسمى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت ماراكەش ئىدى. 1796-يىلى ترىپولىدا ئىمزالانغان توختامنامىدە، بىزنىڭ 2- پرەزىدىنتىمىز جوھن ئادامس، «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۆزىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنلىرىغا، ئادەتلىرىگە ۋە دىنى ئېتىقادىغا قارشى ھىچ نەرسە مەۋجۇت ئەمەس» دەپ يازغان ئىدى. دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى مۇسۇلمانلار ئامېرىكا جەمئىيىتىنى بېيىتتى. ئۇلار ئۇرۇشلاردا بىز بىلەن بىللە جەڭ قىلدى، ئۈلار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت ئاقتۇردى، ئاممىۋىي ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرىدە ئالدىنقى سەپتە تىك تۇردى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەككە تىجارەتلەرنى شەكىللەندۈرۈپ راۋاجلاندۇردى، ئۇنىۋىرىستىتلىرىمىزدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى، تەنھەرىكەت مەيدانلىرىمىزدا ئوز تالانتىنى نامايان قىلدى، نوبېل مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى، تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئېگىز بىنالارنى ئىنشا قىلدى ۋە ئولىمپىك مەشئەللەرىمىزنى ياقتى.
    ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سايلانغان 1- مۇسۇلمان كوڭگرېس ئەزاسى تېخى يېقىندا ئاساسى قانۇنىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئىچكەن قەسەمنامىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى توماس جەففەرسوننىڭ شەخسى كۇتۇپخانىسىدىكى مۇقەددەس قۇرئانغا قول قويۇپ قەسەم بەردى. (ئالقىش)
    شۇڭا دەيمەنكى، مەن ئىسلامىيەتنى، ۋەھىي قىلىنغان بۇ تۇپراقلارغا كېلىشتىن بۇرۇنقى 3 قىتئەدە ئاللىقاچان تونۇپ بولغانمەن. بۇ تەجىربىلىرىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە شۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىمەنكى، ئامېرىكا بىلەن ئىسلامىيەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق چوقۇم «ئىسلامىيەتنىڭ نېمە ئەمەس ئىكەنلىكى»دە ئەمەس، بەلكى «ھەقىقىي ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكى»دە ۋۇجۇدقا چىقىشى كېرەك. ھېسابلايمەنكى، ئامېرىكا پرەزىدەنتى بولغان مىنىڭ يەنە بىر مەسئۇلىيىتىم: مەيلى نەدە ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن قەتئىينەزەر ئىسلامىيەت ھەققىدىكى سەلبىي ئوبرازلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. (ئالقىش)
    لېكىن ئوخشاش پرىنسىپلار چوقۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكاغا بولغان قاراشلىرى ئۈچۈنمۇ كۇچكە ئىگە. (ئالقىش)
    خۇددى مۇسۇلمانلار ئاددىيغىنا رادىكال بىر كاتېگورىيەگە چۇشمىگىنىگە ئوخشاش، ئامېرىكا ھەم پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئويلايدىغان ئاددىيغىنا يەككە قاراشتىكى بىر ئىمپېرىيە كاتېگورىيىسىگە چۈشمەيدۇ
    ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۇنيا تارىخىدا بىلىنگەن بىردىن-بىر ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەشنىڭ يېگانە مەنبەسى ۋە مىسالى. بىز ئىمپىرىيالىزىمغا قارشى قىلىنغان ئىنقىلاب نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلدۇق. گەرچە بىز «ھەممە تەڭ باراۋەر يارىتىلغان» دېگەن پرىنسىپلار ئاساسىدا دۆلىتىمىزنى قۇرغان بولساقمۇ، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئەمىلىلەشتۇرۇش ئۈچۈن دۆلىتىمىز ئىچىدە ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئەسىرلەرچە قان تۆكۈپ كۈرەش قىلدۇق. بىز بارلىق مەدەنىيەتلەردىن شەكىللەندۇق، دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىدىن سۈرۈلۈپ بىر يەرگە كەلدۇق ۋە بىرلا ئاددىي پرىنسىپ ئۈچۈن جەم بولدۇق. ئۇ بولسىمۇ «ھەممە بىرلىشىپ ھەممىگە ئورتاق بىرنى يارىتىش»
    مانا بۈگۈن مەندەك باراك ھۇسەيىن ئوباما نامىدىكى ئافرىقا نەسلىدىن بولغان بىر ئامېرىكالىقنىڭ پرەزىدېنت بولۇپ سايلىنالىغانلىقى مېنىڭ يۇقۇرىدا ئېيتقانلىرىمنى ئىخچاملايدىغان تارىخى پاكىتتۇر. (ئالقىش)
    مىنىڭ ئامېرىكا ھېكايەمنى يېگانە ئەھۋال دېگىلى بولمايدۇ. گەرچە ھەممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولغان «ئامېرىكا ئارزۇسى» ھەر بىر كىشىدە تەڭلا ئەمەلىيلەشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكادىن ئىبارەت بۇ ئارزۇ تەمىنلىگەن پۇرسەتلەر دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن قىرغاقلىرىمىزغا كەلگەن بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن، شۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ۋە يىللىق كېرىم ۋە تەلىم تەربىيە سەۋىيىسى جەھەتتىن ئوتتۇرىچە ئامېرىكالىقلاردىن خېلىلا يۇقىرى بولغان 7 مىليون مۇسۇلمان ئۈچۈنمۇ كۇچكە ئىگە. (ئالقىش)
    تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئامېرىكادىكى ئەركىنلىك بىراۋنىڭ دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكادا ھازىر ھەر بىر شتاتتا كۆپ ساندا مەسچىت بار بولۇپ، ئامېرىكادىكى توپلام مەسچىت سانى 1200 دىن ئاشىدۇ.
    يەنە شۇ سەۋەبتىنكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ياغلىق چىگىشىنى قوغداش ۋە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاش ئۈچۈن ئالىي سوتقا بېرىپ بۇ ھەقتە ھوكۇم چىقارغۇزدى. (ئالقىش)
    شۇڭلاشقا ئىسلامنىڭ ئامېرىكانىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىدە ھىچ بىر شۈبھە يوق. مەن ئىشىنىمەنكى، ئامېرىكا مەيلى قايسى ئىرق، دىن ۋە ياكى تۇرمۇش شەكلىدىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممىمىزنىڭ تىنچ ۋە بىخەتەر ياشاش، زورۇر تەلىم تەربىيە ئېلىش ۋە ئوز غۇرۇرىمىز بىلەن خىزمەت قىلىش، ئائىلىمىزنى، جامائەتىمىزنى ۋە ياراتقان ئاللاھنى سۆيۇش قاتارلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلاردا ئورتاق ئارزۇلارغا ئىگە ئىكەنلىكىمىزدەك ھەقىقەتكە مەڭگۈ سادىق قالىدۇ. چۈنكى بۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.
    ئەلۋەتتە ھەممىمىزگە ئورتاق بۇ نۇقتىلارنى ئېتىراپ قېلىش بولسا ۋەزىپىمىزنىڭ ئەڭ باشلانغۇچىدىنلا ئىبارەت. چۈنكى، سۆزلەر ئىنسانىيەتنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ. بۇ ئېھتىياجلار پەقەت ئالدىمىزدىكى يىللاردا ھەممىمىز يۈرەكلىك ھەرىكەت قىلالىغىنىمىزدىلا، ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بۇ قىيىنچىلىقلارنى باراۋەر چۇشەنگىنىمىزدىلا ئەمىلى جاۋابقا ئېرىشەلەيدۇ، ئەگەر بۇ ئېھتىياجلارغا جاۋاب بېرىشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىساق بۇ مەغلۇبىيەت ھەممىمىزنى ئېغىر ھالدا ئازابلايدۇ.
    يېقىندىكى ئىقتىسادىي كرىزىسلەردىن ئۇگەنگىىنىمىزگە ئوخشاش، بىر دۆلەتنىڭ مالىيە سىستېمىسىدا مەيدانغا كەلگەن مەسىلە دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى ئىقتىسادىي گۈللۈنۈشكە تەسىر قىلىۋاتىدۇ. بىر زۇكامدىن يۇقۇملانغان بىر شەخس ھەممىمىزنى خەتەر گىردابىغا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە بولۇشى بولسا بارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئاتوم تەھدىتلىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈۋاتىدۇ. بىر تاغ قاپتىلىدىكى ئاشقۇن گۇرۇپلارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قېلىشى ئوكياننىڭ باشقا تەرىپىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت قىلىۋاتىدۇ. بوسنىيادا ۋە دارفۇردا يۇز بەرگەن قىرغىنچىلىقلار بولسا ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ۋىجدانىمىزغا بىر داغ بولۇپ يەرلىشىۋاتىدۇ. (ئالقىش)
    شۇنداقكەن بۇ 21-ئەسىردە دۇنيايىمىزغا ئورتاق بولۇش دېگەنلىك بىرىمىزنىڭ يەنە بىرىمىزگە بولغان مەسئۇلىيەتلىرىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ دېگەنلىكتىن ئىبارەت. مانا بۇ قوبۇل قېلىش ناھايىتى قىيىن بولغان بىر مەسئۇلىيەت.
    ئىنسانىيەت تارىخى بىر مىللەت ياكى بىر قەبىلىنىڭ، شۇنداقلا بىر دىننىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسى مەنپەئەتىنى دەپ باشقا بىرىنى بويسۇندۇرۇش تارىخىدىن ئىبارەت. لېكىن بۇ يېڭى دەۋردە بۇ خىل پوزىتسىيە ئۆزىنى مەغلۇپ قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. ھازىرقىدەك بىر-بىرىمىزگە باغلانغان بىر دۇنيادا بىر مىللەتنى باشقا مىللەتتىن ياكى بىر گۇرۇپنى يەنە باشقا بىر گۇرۇپتىن ئۇستۇق تۇتىدىغان دۇنيا تەرتىپى مۇقەررەر ھالدا يېڭىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئۆتمۇش ھەققىدە نېمە ئويلىساق ئويلايلى، لېكىن يالغۇز ئۆتمۇشتە توختاپ قالمايلى. مەسىلىلىرىمىزنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى، تەرەققىياتلىرىمىزدىنمۇ بىر بىرىمىز بىلەن ئورتاق ھالدا نەسىپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. (ئالقىش)
    بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، پۈتۈن يۇقاردا ئەيتىلغانلار ھەرگىزمۇ ئارىمىزدىكى جىددىيلىكنىڭ مەنبەسىگە سەل قارىشىمىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. رىياللىق بۇنىڭ دەل ئەكسىنى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپتۇ. بىز بۇ جىددىيلىك بىلەن ئىككىلەنمەستىن يۇزلىشىمىز. بۇ ئاساستا بىز ئورتاق تاقابىل تۇرماقچى بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە بارلىق كۇچۇم بىلەن ئوچۇق يورۇق ھالدا پىكىرلىرىمنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىمەن.
    (1)
    بىز يۇزلەنگەن بىرىنچى مەسىلە بولسا، ھەر خىل شەكىلدىكى ئاشقۇن زوراۋانلىقلاردىن ئىبارەت.
    مەن ئەنقەرەدە «ئامېرىكانىڭ ئىسلام بىلەن ئۇرۇشتا ئەمەسلىكىنى ۋە بولمايدىغانلىقىنى» ناھايىتى ئوچۇق بىلدۈرۈپ ئۆتتۇم. (ئالقىش)
    لېكىن بىز، بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سالىدىغان زوراۋان كۇچلەرگە نىسبەتەن ھارماي-تالماي كۈرەش قېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، چۈنكى بىز، پۈتۈن دىنلار ئورتاق رەت قىلغاندەك «بىگۇناھ ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى ئۆلتۇرۇشنى» قەتئىي رەت قىلىمىز. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ مىنىڭ 1- ۋەزىپەم ئامېرىكا خەلقىنى قوغداشتىن ئىبارەت.
    ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ئامېرىكانىڭ ئۇ يەردىكى غايىسىنى نامايان قېلىش بىلەن تەڭ، يەنە بىر تەرەپتىن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىمىزنىڭ زۆرۇرلىكىنى ئىشارەت قىلىۋاتىدۇ. 7 يىلدىن بېرى ئامېرىكا كەڭ كۆلەملىك خەلقئارا ھىمايە ئاستىدا ھەم ئەل-قائىدە ۋە تالىبانغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى. ئۇ يەرگە كىتىشىمىز بىزنىڭ تاللىشىمىز ئەمەس، بەلكى بىزگە چۈشكەن مەجبۇرىيەتتىن بولدى. تېخىچە 11-سېنتەبىر ھەققىدە گۇمان قىلىۋاتقان ۋە ھەتتا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى توغرا بولدى دەۋاتقانلار يوق ئەمەس. ئالدى بىلەن شۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويايلى. ئۇ كۈنى ئەل-قائىدە زوراۋانلىرى 3000 دىن ئارتۇق ئىنساننى ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقەنىڭ قۇربانلىرى ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىگە تەۋە بولغان بىگۇناھ ئەر، ئايال ۋە بالىلار بولۇپ، ئۇلار ھېچكىمگە زىيانلىق ھىچ بىر ئىش قىلمىغان ئىدى. ھال شۇنداقكەن ئەل-قائىدە بۇ ئىنسانلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپ ۋە بۇ قىرغىنچىلىقتىن ئۆزىگە پاي چىقىرىپلا قالماستىن، ھەتتا مۇشۇ پەيتتە ھەم توپ ھالەتتە تېخىمۇ كوپ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن نىيىتىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ھۆكۇرىتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە مۇرىتلىرى بولۇپلا قالماستىن ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كىڭەيتىش ئۈچۈن ئىزچىل ھەرىكەتتە تۇرىۋاتىدۇ. بۇلار تالاش-تارتىش قىلىدىغان تېمىلار ئەمەس، بەلكى قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك رىياللىقلاردۇر.
    ھېچكىم خاتالاشمىسۇنكى، بىز قوشۇنلىرىمىزنى ئافغانىستاندا مەڭگۈ تۇتمايمىز، ئۇ يەردە ھېچبىر ئەسكىرىي بازا قۇرمايمىز. ياش ئەر-ئايال ئەسكەرلىرىمىزنى ئافغانىستاندا قۇربان بېرىش پۈتۈن ئامېرىكالىقلارنى بىئارام قىلىدىغان ئەھۋالدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇرۇشنىڭ تەننەرقى ناھايىتى قىممەت بولۇپ، سىياسى جەھەتتىن بۇ توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋىرىشمۇ ئىمكانسىز. قولىدىن كەلسە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىقلارنى ئۆلتۈرۈشكە نىيەتلەنگەن ئافغانىستاندىكى زوراۋان ئاشقۇن كۇچلەرنىڭ ۋە شۇئاندا پاكىستاندا باش كۆتۈرگەن زوراۋانلارنىڭ يوقالغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ پەيدا قىلغان پەيتىمىزدە، ھىچ بىر ئامېرىكالىق ئەسكەرنى ئۇ يەرلەردە تۇتمايمىز ۋە ھەممىسىنى دەرھال قايتۇرۇپ كېلىمىز.
    لېكىن، بىز ھازىرچە ئۇ نۇقتىغا يەتكىنىمىز يوق. شۇ سەۋەبتىن بىز ئافغانىستاندا 46 دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. ئۇرۇش چىقىمىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى قارارى ئاجىزلىمىدى.
    ئەلۋەتتە، بۇ زوراۋانلارغا ھېچبىرىمىز كەڭچىلىك قىلماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلار كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئارىسىدا خىلمۇ-خىل ئىتىقادتىكى كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۆلتۈرگىنى يەنىلا ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئىتىقادتىكى مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەت.
    ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق بولغان ھەق-ھوقۇق نۇقتىسىدىن، مىللەتلەرنىڭ ئالغا بېسىشى نۇقتىنەزىرىدىن ۋە ھەتتا ئىسلامىيەتنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرى جەھەتتىنمۇ قوبۇل قېلىش مۈمكىن ئەمەس. مۇقەددەس قۇرئان بىزگە: «ئەگەر كىمىكى بىگۇناھ ئىنساندىن بىرنى ئۆلتۈرسە، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئولتۇرگەندەك ۋە كىمىكى بىر ھاياتنى قۇتقۇزسا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قۇتقازغاندەك بولىدۇ» دەپ ئۆگىتىدۇ. (ئالقىش)
    مىلياردتىن كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى ناھايىتى ئازسانلىق كىشىلەرنىڭ ئۆچمەنلىك ئىدىلوگىيەسىدىن تېخىمۇ كۇچلۈك ۋە قۇدرەتلىكتۇر. ئىسلام ئازسانلىق زوراۋانلارغا قارشى ئۇرۇشتا ھەرگىزمۇ مەۋجۇت مەسىلىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس، بەلكى دۇنيا مىقياسىدا تىنچلىقنى تەرغىب قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلدىن ئىبارەت
    بۈگۈن بىز يەنە يالغۇز ئەسكىرىي كۇچنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قېلىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن بىز ھەر يىلى 1. 5 مىليارد دوللار مەبلەغنى 5 يىل بويىچە ئاجرىتىپ پاكىستان بىلەن ئىش بىرلىكى ئىچىدە ئۇ يەردىكى مەكتەپلەرنى، دوختۇرخانىلارنى، يوللارنى ۋە يېڭى تىجارىي مۇئەسسەسەلەرنى بەرپا قېلىشتىن باشقا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن يۈز مىليونلارچە پۇل ئاجرىتىپ ئۇلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىۋاتىمىز. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئافغانىستانغا 2. 8 مىليارد دوللار پۇل ئاجرىتىپ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۆز خەلقىغە زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى تەمىن قىلالىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىۋاتىمىز.
    مەن ئىراق ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتەي. ئافغانىستاننىڭ ئەكسىچە، ئىراق ئۇرۇشى ئۆز دۆلىتىمدىمۇ ئۆزلۈكسىز تالاش-تارتىشلارغا ۋە پەرقلىق پىكىرلەرگە دۇچ كەلگەن بىزنىڭ تاللىشىمىزدىكى بىر ئۇرۇش ئىدى.
    گەرچە دىكتاتور ساددامدىن كېيىن ئىراق خەلقى ياخشىراق كۇن كۆرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىراقتىكى بۇ ھادىسىلەر بىزگە مۈمكىن بولغان مۇددەتچە مەسىلىلەرنى ھەل قېلىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە قاناللىرى ئارقىلىق خەلقئارالىق بىر ھەمكارلىقنى بەرپا قېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى خاتىرلاتماقتا. (ئالقىش)
    ئەلۋەتتە، توماس جەففەرسوننىڭ: «مىنىڭ ئۈمىدىم-كۈچىمىزنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئەخلاق پەزىلىتىمىزنىڭمۇ كۈچلىنىشى ۋە قاچانكى كۈچىمىزنى ئاز قوللانساق ئاخىرىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كېلىدىغانلىقىمىزنى» كۇچلۇك ھالدا ئىپادىلىگەن ئۇ مەشھۇر سۆزنى دائىما زېھنىمىزدە تۇتقىنىمىز ياخشى (ئالقىش)
    بۈگۈن ئامېرىكانىڭ قوشلاپ مەسئۇلىيىتى بار، ئۇ بولسىمۇ ئىراقلىقلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىگە ئىگە بولىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىش ۋە ئىراقنى ئىراقلىقلارغا تىنچ ھالەتتە ئۆتكۇزۇپ بېرىشتىن ئىبارەت. (ئالقىش)
    مەن ئامېرىكانىڭ ئىراقتا ئەسكىرى بازا قۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ تېررىتورىيىسى، زېمىنلىرىدىكى بايلىقلىرى ھەققىدە ھىچ قانداق تەلىپىنىڭ يوقلىقىنى ئىراق خەلقىگە ئوچۇق ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم. ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىراقلىقلارغا ئائىت. شۇ سەۋەبتىن مەن ئامېرىكا ھۇجۇمچى قوشۇنلىرىنى كېلەر يىلى ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ئىراقتىن چېكىندۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردۈم. بىز ئىراق خەلقى تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بارلىق توختامنامىلارغا سادىق بولغان ھالدا، ئىراقتىكى ھۇجۇمچى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن باشقا يەنە 2012-يىلىغىچە بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ بولىمىز. (ئالقىش)
    بىز ئىراقلىقلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەسكىرى قوشۇنلىرىنى تەربىيىلىشى ۋە ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق ياردەمنى بېرىمىز. بىز ئىراقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە بىخەتەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا ھەرگىز ئىراققا خوجايىنلىق قىلغان ئاساستا ئەمەس بەلكى بىر ئورتاقلىق چۈشەنچىسى ئىچىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارىمىز.
    ئاخىرىدا يەنە تەكىتلەيدىغىنىم، بىز ئامېرىكالىقلار ئاشقۇن زوراۋانلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش بىلەن بىللە يەنە ئۆزىمىزنىڭ پرىنسىپلىرىمىزدىن چەتنىمەسلىكىمىز ۋە ئۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.
    «11-سېنتەبىر»-دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولدى. گەرچە بۇ زەربىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان قورقۇنچ ۋە غەزەپلىنىشنى چۈشۈنۈش مۈمكىن بولسىمۇ، بەزى ھاللاردا بۇ خىل روھىي كەيپىيات ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىمىز ۋە ئىدىياللىرىمىزغا زىت قىلمىشلارنىڭ يۇز بېرىشىغا سەۋەبمۇ بولدى. بىز بۇلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كونكرېتنى تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتىمىز. مەن ئامېرىكادا قىيىن قىستاقنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلەش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرۈش بىلەن بىللە، كىلەر يىلىغا قالماي گۇئانتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدىم. (ئالقىش)
    ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان ۋە قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئۆزىنى موداپىئە قىلىدۇ. بىز بۇلارنى تېخىچە تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان جامائەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا ئىشقا ئاشۇرىمىز. زوراۋان ئاشقۇن كۇچلەر قانچە تىز يېتىم قالسا ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا قارشى ئېلىنمايدىغان ھالغا ئۆتسە بىزمۇ شۇنچە تىز بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن بولىمىز.

    داۋامى بار:

     

    ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: م. توختى

  •  

     

    خوجىنىياز ھاجىمنىڭ نامىدا يىزىلغان ئىككى پارچە خەت



    ئورخۇن مۇنبىرىدىن بۇ رەسىملەرنى كۆرۇپ قايمۇقۇپ قالدىم ئابدۇرىھىم ئۆتكۇرنىڭ ئويغانغان زىمىن ناملىق ئەسىرىدە تەمىنلىگەن مەزمۇنلار بىلەن بۇ قوليازمىنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلىسا ھەقىقەتەن قايمۇقۇپ قالىدىكەن بۇ خەتلەرنى خۇجانىياز ھاجىم يازغانمۇ ياكى شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت خۇجانىياز ھاجىمنىڭ نامىدا يازغانمۇ بۇنىسى نامەلۇم.

     

     

    تۈركىيە دۆۋلىتىگە:


    ساناقسىز مەدھىيە ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر.ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۆزى رازى بولغان ئەلچىسىگە بولغاي.

    ئالىيلىرى ھوزۇرىغا ئاجىزانە يېتىپ كەلگەنلىكىمىز شەرەپ ۋە قوبۇل تاپسۇنكى، بىز يېڭىغىنە قۇرۇلغان ھۆكۈمىتىمىز ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھۆكۈمەتكە كېرەكلىك ئەسۋابلەرنىڭ كەملىكى جەھەتىدىن، ئالىيلىرى ھوزۇرىغا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى نازىرى بەردى ھاجى پەرزەنتى قاسىم ھاجىنى ئەۋەتتۇق. مەرھەمەت قىلىپ مەزكۇر ۋەكىلىمىز قاسىم ھاجى سورىغان قۇراللاردىن يەنى: مىلتىق،ئوق،پىلىمۇت،ئاپتوموبىل ۋە ئايروپىلان قاتارلىق سورىغان سايمانلارنى بەرمەكلىرىنى ئارزۇ قىلىمىز. سايمان ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ۋەزىپىنى ۋەكىلىمىز قاسىمجان ھاجى جاۋاب قىلىدۇ.
    ئىككىنچى ئۈمىدىمىز سورىغان سايمانلىرىمىزغا مەرھەمەت قىلىنسا،رەھىم قىلىپ، ئۆز چېگرىمىزغا ۋاسىتىلەر بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ ئالدىلىرىغا خەت ئەۋەتكۈچى:

    شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ۋە نەنجاڭ بوۋىىي زوڭسىلىڭى غازى خۇجا نىياز ھاجى ئىمىن نىياز ئوغلى.

    رەسۇلۇللاھ ھىجرىتىنىڭ 1352 - يىلى جامادىيۇلئەۋۋەلنىڭ 14 - كۈنى(مىلادىيە 1933 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چارشەنبە.)

     

     

    ئەنگىلىيە دۆلىتىگە:


    ئالىيلىرى ھوزۇرىغا ئاجىزانە يېتىپ كەلگەنلىكىمىز شەرەپ ۋە قوبۇل تاپسۇنكى، بىز يېڭىغىنە قۇرۇلغان ھۆكۈمىتىمىز ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھۆكۈمەتكە كېرەكلىك ئەسۋابلەرنىڭ كەملىكى جەھەتىدىن، ئالىيلىرى ھوزۇرىغا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى نازىرى بەردى ھاجى پەرزەنتى قاسىم ھاجىنى ئەۋەتتۇق. مەرھەمەت قىلىپ مەزكۇر ۋەكىلىمىز قاسىم ھاجى سورىغان قۇراللاردىن يەنى:
    مىلتىق،ئوق،پىلىمۇت،ئاپتوموبىل ۋە ئايروپىلان قاتارلىق سورىغان سايمانلارنى ئىلتىپات قىلماقلىرىڭىز ئەلۋەتتە زۆرۈردۇر. سايمان ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ۋەزىپىنى ۋەكىلىمىز قاسىمجان ھاجى جاۋاب قىلىدۇ.
    ئىككىنچى ئۈمىدىمىز سورىغان سايمانلىرىمىزغا مەرھەمەت قىلىنسا،رەھىم قىلىپ، ئۆز چېگرىمىزغا ۋاسىتىلەر بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ ئالدىلىرىغا خەت ئەۋەتكۈچى:

    شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ۋە نەنجاڭ بوۋۋېي زۇڭسىلىڭى،غازى خۇجا نىياز ھاجى ئىمىن نىياز ئوغلى.

    رەسۇلۇللاھ ھىجرىتىنىڭ 1352 - يىلى جامادىيۇلئەۋۋەلنىڭ 14 - كۈنى(مىلادىيە 1933- يىلى9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چارشەنبە.)

     

    مەكتوب چۆرىسىگە يېزىلغان خەت:


    ۋە يەنە ئىلتىماس قىلىمەنكى،جىڭ جۇشى ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلىغا ئالدۇرغان سايماندىن قولىڭىزدا ئېشىپ قالغىنىنى سورايمەن. تېزلىك بىلەن مەرھەمەت قىلىپ، ئۆز چېگرىمىزغا يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز ئىدى.

     

    مەنبە:ئورخۇن تارىخ تورى

  •  

    مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىللىنىش ئەھۋالى



    مىللىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز ،مىللى ئارمىيەنى تېخىمۇ تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز .ھازىرقى شىنجاڭدا بار بولغان مىللى قىسىملار دەل ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيسىىدىىن قىلىپقالغان قىسىملاردۇر.ئەينى ۋاقىتتىكى مىللى ئارمىيەنىڭ كىلىش مەنبەسى كۆپ،تەركبى قىسمى مۇرەككەپ ، شۇڭا مەن تۆۋەندە بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىمراقلىرىنى ۋە مىللى ئارمىيە توغرىسىدىكى بىر قىسىم سان سىپىرلارنى ھەمدە ئارمىينىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى،ئۆتمىشى ۋە يېقىنىقى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن .

    مىللى ئارمىيە ئەڭ دەسلەپتە پارتىزانلاردىىن تەشكىللەنگەن بولۇ پ ئاساسلىق تەركىبلىرى تۆۋەنىدىىكىچە :

    1. ئېلى ئازادلىق تەشكىلاتى : بۇ تەشكىلاتنى سوۋىت-ئىتتپاقىدا ئوقۇپ قايتىپ كەلگىن ياشلار قۇرغان بولۇپ ، ئاساسەن ئىلغار پىكىرلىك ياشلار ۋە بىر قىسىم مىللەتپەرۋەر كىشلەردىن تەركىب تاپقان .

    2. تاشقورغان پارتىزانلىرى : پارتىزانلار ئاساسەن قىرغىز ۋە تاجىكلاردىىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ،قوماندانى ئىسساقبىك مونونۋ( سوۋىت ئىتتپاقىدا ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان ،كىيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم رەھبىىرگە ئايلانغان ،1949-يىلى ئايروپىلان ھادىسسىدە ۋاپات بولغان )،بۇ قوشۇن تىنچلىق بىتىمدىن ئىلگىرى جەنۇبى شىنجاڭدا پارتىزانلىق ئۇرشى قىلىپ، قەشقەرگە بىرقانچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ،گومىنداڭنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى قوشۇنىنى تۇتۇ پ تۇرۇپ مىللى ئامىيەگە جەنۇبى سەپتىن ماسلاشقان ،تىنىچلىق بىتىىمىدىن كىيىن سوۋىت-ئىتتپاقى چىگرىسى ئارقىلىق غۇلجىغا كەلگەن .

    3. ئالتاي پارتىزانلىرى : بۇ پارتىزنلار 30-يىللاردىلا شىڭ شىسەيگە قارشى كۆرەش قىلىشنى باشلىغان بولۇپ،ئالتاينىڭ %90 دىن ئارتۇق زىمىنى ئاساسان ئىگىللەپ بولغان ،بۇ پارتىزانلارغا ئوسمان بىلەن دەلىلقان باشچىلىق قىلغان (دەلىلقان سۈگۇربايىف 1949-يىلى ئايروپىلان ھا دىسسىدە ۋاپا ت بولغان )،1947-يىلى ئوسمان گومىنداڭغا سىتىلىپ ئىنقىلابىدىىن يۈز ئۆرىگەن ،1951-يىلى 2-ئايدا چىڭخەيدە ئازادلىق ئارمىيە تەرپىدىىن تىرىك تۇتۇلغان ،ئىككى ئايىدىىن كىيىن ئۈرۈمچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان .

    1944-يىلى 11-ئايدا نىلقا پارتىزانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋەناھىتى تىزلىك بىلەن بىرقاتار غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ نىلقا بازىرنى ئازاد قىلدى ،گومىنداڭ دائىرلىرى قاتتىق ئالاقزادە بولۇ پ غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىن3000 دىىن ئارتۇق ئەسكەر يۆتكەپ كىلىپ قوغىلڭنى باستۇرشقا ئۇرۇندى،ھەمدە نىلقىنى قوشاۋغا ئالدى ، بۇ ۋاقىتتا قوزغىلاڭچىلار ئابدۇكېرىىم ئابباسوفنڭ خەۋەر يەتىكۈزشى بىلەن غۇلجىدا ئەسكەر قالمىغان پۇرسەتتىن پايىدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نىلقىدىن چىكىنپ چىقىپ قۇرۇق نىلقا بازارنى گومىنداڭغا تاشلاپ بېرىپ غۇلجىغا ئاتلاندى.1-ئاينىڭ 7-كۇنى كىچىدە ئابدۇكېرىىم ئابباسوف غۇلجىدا قوزغىلاڭ كۆتەردى ،ھەمدە نىلقا پا رتىزانلىرى بىلەن ماسلىشىپ، غۇلجا شەھىرىنڭ ھەرەمباغ ۋە لاڭشىياڭ ئايدىرومىدىىن باشقا جايلىرىنى تولۇق ئازاد قىلدى1945-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ھەرەمباغ ئىشخال قىلىندى ،شۇنىڭ بىلەن پۈتىكۈل ئېلى ئازاد قىلىندى .

    1945-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى مىللى ۋاقىتىلىق ھۆكىمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاندى، ئېلىخان تۆرە رەئىس ،ھېكىمبەگ غوجا مۇئاۋىىن رەئىس بولدى ،يىشىل رەڭلىك ئوتۇرسىغا ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز چۈشۈرالگەن بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلپ بىكىتى، ھەمدە پارتىزانلارنى بىرلىككە كەلتۈردى .

    1945يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى مىللى ئارمىيەگە بايراق تا پشۇرۇ مۇراسىمى ئۆتىكۈزۈلۈ پ مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمى جاكارلاندى.مىللى ئارمىينىڭ فورمىللىرىنى سوۋىت ئارمىيسىنڭكىگە تەقلد قىلپ تىكتۈردى ،ئارمىينىڭ پا گون ،كاكار ،بايراقلىرىنى بىكتىپ چىقتى ،مىدال ۋە ئور دىنلارنى تارقاتتى .

    مىللى ئارمىيە باش شىتاۋى قارمىقىدا ،ھەربى تەمىنات باشقارمىسى ،سىياسى باشقارما،ئىجرائىيە باشقارمىسى ،ھەربى سوت ،ئۇرۇش تەتقىقات باشقارمىسى ،قاتارلىق ئورگنلار تەسس قىلندى .پا لنوف باش قوماندانلىققا ،زۇنۇن تىيپوف مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا ،موتىگوروف باش شىتاب باشلىقلىقىغا ،غىېنى ھەربى سوتنىڭ باش سودىيەلىكىگە ،ئابباسوف سىياسى باشقارمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيئىللەندى ،ئومومى ئەسكىرى كۈچى 15000دىن ئاشتى ھەمدە پۈتۈن ئارمىيە تۆۋەندىكى قىسىملارغا بۆلۈندى :
    ئۇلاستاي ئا تلىق1- پولىكى.
    ئۇلاستاي ئا تلىق 2- پولىكى.
    سۈيدۆڭ ئاتلىق 3- پولكى.
    مۇڭغۇك ئاتلىق باتالىيونى.
    لوبا ئاتلىق روتىسى.
    ئاتلىق زاپاس پولىك
    تۇڭگان ئاتلىق باتالىيونى.
    سۈيدۆڭ ئاتقۇچى پىيادە 1-پولىكى.
    غۇلجا ئاتقۇچى پىيادە 2- پولكى.
    غۇلجا ۋاقىتلىق پىيادە 4- پولكى.

    قوماندانلىق شتابقا بىۋاستە قاراشلق قىسىملار :
    توپچىلار باتالىيونى.
    مۇھاپىزەتچىلەر باتالىيونى قاتارلىقلار .
    پىيادە قىسىملار :ھەربىر پولىك 2 باتالىيون ،بىر باتالىيون 3روتا ،بىر روتا 3ئىزىۋوت ،بىر ئىزىۋوت 4ئۇدۇلىنىيە بولۇ پ، تەخمىنە ن 2500جەڭچىدىن تەركىب تاپقان .
    ئاتلىق قىسىملار : ھەربىر پولىك 4ئاتلىق روتا ۋە بىر پىىلىموتچىلار روتىسدىن تەشكىللەنگەن بولۇ پ، تەخمىنەن 1000نە پەر جەڭچىنى ئۆ ز ئىچىگە ئالاتتى .
    ھەربىر پولىك قارمىقىدا :ئارقاسەپ باشقارمىسى ، سىياسى باشقارمسى تەھسس قىلنغان بولۇ پ ،پولك كومانىدىرى ،ھەربى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پولك كوماندىر ، ئارقاسسەپ تەمىناتىغا مەسئۇل مۇئاۋىىن پولك كوماندىر ۋە دىننى ئىشلار غا مەسئۇل مۇئاۋىىن پولىك كومانىدىر تەئىللەنگەن .
    مىللى ئارمىيە قۇرۇلغانىدىىن كىيىن دەرھال شىمال ،جەنۇ پ ،شەرىق قاتارلىق ئۈچ يۆلىنىش جەڭ پىىلانى تۇزۈپ چىققتى .

    شىمالىي سەپ : ئالتاي ۋە چۆچەكلەرنى ئازاد قىلىش.

    شەرقى سەپ : شەرققە يۈرۈش قىلىپ ،جىڭ ،شىخولارنى ئاز اد قىلپ ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىنى ئېلىش.

    جەنۇبىي سەپ : مۇزات داۋىندىن ئۆتۈپ ئاقسۇنى ئازاد قىلش ،ئاندىن تاشقورغان پارتىزانلىرى بىلەن ماسلىشىپ پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭنى ئازاد قىلىش.1945-يىلنىڭ ئاخىردا بايراقنى شىڭشىنشاغا قاداپ بولۇش.

    شىمالى سەپتە : 1945-يىلى 9-ئا ينىڭ 9-كۈنى مىللى ئارمىيەئالتايدا گومىنداڭ ئارمىيسىنىڭ 1130نە پەر ئەسكىرنى ئەسىر ئالدى ۋە ئالتاي پا رتىزانلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇ پ شىمالىي سەپنىڭ ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى غەلبىلىك تاماملىدى .

    شەرقى سسەپتە :مىللى ئارمىيە 4-ئايىدىن باشلاپ داۋاملىق شەرىققەيۈرۈش قىلىپ ،جىڭ ،شىخولارنى ئاراد قىلىپ ،9-ئايدا ئۈرۈمچىگە 150 كىلومىتىر كىلدىغان ماناس دەرياسى بويغا كەلدى .ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدە پەقەت 3000ئەسكەرگە يەتمەيدىغان 6باتالىيون ئەسكىرى قالغان بولۇ پ شەرقى سەپنىڭ جەڭ ۋەزىپىسمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئورونىدىىلىپ بولغاندى .

    جەنۇبىي سەپتە :سوپاخۇن پولكوۋنىك ئاقسۇنىڭ يېرىمىنى ئىگەللە پ بولغان بولۇ پ، تاشقورغان پارتىزانلىرىمۇ ،كۇچا ،يېڭسار ،قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ ھەتتا قەشقەرنىمۇ بىر مەزگىلك ئىگەللىگەندى .

    1946-يىلى جىياڭ جىشى سوۋىت ئىتپاقى بىلەن سۈلھىلىشىپ ،تاشقى مۇڭغۇليىنى ئىېتراپ قىلش، لۈشۈن ،دالىيەن پورتلىرىنى سوۋىت ئىتپاقىغا ئىجارىگە بىرىش ھەمدە ئەسكەر تۇرغۇشىغا رۇخىسەت قىلىش ،شەرقى شىمالدا تۆمۈريول ياساش ھوقوقىنى بىرىش قاتارلىق ئىمتىيازنى بىرىش ئارقىلىق، سىتالىنىڭ مىللى ئىنقىلابقا بولغان پوزىتسىيسىنى ئۆزگەرتتى، سوۋىت ئىتتپاقى بارلىق ھەربى مەسلەھەتچىللىرى ۋە ھەربىي خادىملىرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ھەمدە مىللى ھۆكۈمەتتىن گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى .

    1946-يىلى 4-ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئىمزالىنىپ، شىنجاڭ قىسقامۇددەتلىك تىنىچلىقنى كۈتىۋالدى ،بۇۋاقىتتا مىللى ئارمىينىڭ سانى 30مڭغا يەتكەن بولۇ پ ،جەمى 17پولىك ،ئككى مۇستەققىل دىۋىزىيە ،بەش بېرگادا تەشكىلەنگەن بولۇ پ ،13 ئاتلىق پولىك بارئىدى .

    قىسىملار تۆۋەنىدىكىچە :
    باش شىتابقا قاراشلىق قىسملار (غۇلجىدا تۇردۇ )
    1.ئاتلىق ئەسكەرلەر باتالىيونى ، 700ئەسكەر.
    2.مۇھاپىزەتچىلەر ئىسكانىدىرونى ، 500ئەسكەر.
    3.غۇلجا مۇھاپىزەتچىلەر 1-پولكى ،1500ئەسكەر .
    4.غۇلجا مۇھا پىزەتچىلەر 2-پولكى،1500ئەسكەر .
    5.غۇلجا مۇھا پىزەتچىلەر 4-پولكى، سانى ئىنىق ئەمەس.
    6. ئاتلىق 3- پولىك (كومانىدىرى لېسكىن)

    ئوتتۇرا يۆلنىش قىسىملار (باش قوماندان پالنوف قوشۇمچە ئوتتۇرا يۆلىنىش ئارمىيسىنىڭ قوماندنلىقىنى ئۈستىگەئالغان)
    1. پىيادە ئەسكەرلەر 1- بېرگادىسى .
    2. پىيادە ئەسكەرلەر 2- بېرگادىسى.
    3.مىنامىيوتچىلار باتالىيونى .
    4. تاشقورغان ئاتلىق 6- پولكى.
    5. نىلقا ئاتلىق 5- پولكى.
    6. نىلقا ئاتلىق7- پولكى،1200ئەسكەر.
    7.ئاتلىق ئەسكەر لەر مۇستەققىل بېرىگادىسى.
    8. تۇڭگان ئاتلىق 10- پولىك ، 600ئەسكەر (شىخەنزە)
    9.مۇڭغۇل ئاتلىق 8- پولكى، 870 ئەسكەر.
    10.پىيادە ئەسكەرلەر 4- پولكى.
    11. ئالاقىچىلا روتىسى (شىخەنزە )
    12. لوبا ئاتلىق ئىسكاندىرونى.

    جەنۇبىي يۆلىنىش قىسملار (مۇئاۋىن باش قوماندان ئىسساقبك جەنۇبى يۆلىنىش قىسملار نىڭ باش قومادانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان).
    1.ئاتلىق ئەسكەر لەر 1- بېر ىگادىسى.
    2.ئاتلىق ئەسكەر لەر 2- بېر ىگادىسى .
    3.تىكەس ئاتلىق 1- پولىك .
    4.تىكەس ئاتلىق 2- پولىك .
    5.تىكەس ئاتلىق 3- پولىك .

    ئالتاي رايونىدىكى قىسىملار :
    ئاتلىق ئەسكەر مۇستەققىل پولكى (دەلىلقان سۇگۇربايىف)

    ئەينى ۋاقىتتىكى مىللى ئارمىيە كادىرلا باشقارمىسنىڭ باشلىقى يۈسۈپخاننڭ خاتىرسىگە ئاساسلانغا دا << پۈتۈن ئارمىيەدە جەمئى 29856نە پە ر جەڭچى بار >> بولۇ پ مىللى ئارمىيە ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىتقا قەدەم قويغان .
    بىتىم ئىمزالانغانىدىن كىيىن مىللى ھوكۈمەت مىللى ئارمينى قىسقارتىپ،6پولىك قىلىپ تەشكىللدى. لىكىن گومىنداڭ بىتىمگە ئارقا-ئارقىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلغاچقا، مىللى ھۆكۈمەت 1947-يىلى 8-ئايدا گومىنداڭنىڭ چەكلىمسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مىللى ئارمىيەنى كېڭەيتىپ ،5ئاتلىق پولىك ، 3پىيادە پولىك ۋە بىر مۇستەققل ئاتلىق باتالىيون قىلىپ تەشكىللدى ،بۇ ۋاقىتتا مىللى ئارمىيەنىڭ ئومومى ئەسكەر سانى 14200دىن ئاشقان بولۇپ، قورال- ياراق ئەھۋالى تۆۋەنىدىىكىچە :

    ھەر-خىل مىلتىق 9088 دانە ، تاپانچا 184 دانە ، يىنىك پىلموت 405 دانە ، ئېغىر پىلىموت 68 دانە ، مىنامىيۇت 66 دانە ،زنىت توپ 7 دانە،گىرانامىيوت 55 دانە ، گىرانات 14480 دانە ،زەمبىرەك 12دانە ، جەڭ ئېتى 5522 دانە ، تىرانسپورىتا ئىشلتىلدىغان ئات 521دانە ، ئات ھارۋىسى 311 دانە ،تانكا 2 دانە، بىروۋنىۋىك1دانە،ئايروپىلان 49 دانە ( ئىشىلتىشكە بولدىغنى 14 دانە بولۇ پ ،قىرغۇچى ئايروپىلان 8 دانە ، بومبار دىمانچى ئايروپىلان 6 دانە ) ، ھەربى ئىشلاردا ئىشىلتىلدىغان ماشىنا 30 دانە . مىللى ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئىسساقبك مونونوۋ ئۆز ئۈستىگە ئالغان .

    1949-يىلى كومۇنستىك پارتىيە ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلبىسنى قولغا كەلتۈردى ،1949- يىلى 3- ئايدا ماۋزىىدۇڭ ،جۇئىنلەي قارتارلىقلار ۋاڭجىن بىلەن شىنجاڭغا كىرىش توغۇرلۇق سۆبەتلەشتى .6- ئايدا لىيۇ شىاۋچى سوۋىت ئىتپاقىدا سۆھبەتكە باردى ، سۆھبەت داۋامىدا سوۋىت ئىتپاقى،جوڭگو كومىنستىك پا رتىيسىنىڭ غۇلجا تەر پ بىلەن ئالاقىلشىپ سۈرەتنى تىز لىتىپ،شىنجاڭغا كىرشى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى ، 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى دىڭ لىچۈن ئۈچ نەپەر خادىم ۋە بى ردانە راتسىينى ئېلىپ ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجىغا يىتىپ كەلدى . 8- ئاينىڭ 18- كۈنى ماۋزىىدۇڭ ئەخمەتجان قاسىمغا تىلگىرمما يوللاپ 9- ئايدا ئېچىلىدىغان سىياسى كېڭەش يىغنىغا تەكلىپ قىلدى . 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ماۋزىىدۇڭ غا تىلگىرامما يوللاپ ،تەكلىبىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،.- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدىكېرىم ئابباسوف ، ئىسسابىك مونونوف ، دەلىلقان سۇگۇربايىف ، لوجى قاتارلىقلارئالتاينى كۆزدىىن كەچۈرۈش نامى بىلەن مەخپى ھالدا غۇلجىدىىن يولغا چىقىپ،ئالمۇتا غا بىرىپ ئايروپىلان ئارقىلىق بىيجڭغا قاراپ ئۇچتى ،8- ئاينىڭ 27- كۈنى ئايروپىلان،ئىېر تىكۇستى دىگەن جايغا بارغاندا تاققا سوقۇلۇپ كىتىپ ئۇلار بەخىتكە قارشى قۇربان بولدى ( ئەخمەتجان قاسىمى تېخى ئەمىدىلا 34 ياش ئىدى ،ئابدىكېرىم ئابباسوف بولسا تېخى ئەمىدىلا 28 ياشتا ئىدى ) .

    1949-يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ تىنىچ ئازاد بولدى.1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20 -كۈنى مىللى ئارمىيە 5- كورپۇس قىلپ ئۆزگەرتىلىپ، جوڭگو خەلىق ئازادلىق ئارمىيسىنىڭ شىتاتىغا قوشۇۋىتىلدى .

    5- كورپۇسنىڭ تەركىۋى قىسىملىرى : 13-14- دىۋىزىيەلەر
    كورپۇس كومانىدىرى لېسكىن .
    سىياسى كومىسارى دۈۋەن شىڭ يۈن.

    13- دىۋىزىيە قەشقەردە تۇرىدۇ . قارمىقىدا :
    37- پولك ئاقسۇدا
    38- پولك قەشقەردە
    39- پولك خوتەندە

    14- دىۋىزىيە دىۋىزىيە كوماندىرى ئىبراھىم باي. قارمىقىدا :
    40-پولك ئۈرۈمچى دە
    41-پولك
    42-پولك غۇلجىدا
    كورپۇس شىتاۋىغا قاراشلىق قىسملار:
    43-پولىك پولىك كوماندىر بەدەرخان سۇگۈربايىف
    44-پولىك. پولىك كومانىدىر سوپاخۇن
    ئومۇمى ئەسكەر سانى 14840 نەپەر.

    50 - يىللاردا ،5- كورپۇسنىڭ 13- دىۋىزىينىڭ 38–پولكى، 14- دىۋىزىنىڭ 40- پولكى ساقلاپ قېلىنغانىدىن باشقا قالغان قىسىملىرى ئۆز ئورنىدا كەسىپ ئۆزگەرتتى ، ساقلاپ قېلىنغان ئىككى پولىكمۇ 1969-يىلى يەنە شىمالىي شىنجاڭ دالا ئارمىيسىگە قوشۇۋىتىلدى،ئازادلىق ئارمىيە كەڭ كۆلەمدە قىسقار تىلغاندىىن كىيىن بۇ ئىككى پولىك ھازىر بار-يوقلىقى نامەلۇم .

    شۇنداق قىلپ مىللتىمزنىڭ جۈملىدىىن پۈتۈن شىنجاڭىدىكى ئېزىىلگۈچى مىلللەتلەرنىڭ يۈكسەك غۇرۇرىنى نامايەن قىلغان ، مىللىتمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان بۇ ئىنقىلاب ، بۇ ئارمىيە ئاخىرقى ھېساپتا پۈتۈن جوڭگۇ ئىنقىلابى بىلەن بىرلىكتە غەلبە قىلغان بولدى .

    قوشۇمچە : 1955- ئازادلىق ئارمىيە ئۇنۋان بېرىش مۇراسمى ئۆتكۈزدى ،مىللى ئارمىيدىىن 5نەپەر كىشى گېنراللق ئۇنۋانىغا ئىېرشتى . ئۇلار :

    1.سەيپىدىىن ئەزىزى- مىللى ئىنقىلاپ مەزگىلدە ھەربى سوتنىڭ كاتىۋى ، ئۆلكىلك بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ مائارىپ نازىرى ، ئالغا گېزىتىنىڭ باش مۇھەرىرى ، دىمكۇراتتىيە ۋە خەلىقچىللقنى ھېمايە قىلىش ئىتتپاقىنىڭ رەئىسى، قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1955-يىلى گېنىرال لېتىناتلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن.

    2.مارگوف ئىسساقوف- شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىىن قوماندانلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ،1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . جوڭگو ، سوۋىت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ، 1962- يىلى سوۋىت ئىتتپاقىغا چىقىپ كەتكەن .

    3.مەمىتىمىن ئىمىنوف- مىللى ئارمىيدە ئىزۋوت كوماندىرى ، مىللى ئارمىيە قوماندانلىق شىتا ۋىىدا بۆلۈم باشلىقى ، ئاتلىق پولكنىڭ كومانىدىر بولغان ، دۆلەت قۇرلغاندى كىيىن دىۋىزىيە كومانىدىر قوشۇمچە جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ، 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .

    4.زۇنۇن تىيپوف- مىللى ئارمىينىڭ مۇئاۋىىن باش قوماندانى، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن باش شىتاب باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرشكەن. جوڭگو- سوۋىت قوش دۆلەت تەۋەلىكگە ئىگە،.1962-يىلى سوۋىت ئىتپاقىغا چىقىپ كەتكەن .

    5.ساۋدانوف زايىر- مىللى ئارمىيدە ئاتلىق باتالىيونىڭ شىتا ب باشلىقى ، پىيادە 4- پولىكنىڭ شىتاب باشلىقى ، مىللى ئارمىيە سىياسى بۆلمىنىڭ مۇدىر بولغان ،دۆلەت قۇرلغانىدىن كىيىن 5-كورپۇسنىڭ مۇئاۋىىن سىياسى كومىسارى،ھەربى رايون سياسى بۆلمىنىڭ ئىككنچى مۇئاۋىىن مۇدىر ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن سىياسى كومىسارى ، ئۈرۈمچى ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن سىياسى كومسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .

    مەنبە:ئورخۇن تارىخ تورى

  •  

    مىللى ئارمىيە مايورى غەنىي كېرموۋ  



    1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان<<شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى>>نىڭ قۇربان بولغان رەھبەرلىرى قاتارىدا غەنىي كېرىموۋمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى غۇلجا شەھرىدىكى ئىنقلاۋىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قەبرىسىنىڭ يېنىدا كۆزگە چېلىقىدۇ. مەن غەنىي كېرىموۋ ئائىلىسىدىن چىققان قۇربانلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە ئىگەلىگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك بەزى پاكىتلارنى رەتلەپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.غەنىي كېرىموۋنىڭ دادىسى ئېزىزقارى توختاخۇن،ئانىسى بۇسەيلىىخان قىرغىزىستاننىڭ قارا قول دېگەن يېرىدىن بولۇپ، شۇ يەردە تۇرمۇشلۇق بولۇشقان. ئۇلار‏ -1932 يىلى ئەينى چاغدا سېۋىت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت سەۋەبىدىن پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بالا- چاقىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ غۇلجىغا كۈچۈپ كىلىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلار چېگرىدىن ئۆتۈش جەريانىدا بالىلىرىنىىڭ بېخەتەرلىكى ۋە بالىلىرىنى چېگرىدىن ساق- سالامەت ئۆتكۈزىۋېلىش ئۈچۈن بالىسىز تۇققانلىرىغا بالىلىرىنى چېتىپ، ھەر خىل فامىلىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن. بۇ كىيىنكى كۈنلەردە بىر ئائىلدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەرخىل فامىلىلەردە ئاتىلىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان. ئۇلار غۇلجىغا كەلگەندىن كىيىن غولجا ئۈچدەرۋازىدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار چارۋا بېقىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان بولۇپ،نۇرغۇن چارۋىلىرى بولغان. ‏1950‏- بۇلارنى ھۆكۈمەت مۇسادىرە قىلغان.

    1962‏- يىلى سېۋىت- جۇڭگۇ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كىيىن ئۇلار قايتىدىن سېۋىت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كىلىپ تاشكەنت سەھرىدە ئولتۇراقلاشقان ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان. بۇلار ھاياتىدا جەمئى 8 بالىلىق بولغان.
    غەنىي كېرىموۋ- ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىسىنىڭ 2‏- بالىسى بولۇپ، 1922‏- يىلى ئائىلىسى غۇلجىغا كۆچكەندە تاغىسى كېرىموۋنىڭ يېنىدا قېلىپ رۇسچە گېمنازىيەنى تۈگەتكىچە شۇ يەردە تۇرغان. فامىلىسىمۇ شۇ تاغىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. 1939‏-يىلى غۇلجىدىكى ئاتا‏‏-ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئەينى چاغدىكى مەرىپەتپەرۋەر چوڭ باي باۋۇدۇنباينىڭ نەۋرە قىزى مەغپىرە بىلەن توي قىلغان. ئۇرۇش باشلانغاندىن كىيىن ئىنقىلاپقا قاتنىشىپ ئاساسەن باش ئىشتاپتا ئىشلىگەن. كاپىتان، مايور بولغان. 1949‏-يىلى ئەخمەتجان قاسىملار بىلەن بىرگە قەستكە ئۇچراپ 27 يېشىدا قۇربان بولغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا 3 پەرزەنتلىك بولغان. ئۇلار ھازىر تاشكەنتتە ياشايدۇ. مەغپىرە ئاپپاي -2007 يىلى تاشكەندە ۋاپات بولغان. مەغپىرە ئاپپاي غەنېي كېرىموۋ قۇربان بولغاندا 26ياشتا بولۇپ، شۇندىن بىرى قايتا تۇرمۇشلۇق بولمىغان. غەنىي كېرىموۋنىىڭ نەۋرىسى نەرگىزە ھازىر شىۋىتسىيەدە ياشايدۇ.

    رەخىمجان- ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىلىسىنىڭ 3‏- بالىسى بولۇپ، غەنىي كېرىموۋنىڭ ئىنىسى. ئۇ 1926‏-يىلى قىرغىىستاننىڭ قارا قول دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1944‏-يىلى ئاكىسى غەنىي كېرىموۋ بىلەن بىرگە مىللى ئارمىيگە قاتناشقان. ئارمىيەدە كاپىتان بولغان. 1946‏- يىلى ئالدىنقى سەپتە قارا كىزىك كىسىلگە گىرىپتار بولۇپ 20 يېشىدا ۋاپات بولغان. توي قىلمىغان.

    خەمىت ھۆسەيىن - ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىسىنىڭ 5‏- بالىسى بولۇپ، 1928‏- يىلى قىرغىزىستان قارا قول دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. غۇلجىدا رۇس گېمنازىيەسىدە ئوقۇغان. 1950‏- يىلى ئۈرۈمچىدە خىزمەتكە قاتناشقان بولۇپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئىشلىگەن. ئەينى چاغدىكى<< شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى>> ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى بولغان. 50‏- يىللاردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. << ئالتۇن باشاقلار>>دىگەن ھىكايىسى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن. 1956‏- يىلى سىياسىي بوران- چاپقۇننىىڭ تەسىرى بىلەن غولجىغا قايتىپ كىتىپ سېۋىت كونسۇلدا ئىشلىگەن. سېۋىت-جۇڭگۇ مۇناسىۋېتى بۇزۇلغاندىن كىيىن 1962‏-يىلى 29‏-ماي غولجىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە قولغا ئېلىنىپ، مىللەتچى،پانتۇركىسىت دېگەن ناملار بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان.1976‏-يىلى 5‏-دىكابىر كۈنى ئۈرۈمچى باجاخۇ تۈرمىسىدە ۋاپات بولغان. خەمىت ھۈسەيىننىڭ گۈزەل ئىسىملىك بىر قىزى بولۇپ، ھازىر ئاپىسى بىلەن بىرگە نورۋېگىيەدە ياشايدۇ.

    قۇربانجان- غەنىي كېرىموۋنىڭ بىر ئائىلىدە ياشىغان تاغىسى بولۇپ، 1886‏-يىلى قىرغىزىستاننىڭ قارا قولدا تۇغۇلغان. 1932‏-يىلى ئېزىزقارى ئائىلىسى بىلەن بىرگە غۇلجىغا چىققان. 1937‏-يىلى ئۈرۈمچىدە ئەخمەتجان قاسىملار بىلەن بىرگە تۈرمىگە ئېلىنىپ 8 يىل شىڭشىسەي تۈرمىسىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن غۇلجىغا كىلىپ <<شەرقىي يۈركىستان>> ھۆكۈمىتى قۇرۇشقا قاتناشقان. پولكوۋنىك سوپاخۇن بىلەن بىرگە جەنۇپقا يۈرۈش ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، مۇھىم خىزمەتلەردە بولغان. كىيىن پولكوۋنىك بولغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن جەنۇپ بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولغان مۇزداۋاننىڭ<< شوتا>> دىگەن يېرىگە يولۇچىلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كۆۋرۈك سالدۇرغان. ئۇ كۆۋۈرۈكە<< قۇربانجان كۆۋۈرۈكى>>دەپ نام بېرىلگەن. 1953‏- يىلى قۇربانجان پانتۈركىس دىگەن نام بىلەن ئېتىپ تاشلانغاندىن كىيىن ، بۇ كۆۋۈرۈكنىڭ نامى ئۆزگەرتىلىپ << ئازات كۆۋرۈكى>> دەپ نام قويۇلغان.

    رامىلە- بۇ مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەنگەن رامىلە ئاپپاي ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىسىنىڭ 6‏-بالىسى بولۇپ، غەنىي كېرىموۋنىڭ ئەڭ كىچىك سىڭلىسى. ئۇ 1938‏-يلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1963‏- يىلى 1‏- مارتتا سېۋېت -ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن. ھازىر شىۋىتسىيەدە ياشايدۇ.

    مەنبە:مارجان بۇلاق بلوگى

  •  سوۋىت ئارمىيسى باش قومداندانى مارشال تېمشىنكو

     

     ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان سوۋىت ئارمىيسى

     

    سېۋېت-فىنلاندىيە قانلىق ئۇرۇشى

     


    -1939يىلى 30 نويابىر كۈنى سېۋېت ئىتتىپاقىنىڭ425 مىڭ كىشلىك قىزىل ئارمىيىسى مارشال تېمشىنكونىڭ قوماندانلىقىدا، تانكا ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھېمايىسىدە فىنلاندىيە زىمىنغا بېسىپ كىردى.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇرۇش قىسقىغىنغا ئۈچ ئاي داۋاملاشقان بولسىمۇ ئەمما ئۇرۇشقا قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ كوپلىكى، ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئۇرۇشنىڭ دەھشەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن دۇنياغا تۇنۇلۇپ فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى.iئەسلىدە فىنلاندىيە شىۋېتسىيە ئېمپېرىيىسىگە قارشلىق زىمىن بولۇپ، پولتاۋا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن شىۋېتسىيە ئېمپېرىيىسى -1809 يىلى فىنلاندىيىنى رۇس ئېمپىرىيىسىگە تارتقۇزۇپ قويغان ئىدى. تاكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە رۇسىينىڭ قاراملىقىدا ياشىغان فىنلاندىيە -1918يىلى مۇستەقىللىغىنى جاكارلىغان ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قولدىن كەتكەن ئەسلىدىكى چار روسىيىەگە قاراشلىق زىمىنلارنى قايتۇرۋېلىش غەرىزىدە يۈرگەن سېۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئىستالنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چاقماق تىزلىكىدە فىنلاندىيەگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ فىنلاندىيىنى بېسىۋېلىش غەرىزىدە بولغان ئىدى. ئەمما ئۇرۇش سېۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىشى بىلەن -1940 يىلى مارتتا ئاخىرلاشتى.

    گەرچە بۇ ئۇرۇش ئىككىچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلانمىسىدىكى پۈتۈن ياۋرۇپانى ھەتتا دۇنيانى تىتىرەتكەن دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولسىمۇ ئەمما جۇڭگودا نەشىر قىلىنغان دۇنيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى كىتاپلارغا ۋە دەرىسلىك كىتاپلارغا بۇ ئۇرۇش ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر كىرگۈزىلمىگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى تېخىمۇ ناتۇنۇش. مەيلى ئۇيغۇر ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دۇنيا تارىخى كىتاپلىرىدا بولسۇن، مەيلى ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا تارىخى كىتاپلىرىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان دۇنيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلاردا بولسۇن بۇ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولمايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ بۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئويلۇنىشىغا تىگىشلىك نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

    فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى -1939يىلى-30 نويابىر باشلنىپ -1940 يىلى مارت ئېيىدا ئاخىرلاشقان بولۇپ، جەمئى 105 كۈن داۋام قىلغان. سېۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشنىڭ دەسلىۋىدە 425مىڭ ئەسكەرنى ئۇرۇشقا بىراقلا سەپەرۋەر قىلغان بولسا بىر ئايدىن كىيىن بۇ ساننى بىر ھەسسە ئاشۇرغان. ئەينى چاغدىكى سېۋېت ئارمىيىسىنىڭ ۋە فىنلاندىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرى تۆۋەندىكىچە بولغان.

    سېۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن 998مىڭ ئەسكەر، 6500تانكا، 3880 ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا پەقەت ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە 250مىڭ ئەسكىرى ئۆلگەن. فىنلاندىيە تەرەپتىن پەقەت 180 مىڭ ئەسكەر ،32 تانكا،114 ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا، 26 مىڭ ئەسكىرى ئۇرۇشتا ئۆلگەن.

    ياۋرۇپا تارىخچىلىرى يۇقۇردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن بۇ ئۇرۇش ھازىرقى زامان دۇنيا تارىخىدا ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلار ئۈستىدىن، ئاجىزلار كۈچلىكلەر ئۈستىدىن غالبە قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى دەپ باھا بەرمەكتە.

    مەنبە:جىدەلخور قەلىمى
  • ^c}kVQ\g3  
    y`z?lmV)xM  

    جىدەلخور ھەربىي ئشىلار دۇنياسىغا مەرھەممەت

    >N0L  

    xNJ*TA[+  
    y2B'0l  
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىدەلخور ھەربىي ئىشلار بلوگنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى،بلوگىمىز ئۇيغۇر بلوگ دۇنياىسنىڭ، يىڭى ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىڭىدىن قۇرۇلۇپ،تورداشلارنىڭ مەنىۋىيتىنى بىيىتىش،ھەربىي ئىشلار بىلىملىرىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار.ھەربىي ئىشلار بلوگىغا قەدەم تەشرىپ قىلۋاتقان تورداشلارنىڭ،يوللانغان تېىمىلار ئۈستىدە، كەڭ-كۇشادە ئەركىن پېكىر قىلىپ،ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى بولشۇقنى تولدۇرۇشقا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشقا تىلەكداشمەن. ھەممىمىز بىرلىكتە، ئىناق-ئىتتىپاق،پاكىزە بولغان تور موھىتى بەرپا قىلىپ،مەنىۋىيتىمىزنى بېيىتايلى! #|V)>")  
    l >oJ^J  

    wgQx.8 h>  
    ihct~y-9W  
    تور دۇنياسىغا قەدەم قويغۇنىمدىن بىرى،قىزىقىشىم بويۇنچە ھەربىي ئىشلار ۋە خەلىقئارا مۇناسىۋەتلەرگە دائىر يازمىلارنى يىزىپ،مۇنبەرداشلار بىلەن پىكىرلشىپ كەلدىم.يازمىلىرىمنىڭ ئانچە چوڭ قىممىتى بولمىىسمۇ لىكىن تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئىزچىل مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىپ كەلدىم. ھەربىي ئىشلار كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان،ئۈستىقۇرۇلما ئىچىدىكى تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان موھىم ساھە بولغاچ،تورداشلارغا نىسبتەن دۆۋلەت مۇداپىيەسى ئىڭىنى يىتىلدۈرشىگە، ئازدۇر-كۆپتۈر پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن مەقسەتتە،جىدەلخور ھەربى ئىشلار دۇنياسى بلوگنى قۇرۇپ چىقتىم.ھەربىي ئىشلار دۇنايسىدىكى سەھىپىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۇقۇم خاراكتىرلىق ئىسىم قويۇش ئەنىئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ،ئۆزگۈچىلىككە ئىگە ئىسىملار بىلەن ئاتىدىم. 1#zD7b~  
     ;t/KF"  
    1.ئوفىتسىرلار كۇلۇبى:بۇ سەھىپىگە تەكلىپ-پىكىر ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەدەبىي يازمىلار،دۇنيا ئۇرشى ۋە رايۇن خاراكتىرلىق ئۇرۇشلارغا ئائىت قىسقا فىلىملەر شۇنداقلا ئۇرۇش فىلىملىرى يوللىنىدۇ. ,{'ZP_  
    n&Q0V.  
    2.ئەقىللىق قاراقچىلار:بۇ سەھىپىگە،دۇنيا تارىخىدا ئۆتكن مەشھۇر سىياسىيۇنلار ۋە قوماندانلارنىڭ تەرجىمالى ۋە ئۇلارنىڭ ھايات سەزگۈرەشلىرى تونۇشتۇرلىدۇ. dA#'HMh@  
    ziQ&M\  
    3.دارېكنىس ماقالىلىرى:بۇ سەھىپىگە،تور دۇنياسىدا ئۆزگۈچە تەپەككەر ئۇسۇلى بىلەن،خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ۋە دۇنيا سىياسىتىنى ،ئۆزىنىڭ نادىر يازمىلىرى بىلەن بىزگە تونۇشتۇرغان، دارېكنىس ئەپەندىنىڭ بارلىق سىياسىي ۋە دىنىي يازمىلىرى يوللىنىدۇ. T#}"?A|  
    تورداشلارنىڭ دارېكنىس يازمىلىرىنى بىر قىتىم ئوقۇپ چىقىشىنى شۇنداقلا يازمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بارلىق ،مەزمۇنلارغا ئىجابىي جەھەتتىن باھا بىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. (F*y27_u  
    /RF&@NJE5  
    4.قەھرىمانلار ئۇرۇش مەيدانىدا:بۇ سەھىپىگە،قەدىمدىن بۈگۈنگىچە،دۇنيا تارىخىدا يۈز بەرگەن بارلىق ئۇرۇشلار(قەدىمقى زامان ئۇرۇشلىرى،بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى،ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى،ئوتتۇرا-شەرق ئۇرشى،ۋېيتنام ئۇرۇشى،چاۋشەن ئۇرۇشى،ۋە باشقا رايۇن خاراكتىرلىق ئۇرۇشلار)تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا،دۇنيا تارىخىدا يۈز بەرگەن چوڭ ئۇرۇش ئوپراتسىيەلىرى،قۇرال ياراقلار،ھەر قايسى دۆۋلەتلەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرى،قىسىم تۈرلى-رى،ئارمىيە مارشى،ئارمىيە بايرىقى تەپسىلى تونۇشتۇرلىدۇ. E]p D p /D  
    6anH#=(  
    5.جەڭچى قانلىق تارىخ يارتىدۇ:بۇ سەھىپىگە دۇنيا تارىخىدا ۋە دۆۋلىتىمىز تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر،تارىخىي شەخىسلەر تەپسىلى تونۇشتۇرلىدۇ. ]0")iY_  
    cf\GC2+"^$  
    6.شاخمات تاختىسى ۋە سىرلىق پىلان:بۇ سەھىپىگە،قەدىمدىن بۈگۈنگىچە دۇنيادا قۇرۇلغان چوڭ ئېمپىريەلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە گۇمران بولۇشى.دۆۋلەتلەر ئارا مەنپەت توقۇنۇشىنىڭ ۋە تۈزۈلگەن مەخپىي شەرتنامىلەرنىڭ ئىچكى سىرى.دۇنيا كۈن تەرتىپلىرىنى بەلگىلەۋاتقان مەخپىي تەشكىلاتلارنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ۋە ئىچكى سىرى.دۇنيا سىياسىي شاخمات تاختىسىدا،دۆۋلەتلەرنىڭ ۋە مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ بەلگىلىنىشى.مەخپىي تەشكىلارتلار ۋە دۆۋلەتلەرنى پەردە ئارقىسىدا كونتۇرۇل قىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ ئىچكى سىرى...قاتارلىقلار تەپسىلى تونۇشتۇرلىدۇ.
    F~GIfJU  
    -;YhQxxC}L  

    <Ug1g0.  
    Rz<'& Z>;  
    <<بىلىم ئىلىش دەخلىسىزدۇر>>دىگەن ھىكمەتلىك سۆز بويىچە،ھەربىي ئىشلار دۇنياسىغا يوللانغان بارلىق يازمىلار ئىچىدە،باشقا تورداشلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارالغان ئىجادىي ئەسەرلىرىنى،ئەسەر ئاپتورىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا يوللاپ قويدۇم.ناۋادا ھەربىي ئىشلار دۇنياسىدا ئەسەرلىڭىزنى بايقىسىڭىز ،ئەسىڭىزنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ ئىنكاس قالدۇرسىڭىز ئەسىرىڭىز دەرھال ئۆچۈرىلىدۇ.بىراق مىنىڭ بارلىق يازمىلىرىم ئىچىدىن،پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارالغان تېمىلارنى، تورداشلار خالىغانچە پايدىلانىغا،بلوگىغا ياكى مۇنبەرلەرگە يوللىسا بولىدۇ بىراق ئەسەر ئاپتورى ۋە مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. e=ry_@7  
    /vLW{%  
    ھەربىي ئىشلار دۇنايسىدا يەنە قانداق سەھىىپىلەرنى يولغا قويۇش توغۇرلۇق، تورداشلارنىڭ قانداق دانا تەكلىۋى بار؟ھەربىي ئىشلار دۇنياسى،ماڭىلا مەنسۇپ بولماستىن بارلىق تورداشلارغا مەنسۇپ.تېما يوللاڭ،تەنقىدىي پىكىر بىرىڭ.
    |4Os_*tRKU  
    +@+*sVb  

    s[t?At->  
    wYd{X 8$  

    ھەربىي ئىشلار دۇنياسى مەنزىلى:http://jidelhor.blogbus.com/

    K*tomy  
    T?*f}J  

    QQ:1428535011

    76cT}l&.h8  
    v+DXs!O{  

    =AX"'q  

  • f WXzK<  
    9^tyjX2  
    '4rgIs3=x"  

    يەر شارىلاشقان سەرمايە

    zl5S)/A  

    mN`a]L'  
    $&!U&uMt  
    'Vd>"ti  
    globalization يەرشارىلاشقان سەرمايە بولسا ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىنى مەركەز يادىرو قىلغان ، ھەرقايسى دۆلەت ، ھەرقايسى مىللەت ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ سىياسىي ، ئىقتىساد ،ھەربىي ئىشلار ،بىخەتەرلىك ، تۇرمۇش ياشاش شەكىلى ، قىممەت قارشى ، كۆپ قاتلاملىق ئۆزئارا مۇناسىۋەت ، تەسىر ، ئۇچىرىشىش، قاتارلىق كۆپ خىل ئېلىمىنىتلىق نەزەرىيە بولۇپ تېخنىكا ،سىياسىي ، ئىقتىساد ، قانۇن ، باشقۇرۇش ، تەشكىللەش ، مەدەنىيەت ، ئىدىيە كۆز -قاراش ، كىشلىك ئالاقە مۇناسىۋىتى ، خەلقئارا ئالاقە مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئون نەچچە خىل تەرەپلەرنىڭ يەرشارىلىشىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. 8 _J:Yg  
    ]nh)FMo  
    1171 -يىلى ئوتتۇرا ئەسىردىكى دۇنيانىڭ گۈللەنگەن سودا مەركىزى بولغان ئىتالىيەنىڭ ۋىنتىسىيەدە تۈنجى بانكىنىڭ قۇرۇلىشى يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . EQ28pAZ  
    UX?_IgJh<"  
    globalization يەرشارىلاشقان سەرمايەنىڭ بىرىنجى باسقۇچى 1492 - 1800 يىل ئارلىقى مەزگىلى . يەنى ئىسپانىيەنىڭ ئامىرىكا قۇرۇقلىقىنى بايقىشى ، ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستان مۇستەملىكىسىگە ئىگە بولۇش مەزگىلىدىن باشلانغان . pO^ 6p%  
    @*oi1_q  
    1820-ياكى 1825- يىلدىن تاكى 2000-يىلغىچە يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئىككىنجى باسقۇچى. JwO+Dd  
    4avM: h  
    2000-يىلدىن كىيىن ھازىرغىچە ۋە يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئۈچىنجى باسقۇچى. /4|qfF3  
    i@2?5U>h  
    يەرشارىلاشقان سەرمايە بولسا يەككە شەخىسلەرنىڭ يۇقرى كاپتال پايدىغا ئېرىششى مەقسىتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، بۇ خىل يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىش قىمار خاراكتىرلىك دوغا تىكىش ھەركىتى ئارقىلىق رىئاللىقا ئايلانغان ۋە راۋاجلانغان. ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي پۇل مۇئامىلە بازىرى بولغان پاي بازىرىدا پايچېكنىڭ بازار باھاسىنىڭ ئۆسۈپ چۈشىشىنى دۆلەت ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتقان ئاخبارات بەلگىلىگەن.يەرشارىلاشقان سەرمايە بولسا دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات تارقىتىش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى پاي چېكنىڭ بازار باھاسىنى بېكىتىشدىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي كۈچى ئارقىلىق دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئاخباراتىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى پاي چېكنىڭ بازار باھاسىنىڭ ئۆسۈپ چۈشۈشىنى بېكىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئارلىقتىن يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىقتىسادىي ھەركەتلەر نەتىجىسىدە پەيدا بولغان بولۇپ ، دەسلەپتە يەككە ھالەتتىكى كاپتالىسىت ھالىتىدە مەۋجۇت بولغان بولسا كىيىن ئوخشاش مەقسەتتىكى يۇقىرى كاپتالغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان كاپىتالىستاللارنىڭ ئورتاق ھەركەت قىلىشى ۋە پۇل ئارقىلىق دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي تەدبىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ غايەت زور يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كاپىتالىسلارنىڭ قويۇق چەمبەرچاس باغلانغان ئالاقىسى ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈنگىچە تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. ' o 5,P/6  
    ئەڭ ئاددى مىسال ئالساق: 1798 يىلى روستچىلىد جەمەتى ئەنگىلىيەدە ئۆز جەمەتىنىڭ تۈنجى بانكىسىنى قۇردى.1815يىلىغا كەلگەندە ، بەش ئاكا -ئىنى لوندون، فىرانكىفورت،ۋىينا، پارىژ ، نابلۇسلاردا بانكىلارنى ئېچىپ دۇنيادىكى تۈنجى خەلىقئارالاشقان بانكىنى قۇرۇپ چىقتى.مۇشۇ يىللار تارىخىغا نەزەر سالساق ، 1815 يىلى ئەنگىلىيە ۋە ناپالىيون باشچىلقىدىكى فىرانسىيە ئوتتۇرىسدا ئۇرۇش بولدى . نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئەنگىلىيە ياكى فىرانسىيەنىڭ ئۇرۇشتا غەلبە قىلىسىغا قىمار شەكىلىدە دو تىكتى . ئۇرۇش غەلبىسى ئاخباراتنىڭ بۇ قېتىملىق قىمارنىڭ پايدا زىيىنىنى بېكىتىدىغان بولغانلىقتىن ، ياۋروپادا تورلاشقان بانكا قۇرغان روسچىلىد جەمەتى ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇرغا ئېرىشتى (ناپالىيون مەغلۇپ بولۇپتۇ)ۋە 6-19 -كۈنى دەرھال لوندون پاي بازىرىدا ساختا خەۋەر تارقاتتى(ۋېلىنتون مەغلۇپ بولۇپتۇ) ، خەۋەر قۇلاقتىن قۇلاققا تارقىلىپ كىشلەر بىردىنلا ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت زايومىنى سېتىۋالدى ، قايناق بازار كەيپىياتى بارلىققا كەلتۈرگەندىن كىيىنكى بىر قانچە سائەتتىن كىيىن دۆلەت زايومى 5% چۈشتى .بۇ ئەھۋاللارنى سىرتتىن كۆزىتىپ تۇرغان روسچىلىد جەمەتىدىكىلەر تىز سۈرئەتتە كىشلەر قولىدىكى باھاسى تۆۋەنلەپ كەتكەن زايومنى سېتىۋالدى. 6-21-كۈنى ئەتىگەن ۋېلىنتون لوندونغا قايتىپ كەلدى ۋە 'سەككىز سائەتلىك ئۇرۇش ئارقىلىق ناپالىيون مەغلۇپ بولدى ، فىرانسىيە ئەمدى تۈگەشتى'دىگەن خەۋەرلەر تارقالدى . بۇخەۋەر لوندونغا روسچىلىد جەمەتىنىڭ خەۋىرىدىن بىر كۈن كىيىن يىتىپ كەلدى. ئەمما راسىت خەۋەر تارقالغاندا ئەنگىلىيە دۆلەت زايومى تىز سۈرئەتتە ئۆستى (كىشلەر قولىدىكى زايوملارنى روسچىلىد جەمەتىگە سېتىۋېىتپ بولغان ئىدى) روسچىلىد جەمەتى بۇ قېتىملىق سودىدا 20 ھەسسە پايدىغا ئېرىشتى. يەنى ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت مال مۈلىكى زايوم شەكلى ئارقىلىق كاپتالىست بولغان روسچىلىد جەمەتىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتتى.شۇنداق قىلىپ دەسلەپكى شەكىلدىكى پۇل ئارقىلىق دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە دۆلەت پۇل مۇئامىلىسىنى كونتىرول قىلىپ ، دۆلەت ھۆكۈمەت مالىيەسىنى قەرزگە بوغۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قارا پەردە ئارقىسىدىن كونتىرول قىلىش بارلىققا كەلدى. 3Ry?{m^  
    ئەينى ۋاقىتىكى ئەنگىلىيە دۆلەت ھۆكۈمىتى تارقاتقان زايوم zf زايوم بولۇپ ، 1670يىلى ئەنگىلىيە خان جەمەتى پادىشاھ تەرپىدىن تارقىتىلغان ، zfبولسا بىر مىليون 200 مىڭ فونىستىرلىڭ نەق پۇل قىممىتىدىكى مەڭگۈلۈك زايوم بولۇپ ،يىللىق ئۆسۈمى 8% ، يللىق باشقۇرۇش ھەققى 4000 فونىستىرلىڭ ، يەنى ھەر يىلى پەقەت 100مىڭ فونىستىرلىڭ قىممىتىدىكى zf زايومنى ، بىر مىليون 200 مىڭ فونىستىرلىڭ نەق پۇلغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ . 2005 يىللىق سىتاتىسكىغا قارىغاندا ،1695 يىلى 1مىليون 200 مىڭ zfزايوم ،2005 يىلى 525مىليارد 900 مىليون فونىستىرلىڭ بولغان بولۇپ ئەنگىلىيە گ د پ سىنىڭ 42.8% نى ئىگللىگەن . ) مانا بۇ نەق بولمىغان تەقلىدىي پۇل دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ مالىيەسىدە بولماستىن ، كۆپ قىسىمى 300يىللىق تارىخدىن بۇيان تارقىتىلىپ شەخىسلەر قولىدا زور مىقداردا ساقلىنىپ قالغانلىقتىن ، ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت مالىيەسىنى باشقۇرۇش ،دۆلەت سىياسىتىنى بەلگىلەش ھوقۇقلىرى ئۆزلىرى تارقاتقان پۇل ئارقلىق شەخىستىن ئىبارەت كاپىتالىستلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ ، پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇلىدىغان چوڭقۇر دۆلەت ۋە دۇنياۋىي خاراكتىرلىك يەرشارىلاشقان سەرمايىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ مۇشۇ خىلدىكى zf زايوملارنى ئەنگىلىيەدىن 150 يىل كىيىن ، 1815--1820 يىللاردىن باشلاپ تارقاتقان . نەتىجىدە يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنغان پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشى ئارقىلىق نەچچە يۈز يىللىق تارىخ جەريانىدا دۆلەت مالىيەسىنىڭ ئاستا -ئاستا شەخىسلەر قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى ئارقىلىق پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇلىدىغان چوڭقۇر دۆلەت ۋە ھازىرقى غايەت زور مىقداردىكى دۆلەت ھۆكۈمەت قەرزىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . Rzb] mM  
    i_MDLS>-  
    vEOoG>'Zq  
    &Nt4dp`qj  

    يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان تەسىرى.

    { "/@,!9rJ  
    k8h$#@^  
    ئىسپانىيەلىكلەر ئەڭ دەسلەپ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقىدى . بۇ خەۋەر ياۋروپادا تارقالغاندىن كىيىن ، ئەنگىلىيەلىكلەر ئامېرىكىغا سەپەر قىلدى ، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدا تېخى ئالتۇن ،كۈمۈش كانلىرى بايقالمىغانتى ،پۇل ئەسلا يوق بولۇپ ، سودىدا پۇل ئارقىلىق ئوبورت قىلىنىش كەم ئىدى. ئەمما ئەنگىلىيەلىكلەر دەسلەپكى ئىپتىدائىي ئالماشتۇرۇش شەكىلى ئارقىلىق سودا پائالىيىتىنى راۋاجلاندۇرغان ئىدى. ئامېرىكىنى ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرغان مۇشۇ يىللاردا ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئامېرىكىدا zf قەغەز پۇل تارقىتىش ئارقىلىق سودىدا ئوبورت قىلىشقا ئىشلەتتى، ئەمما 1763يىلى بىنجامىن فىرانكىلىندەك ئامېرىكىلىقلار بىز مۇستەملىكە زىمىن بولغاندىكىن ، بىز ئۆزىمىنىڭ ' مۇستەملىكە زايومى'مىزنى ئىشلىتىمىز دېدى.شۇنداق قىلىپ بۇ يېڭى پۇل ئەنگىلىيە بانكىلىرىنىڭ ئامېرىكا مۇستەملىكىسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىۋەتتى.1764يىلى بۇ خىل رىئاللىقنى قوبۇل قىلالمىغان ئەنگىلىيە بانكىرلىرى 'پۇل سوتى'ئارقىلىق ئامېرىكا مۇستەملىكىسىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ قەغەز پۇلىنى تارقىتىشىنى چەكلىدى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ zf نى ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە تىگىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئىشلەتتى. بۇ يىللاردا بىر مەزگىل راۋاجلانغان سودا پائالىيىتى كەينىگە چىكىندى، قىسقارتىپ ئېيتقاندا يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئامېرىكا مۇستەملىكىسى زىمىنىدا مەجبۇرىي ھالدا پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى تالىشىش ۋە مۇستەملىكىلەرنى ئۆزىنىڭ 'مۇستەملىكە پۇلى'نى ئىشلەتكىلى قويماسلىقى نەتىجىسىدە ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتىلىدى . ئەينى يىلى 33 ياشلىق ' مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ يازغۇچىسى ' ئامېرىكىنىڭ ئۈچىنجى نۆۋەتلىك ئەلباشى توماس جېفىرسون ' ئامېرىكا خەلقى ئاخىر ئۆزىنىڭ دۆلەت پۇلىنى تارقىتىش ھوقۇقىنى كونتىرول قىلدى' دىگەن. Bp}<H<@  
    `Z{7Ut^)  
    ئالىكساندىر خامىلتون روسچىلىد جەمەتى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە مۇناسىۋىتى بار شەخىس بولۇپ، روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن (يەنى ھازىرقى دەۋردىكى پارە) . 1789 يىلى خامىلتون ئامېرىكىنىڭ مالىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1790 يىلى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كىيىن ، دۆلەت مەجلىسىدە ، ئەنگىلىيە بانكىلىرىنىڭ شەخىسلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى مەركىزى بانكىلىرىنىڭ،ئامېرىكىدا پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە مۇشۇنداق تەكلىپلەرنى بەرگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسى : شەخىسلەر ئىگىدارلىقىدىكى بانكىلار فىلادىلفىيەدە باش مەركىزى بانكا قۇرۇش ، باشقا رايونلاردا تارماق بانكا قۇرۇش، بانكا دۆلەت پۇلى ۋە زايوم تارقىتىش ،ئۆسۈملۈك zfتارقىتىش، يەنى ئومۇمىي پاي قىممىتى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ، شەخىسلەر 80 % پايغا ئىگە ، ئامېرىكا 20% پايغا ئىگە بولۇش .1791-12 -ئايدا ، خامىلتوننىڭ بۇ لاھىيەسى دۆلەت مەجلىسىدە 39:20 ئاۋاز بىلەن تەستىقلاندى . ئەينى يىللىرى جېفىرسون دۆلەتنىڭ پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى شەخىسلەر كونتىرول قىلىشقا قاتتىق قارشى تۇردى، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق كۆرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن ۋاشىڭگىتون 1792يىلى2ئاينىڭ25-كۈنى ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىمزا قويدى . بانكىنىڭ مۆھلەت ۋاقتى 20 يىل قىلىپ بېكىتىلدى. خەلىقئارالاشقان بانكا بولغان روسچىلىد جەمەتى بانكىسى 1811-يىلغىچە ، 10مىليونلۇق پاينىڭ شەخىسلەر ئىگىدارچىلىقىدا بولىدىغان 80 % پېيىنىڭ 70%نى يەنى 7مىليونلۇق پاي قىسىمىنى تولۇق ئىگەلىۋالدى.توماس جېفىرسون ئەلباشىلىققا سايلانغاندىن كىيىن مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇش شەكىلى ئارقىلىق، 1811-3-3 -كۈنى ئامېرىكىدىكى بىرىنجى بانكىنى تاقىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن 'پۇل تارقىتىش ھوقۇقى'دىن كىيىن ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى يۈز بەرگەن بولسا، پاينى ئەنگىلىيە بانكىرلىرى كونتىرول قىلىۋالغان بانكىنىڭ تاقىلىشىدىن كىيىن 1812 - يىلى ئەنگىلىيە - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولدى. 3يىللىق ئۇرۇشتىن كىيىن روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئەسلىدىكى بانكىدىكى بايلىقى ھەممىسى قۇرۇق قەغەزگە ئايلاندى. 1916-قايتىدىن ئامېرىكا ئىككىنجى بانكىسىنى قۇردى . پاي شەكىلى يەنىلا خامىلتوننىڭ ئىدىيىسىنى ساقلاپ قالدى.لىكىن ئەنگىلىيە بانكىرلىرى zf ئارقىلىق ئامېرىكىنى كونتىرول قىلىش قەدىمىنى توختاتمىدى. 1845- روسچىلىد جەمەتى ئاخىر يەنە بىر قېتىم ئامىرىكىنىڭ ئىككىنجى بانكىسىنى ئۆز كونتىروللۇقىغا ئالدى.1860 يىللاردىكى ئامىرىكا جەنۇپ شىمال ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىمۇ دەل ئەنگىلىيە بانكىرلىرى ، توقۇمچىلىق فابىرىكا خوجايىنلىرى ، ئىكىنزارلىق خوجايىنلىرىنىڭ شىماللىقلارنىڭ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى چىقىشىدىن كېلىپ چىقتى. بۇ يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا پەيدا قىلغان ئۈچىنجى قېتىملىق ئۇرۇشى بولۇپ ،600 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جەنۇپ شىمال ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كىيىن لىنكولىن يېڭى نۇسخىدىكى پۇل تارقىتىش سىياسىتىنى ئوتتۇرغا قويدى ، بۇنداق بولغاندا 1812- يىلدىكى بىرىنجى قېتىملىق ئامېرىكا بانكىسى تاقالغان ۋاقىتتىكىدەك ئەنگىلىيە بانكىرلىرى ئۆزلىرى ئىگە بولغان zf تىن مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيتى . شۇنىڭ بىلەن يەرشارىلاشقان سەرمايە بولغان ئەنگىلىيە بانكىرلىرى (جەنۇب شىمال ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكا جەنۇبلۇقلىرى )سەنئەتكار جون ۋىلكىس بوسنى ياللاپ لىنكولىننى قەستلەپ ئۆلتۈرىۋىتىش ئارقىلىق يېڭى پۇل تارقىتىش سىياسىتىنى بىكار قىلدى.(لىنكولىننىڭ يېڭى پۇل سىياسىتىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى ئىلگىرىكىدىن بەكلا تۆۋەن ئىدى.) W4Eo1 E  
    ?J>^X-z  
    ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ، جەنۇب شىمال ئۇرۇشى ، 1837،1857،1907،1929، يىللاردىكى ئامېرىكىغا ۋە لىنكولىن ، كىننىدى قاتارلىق يەتتە نەپەر ئەلباشىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىشىگە ۋە قايسى دەۋرلەردىن باشلانغان ئامېرىكا ئەلبەشىنىڭ سايلىنىشىغا نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىنىشقا نەزەر سالىدىغان بولساق ، مانا بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى كاپىتالغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان ئەنگىلىيە كاپىتاللىرىنىڭ يەنى يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ ئامېرىكىدا پۇل تارقىتىش ھوقۇقى ۋە zf ئامېرىكىنىڭ دۆلەت زايومىنى ئىگللەش ، پۇل سىياسىتى ئارقىلىق دۆلەتنى قارا پەردە ئارقىسىدىن كونتىرول قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . 0 s4% 22  
    /$B<+;L!#  
    دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، قانداق قىلىپ نەچچە تىرلىيون غايەت زور قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان؟ دىسەك ، دەل يۇقىرى كاپتالغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان كاپىتالىستلارنىڭ، شەخسىيلەر ئىگىدارچىلىقدىكى مەركىزىي بانكىلار ئارقىلىق دۆلەتكە ۋاكالىتەن دكلەت زايومى ۋە zf تارقىتىپ بېرىشى ۋە بۇ خىل يۇقىرى ئۆسۈملۈك مەڭگۈللۈك zf لارنى ئۆز كونتىروللىقىغا ئېلىۋېلىشى نەتىجىسىدە، 200 --300 يىل ئىلگىرىكى ئىگەللىۋالغان zf لارنىڭ قىممىتى ئۆسۈپ بۈگۈنكى كۈندىكى نەچچە تىرلىيون دۆلەت ھۆكۈمەت قەرزىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .. Chjth"  
    ed& ,  
    ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشى تەرەققىي قىلىپ تويۇنۇپ قېلىش دەرىجىسىگە يەتكەن ،يىتەرلىك بازار ئېھتىياجى بولمىغان تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە يېڭى بايلىق مەنبەسى ئىزدەش ، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىغا ۋ ە ئىشلەپچىقارماقچى بولغان مەھسۇلاتىلىرىغا بازار ئېھتىياجى يىتىشمىگەنلىكتىن، يېڭى سودا بازىرى ئىزدەش ، ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قورال ياراقلىرىنى تەجىربە سىناق قىلىش ئۈچۈن،رايون ئىزدەش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن نەزەرىيە .ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشى بۈگۈنكى كۈندىكى نەزەرىيە بولماستىن،غەرب كاپتالىزىمىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئوينىغان سىياسىي ئويۇنىنىڭ ئەمەلگە ئاشقاندىن كىيىنكى كۆرىلىۋاتقان نەتىجىسى . qwnC{  
    B=9|g1e  
    تارىخقا نەزەر سالساق : سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ، روبىلىنىڭ قىممىتى ، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە بورىنى، 'تۆت كىچىك ئەجدىھار' نىڭ گۈللىنىشى ، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشىدا بىز ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاندۇقمۇ ؟ بۇ بىر تاسادىپىيلىقمۇ؟ ياكى ماس كېلىشمۇ ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، پەردە ئارقىسىدىكى ھەققىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ كىم؟ كىم كىلەركى نۆۋەتلىك قەستلەنگۈچى بولۇشى مۇمكىن ؟ يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە خادىمى ۋە ئېنىرگىيە مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ، ياۋروپادىكى بانكىرلارنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىشى ،بۇلارنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق ؟ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشنى سىياسىي ئىنقىلاب ياكى پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشى بېكىتكەنمۇ؟ ... wKwireOs  
    b-ZvEDCR  
    ئەنگىلىيە يەرشارىلاشقان سەرمايە تەرەپدارلىرى ئامېرىكىدا زايوم تارقىتىش ، zf تارقىتىش ، پۇل تارقىتىش ھوقۇقىغا قايتا --قايتا ئۇرۇشلارنى قىلىپمۇ ئېرىشگەلمىگەندىن كىيىن،1861 يىلى كاناداغا 8000 ئەسكەر يۆتكەپ كەلدى ۋە جەنۇبتىن ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ ، شىمالىي قىسىمدىكى لىنكولىننىڭ تارقاتقان zf تەھدىد سالدى ، 1862- ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ، ئىسپانىيەلەرنىڭ ئارمىيەسى مېكسىكىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى ۋە جەنۇبىي قىسمىغا توپلاندى. 1863- فىرانسىيە ئارمىيەسىنى 30 مىڭغا كۆپەيتىپ مېكسىكا شەھرىنى ئىگەللىدى. مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئەنگىلىيە بانكىرلىرى لىنكولىنغا شەرتلىك تەلەپنى قويدى . ئەسلىدىكى ئەنگىلىيە بانكىرلىرى ئىگە بولغان zfنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى 24% تىن 36% كە ئۆستۈرۈپ بېرىش تەلىپىنى قويدى . لىنكولىن بۇ تەلەپنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىپ ئەنگىلىيە بانكىرلىنى ئامررىكىدىن ئايرىلسۇن دىدى. نەتىجىدە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغان جەنۇبتىكى ئارمىيەلەر بىلەن لىنكولىن باشچىلىقىدىكى شىمالدىكى ئارمىيەلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ ، ئامېرىكا تارىخىدىكى جەنۇب شىمال ئىچكى ئۇرۇشى يۇز بەردى . پۇل بولمىسا ، ئۇرۇشنى قىلغىلى بولمايدۇ ، بۇ پۇلنى خەلقئارالاشقان بانكا روسچىلىد جەمەتى بانكىسىدىن قەرز ئالسا ئۆزىنىڭ توزاققا چۈشىدىغىنى بىلگەن لىنكولىن ئەسلىدىكى zfنى بىكار قىلىپ ، يېڭىدىن لىنكولىن zfتارقاتتى. جەنۇب شىمال ئۇرۇشى دەۋرىدە لىنكولىن 20 يىللىق مۆھلەت بىلەن ، يىللىق ئۆسۈمى 5% بولغان ئومۇمىي قىممىتى 450 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يېڭى zfتارقاتتى. جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى بولىۋاتقان ئامېرىكا پارچىلىنىپ،ياۋروپالىقلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان پەيىتلەردە،لىنكولىن 7مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەدىلىگە،لىۋىسكىي باشچىلىقىدىكى روسىيە ئارمىيەسى بىلەن سودىلاشتى .1863-9 -24 -كۈنى روسىيە ئارمىيەسى نىيويورىك پورتىغا يىتىپ كەلدى. 10-12 - كۈنى سان فىرانسىسكوغا باردى. ئاخىر ئۇرۇش لىنكولىننىڭ روسىيە ئارمىيەسىگە 7مىليون 200 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىپ شىماللىقلارنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. (قىسقارتىپ ئۆتۈپ كەتسەك ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن يەرشارىلاشقان سەرمايە تەرەپدارلىرى 1867 يىلى روسىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھەربىي گېنىرالىنى قەستلىدى ، ئەمما تەلىيىگە ئۆلمەي قالدى ، 1881 -يىلى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا جەھەنەمگە يولغا سالدى.) شىمال ئارمىيەسى غەلبە قىلغاندىن كىيىن لىنكولىن شىمالدىكى نىگىر قۇللارنى ئازاد قىلدى ، كاپىتللارنىڭ ئىكىنزارلىقلىرىدا ھەقسىز ئىشلەيدىغان نىگىر قۇللار يوق بولدى ، ئەنگىلىيە بانكىرلىرى يۇقىرى ئۆسۈمگە ئىگە بولالمىدى ۋە ئەسلىدىن ئىگە بولغان zf لىنكولىننىڭ يېڭى پۇل سىياسىتىدە قۇرۇق قەغەز بولۇپ قالدى ،شۇ سەۋەب ئەنگىلىيە بانكىرلىرى ، جەنۇبىي قىسىمدىكى ئىكىنزار خوجايىنلىرى لىنكولىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتتى. لىنكولىن ئۆلگەندىن كىيىن ، يىڭى ھۆكۈمەت دۆلەت مەجلىسىدە ئۇرۇش يىللىرىدا تارقىتىلغان ئومۇمىي مىقدارى 400 مىليون ئامىرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى لىنكولىن zf نى بىكار قىلدى ، ئەنگىلىيە بانكىرلىرىنىڭ 24%لىك ئۆسۈمنى 36% كە ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ئامىرىكا zf سىنى ( United States Notes) يەنە بىرخىل ئاتىلىشى Greenback يېشىل پۇل تارقاتقان بولۇپ ، لىنكولىن يېشىل پۇلى 1994 -يىلغىچە ئامېرىكىدا ئوبورت قىلىنغان. مۇشۇ جەنۇب شىمال ئۇرۇشىدا لىنكولىن يېشىل پۇلغا تايىنىپ غەلبە قىلدى ، 1863- يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك بانكا قانۇنىغا ئىمزا قويدى .مانا بۇ قېتىملىق ئىمزالانغان ئامېرىكا دۆلەتلىك بانكا قانۇنى لىنكولىننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر خاتالىقى بولۇپ ، ئۇ بۈگۈنكى كۈندىكى ئامېرىكىنىڭ غايەت زور مىقداردىكى دۆلەت ھۆكۈمەت قەرزىنى پەيدا قىلدى. يەنى ئامېرىكا بانكىسى تارقاتقان zf ئۆسۈملۈك ۋە مەڭگۈلۈك zf بولىدۇ. خەلقئارا بانكىرلار ئەنگىلىيەنى قەستلىگەنگە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئامېرىكىنىمۇ قەستلىدى. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ تۇرىدىغان zf لىرىغا ئىگە بولغان . 2006 يىللىق سىتاتسىكىغا قارىغاندا ،10تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق zf قا ئىگە بولغان بولۇپ ،ھازىر ھەر سىكۇنتىغا 20مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق سۈرئەتتە ئۆسۈپ ماڭماقتا . rNZN}g  
    XO\P4x :c  
    1910-11-22-كۈنى كىچىدە ، ئامىرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بانكىرلىرى بىر مەخپىي پويىزغا چىقىپ جەنۇبتىكى گىئورگىيە شىتاتىنىڭ جېكىي ئارىلىغا يىتىپ كەلدى. جېكىي ئارىلى بولسا ئامېرىكىنىڭ پۇل ماگىناتلىرى قىش پەسىلىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىگەللىۋالغان زىمىن ئىدى. JP Morgan Chase Et CO (يەنى ھازىرقى ئامېرىكىدىكى دۇنيادا بەشىنجى ئورۇندىكى چوڭ بانكا ) دىكىلەر جېكىي ئارىلىدا بىر ئوۋ ئوۋلاش كۇلۇبى قۇرغان .يەرشارىدىكى 6 ئۈلۈش بايلىق مۇشۇ كۇلۇپ ئەزالىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ ،ئەزالىق سالايىتى مىراس قالىدۇ ،لىكىن باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىلمەيدۇ. كۇلۇپنىڭ قائىدىسى : كۇلۇپنىڭ مۇلازىمەتچى خادىملىرى باشقا قۇرۇقلۇقتىن تاللاپ كېلىنگەن ، كۇلۇپ ئەزالىرى 2 ھەپتە ئەتىراپىدا كۇلۇپتا تۇرىدۇ .كۇلۇپ ئەزالىرى كۇلۇپقا كەلگەندە ئۆز ئىسىم فامىلىسىنى ئىشلەتمەيدۇ ۋە باشقا ئىسىم ئىشلىتىدۇ . 50 ئىنگىلىز مىلى دائىرە مۇخىبىرلاردىن خالىي قىلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق مەخبىي يىغىنغا مورگان jp نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ، نىيويورىك بىرىنجى دۆلەتلىك بانكىسىنىڭ لىدىرى،روكفىللىر جەمەتدىكىلەر، روسچىلىد جەمەتىنىڭ ۋەكىلىرى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كىشلەر يىغىلغان بولۇپ ، بۇلار Federal Reserve Act فىدىراتسىيە زاپىسى لاھىيەسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان. \p.ku%{  
    GCc@ :*4[  
    paul warburg پائۇل ۋاربۇرگ گېرمانىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن يەھۇدىي بولۇپ ، kuhn loeband company شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ ، بانكا كەسپى بىلىمى مول ، بۇقېتىملىق لاھىيەنىڭ يازغۇچىسى ۋە چۈشەندۈرگۈچىسى بولغان. nelson aldrich نىلسون بولسا national monetary commission نىڭ رەئىسى بولۇپ ، روكفىللىر جەمەتدىن ، بۇ پىلان ئوخشاش بولمىغان بانكا گوروھىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇن ھالدا لاھىيەلەنگەن ۋە دۆلەت مەجلىسىدە 9 كۈنلۈك تالاش --تارتىش ئارقىلىق يولغا قويۇلۇش تەستىقلانغان. بۇ قېتىملىق بانكىرلار پىلانىدىن كىيىن ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىمۇ ئەنگىلىيەنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، پۈتۈنلەي خۇسۇسىيلاشقان. دۆلەت زاپىسىدىكى ئەسلىدىكى 20% لىك zf مۇ بىراقلا خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن. بانكا كىرزىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن پۇقرالار بانكىرلاردىن نارازى بولغان ، ئەمما نارازىلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا ئىپادىلىيەلمىگەن ، ئامېرىكىنى ئوتتۇرا شەرقىي قىسىم ۋە شەرقىي قىسىمدىكى ئوتتۇرا قاتلام ئۇششاق كارخانچىلار ۋە كىچىك بانكىرلار بۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىمىغان . شۇنىڭ بىلەن پائۇل قايتىدىن بىر لاھىيە تۈزگەن ،ئۇلار ئوخشاش بولمىغان نامدىكى نۇرغۇنلىغان بانكىلار ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى پايدىغا ئىگە بولغۇچى پەقەت ئۆزلىرىلا بولىدىغان كىشلەر ئاسان چۈشىنەلمەيدىغان ، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلا چۈشىنىدىغان بىرخىل لاھىيەنى تۈزۈپ چىققان ، مۇشۇ دەۋردىن باشلاپ يەرشارىلاشقان سەرمايە بولغان خەلقئارالاشقان بانكىرلار دۆلەت مەجلىسى (پارلامىنىت) گە سىڭىپ كىرىپ ئەلباشىنىڭ بېكىتىلىشىنى بەلگىلەش، پۇلنىڭ تارقىتىلىشىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆز كونتىروللىقىغا ئېلىۋالغان. ۋال كوچىسىدىكى 1910- يىللىق جىكىي پىلانىغا قاتناشقان بانكىرلار ئامېرىكىنىڭ زور كۆپ قىسىم بايلىقىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ ، بۇلار روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئەنگىلىيەدە بانكا قۇرۇپ غايەت زور كىرىمگە ئېگە بولۇشىنى ئامېرىكىدا قايتىدىن ئوخشاش تەقلىد قىلىپ ئورۇنداپ چىقتى. بۇ قېتىملىق مەخبىي يىغىنغا قاتناشقان مورگان jp نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ، نىيويورىك بىرىنجى دۆلەتلىك بانكىسىنىڭ لىدىرى،روكفىللىر جەمەتدىكىلەر، روسچىلىد جەمەتىنىڭ ۋەكىلىرى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كىشلەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ تارقاتقان zf لىرىنى بارا- بارا يىغىۋېلىپ، zf زاپاس مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ۋە مونوپۇل سودا تىجارىتى ئارقىلىق ۋال كوچىسىدا باش كۆتىرىپ چىققان پۇل ماگىناتلىرى. 1C:lXx$|  
    KbSIKj  
    1918-11-11-كۈنى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشتى . ئۇرۇش رەسمى شەرتسىز ئاياقلاشقان بولماستىن ، ئەكىسچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشقا ئاجىراتقان ھەربىي چىقىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ، ئىقتىسادنىڭ خورىشىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلاشتى . ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر، دۆلەت ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ زىمىن ۋە بايلىقىنى ئىگەللىۋېلىپ،يەرشارىلاشقان سەرمايە بولغان خەلقئارا بانكىرلار بىلەن سودىلىشىش ئارقىلىق،دۆلەت تاشقى قەرزىنى قايتۇرماقچى بولغان ۋە مۇشۇ خىل ئۇرۇش قىلىپ دۇنيانى بۆلىشىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنى قۇتقۇزماقچى بولغان.لىكىن مەقسەتكە يىتەلمىگەنلىكتىن گىرمانىيەنىڭ 13% زىمىنى بۆلىۋېلىش ، گېرمانىيە 32 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تۆلەش، ھەريىللىق ئۆسۈمى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈم تۆلەش .20 يىل ۋاقتىنچە ئۇرۇش قىلماي ئارام ئېلىپ تۇرۇشتەك شەرت ئاستىدا گېرمانىيەنىڭ شەرتنامىگە قول قويىشى بىلەن بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.ئەمما 20 يىلدىن كىيىن قايتىدىن كۈچلىنىپ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ،ئاجىز دۆلەتلەرنى قايتىدىن بۆلىشىۋېلىش شەرتنامە ھالىتىدە مەخپىي ئىمزالاندى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىندى. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە،خەلقئارا بانكىرلار ئۇرۇش مەزگىلى قەرز پۇلى تارقىتىش ئارقىلىق، غايەت زور مىقداردا كاپتالغا ئىگە بولدى. 1927-يىلى بىنجامىن مورگەن ۋە kuhn loeband company قوللىشى ئاستىدا،نىۋيورىك بانكىسىنىڭ لىدىرى ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى ، خەلقئارا بانكىرلار ئۇنىڭغا ئامېرىكا بانكىلىرىنىڭ ئۆسۈمىنىڭ ئەنگىلىيە بانكىلىرىنىڭكىدىن، تۆۋەن بولۇشىنى مەسلەھەت كۆرسىتىپ مەخپىي خەت يازغان بولۇپ،بۇ پىلان ئىجىرا قىلىنغاندىن كىيىن ،ئۇرۇش ئامېرىكا زىمىنىدا بولمىغانلىقتىن ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ،ئۇرۇش رايونلىرىدىكى ئوتتۇرىھال ئۇششاق بۇرژۇئازىيەنىڭ ئامېرىكىغا كىلىپ ئامېرىكىنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.دۆلەت ئىچى تىپتىنىچ بولغان ئامېرىكا مۇھىتى يارىتىش ، دۆلەت سىرتىدا ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان،بارلىق كىشلەرنىڭ تىپتىنىچ ئۇرۇشتىن خالىي مۇھىتقا ئىگە بولغان ئامېرىكىغا ،سەپەر قىلىشى ۋە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ۋەيران بولۇپ كېتىش خەۋىپىدىن ئەنسىرىمەيدىغان مۇھىت بولغانلىقتىن ، يۇرەكلىك ھالدا زاۋۇت،كان،كارخانا قۇرۇشتەك ھالەت دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلدى. 5&6S["lt  
    > `u} G1T\  
    ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىگەنلىكتىن مەبلەغ سېلىش دولقۇنى كۆتىرىلىپ ، ۋال كوچىسىدىكى كۆپتۈرۈلگەن قايناق سودا ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. 1928 -يىلى خەلقئارا بانكىرلار پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇ پ ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئالتۇننىڭ بازار باھاسىنى تۆۋنلەتكۈزدى. كۆپتۈرۈلگەن قايناق مەبلەغ سېلىشتىن كىيىن ، باھانىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن 1927-1929 يىلغىچە بولغان ۋال كوچىسى پۇل مۇئامىلە بازىرى، پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادى بورىنى كېلىپ چىقتى. ئەمما نىۋيورىك بازىرىدا باھا تۆۋەنلىتىلگەن بولسىمۇ، لوندون بازىرىدا باھا ئەسلى ھالىتىدە مۇقىم بولغاچقا ، ئارلىقتىكى باھا پەرقىدىن پايدا ئېلىندى ، بازار باھاسىدىكى باھا پەرقىدىن ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ياخشى پايدىلىنىپ ، ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان ئىقتىسادىنى تىزلا ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدى. يەنە بىر قېتىملىق پىلاندىن كىيىن لوندون ۋە نىيويورىك پۇل مۇئامىلە بازىرىدا، باھا پەرقىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئارلىقتىكى ۋاقىت پەرقى ۋە باھا پەرقىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى،مەڭگۈلۈك پايدىغا ئېرىشىكىلى بولىدىغان ھالەت شەكىللەتندى . (ھازىرمۇ لوندون ۋە نىۋيورىك بازىرىدىكى، ئالتۇننىڭ بازار باھاسىدا ھەر ئۇنسىيەدە نەچچە دوللار پەرق بار بولۇپ، غايەت زور مەبلەغكە ئىگە بولغان خەلقئارا بانكىرلار، ئارلىقتىكى پەرقتىن توختىماي پايدىغا ئېرىشىپ تۇرىدۇ . ) ئەمدى ئاشۇ يىللاردىكى ئىقتىسادىي كىرزىس بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇساقمۇ ، يەنە ئوخشاپ قالىدۇ ، ئالدىنقى يىلى ياز پەسىل ئولىمپىك مەزگىلىدە ئالتۇننىڭ بازار باھاسى 970-980 دوللار ئەتىراپىدا ئىدى ، ئىقتىسادىي كىرزىس داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە 870--890 ئارلىقىدا ساقلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ .. خەلىقئارا بانكىرلارنىڭ قولىدا غايەت زور كاپىتال بار ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا تەقلىدى ۋە رىئال ئالتۇننى ئۈزلۈكسىز سېتىۋالسا ، ۋە ساقلاپ قالسا (بىزدەك قىسقا ۋاقىتلىق باھا ئۆسكەندە سېتىپ ،يەنە ئېلىپ دىگەندەك قىسقا ۋاقىتلىق ئوبورت قىلمايدۇ ) ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرى ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئۆز دۆلىتىنى ئىقتىسادى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش بىلەن،دۇنيا خاراكىرلىك بولغان بۇ ئىقتىسادىي كىرزىسنى تەڭ ئىقتىسادى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاخىرلاشتۇرسا ، قايتىدىن كىرزىستىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدەك گۈللىنىش بارلىققا كېلىدۇ. كىشلەر قايتىن پۇل مۇئامىلە بازارلىرىغا مەبلەغ سالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي كىرزىستىن كىيىنكى كۆپتۈرۈلگەن قايناق بازار شەكىلىنىپ ، نىيويورىك ۋە لوندوندا پاي ۋە ئالتۇننىڭ باھاسى قىسقا ۋاقىت تىز سۈرئەتتە ئۆسىدۇ . نەتىجىدە غايەت زور مىقداردىكى كاپىتالغا ئىگە بولغان خەلقئارا بانكىرلار، يىغىپ ساقلىۋالغان ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا ئۆسۈپ كەتكەنلىكتىن ئارلىقتا نەچچە يۈز مىليارد ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە بولالايدۇ . ئەكىسچە ئوتتۇرا بۇرژازىيە ۋە ئاددى خەلقنىڭ زور مىقداردىكى كاپىتالى بولمىغانلىقتىن يەنىلا كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. 7+@:wX\  
    '@rGX+"  
    ئەمدى مۇشۇ يەرلەرگە كەلگەندە گەرچە كىنو فىلىم بولسىمۇ ، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ھىتلېر فىلىمىدىكى كۆرىنىشلەرگە دىققەت قىلساق. دەسلەپ ئادولىف ھىتلېر قەھۋاخانىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، بىر ئامېرىكىلىق ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ ۋە كىيىنچە ھىتلېر بىر ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە كەچلىك زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنىدۇ .ھەمدە ناھايىتى تىزلا ئادولىف ھىتلېر پارتىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي مەبلىغى ئېشىپ ماڭىدۇ ۋە ئۇ كىنودا نۇرغۇنلىغان قارا پەردىلەر ئارقىسىدىكى كىشلەر كۆرۈنمىگەن بولسىمۇ ، ئادولىف ھىتلېرنىڭ ھەر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى جەريانىدىكى ، تۈرمىگە قامالغاندىن كىيىن بىراقلا پارتىيەنىڭ ۋەزىپىسى ئادولىف ھىتلېرنىڭ قولىغا ئۆتىشى ، ئاخىرىدا دۆلەت مەجلىسىنى قالايمىقان قىلىۋېتىشى ، ئەلباشىغا مەن زۇڭلى بولۇشۇم كېرەك دەپ تەھدىد سېلىشى ، تولۇق ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا ئېلىپ بولۇپ ئادولىف ھىتلېر ناتسسىت ئارمىيەسىنى تەرەققىي قىلدۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى ئەينى ۋاقىتتا پارتىيە ئىچىدىن باش كۆتىرىپ چىقىشىغا ياردەم قىلغان نۇرغۇنلىغان كىشلەرنى قەتلى قىلىۋېتىدۇ ...مانا مۇشۇ فىلىمدىمۇ گەرچە بۇ بىر كىنو بولسىمۇ ، كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان چالا رىژىسورلۇق قىلىنغان ، بالىلار چۆچىكى ئېيتقاندەك بىر نۇتۇق سۆزلەش بىلەنلا خەلقنى قايىل قىلىپ پارتىيە ئىچىدە قوللاش نىسبىتى يۇقىرى كۆتىرىلىپ زۇڭلى بولغاندەك كۆرىنىشلەر مەۋجۇت. ۋال كوچىسىدىكىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى نەتىجىسىدە، ئادولىف ھىتلېرنىڭ ناتسسىت ئارمىيەسى تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى . بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ . بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى تولۇق ماشىنلاشقان ھەربىي ئۇرۇش ئەمەس ،يەنى نېفىتتىن ئىبارەت بايلىققا ئېھتىياج كۆپ چۈشمىگەن . ئۇلار يىگىرمە يىللىق ئارام ئېلىپ قۇدىرەت تېپىپ قايتا ئۇرۇش قىلىشتىن ئىلگىرى،خۇددى ئەينى يىللىرى ئەنگىلىيەلىكلەر تارىم بوستانلىقىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ چىقىپ كەتكەندەك ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بايلىقلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە جايلىشىشىنى مەخسۇس ئۆمەكلەرنى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققان . ئەگەر ئەينى يىللىرى نېفىت زاپىسىنىڭ مىقدارىنى ھازىرقىدەك تەقلىدىي ئۆلچەش بارلىققا كەلگەن بولسا ، بەلكىم بىز ياشاۋاتقان تارىم بوستانلىقى بىر مەيدان قانلىق بايلىق تاللىشىش ئۇرۇشىنىڭ قۇربانى بولۇپ ، بىز ئويلىمىغان دەرىجىدە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەپسۇس ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرونۋىك قىسىملىرىنى ئاساس قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرىشىدىن ،ئۇ بىر مەيدان ماشىنلاشقان ئۇرۇش بولىدىغان بولغاچقا ، تەبىي ھالدا نېفىتقا ئېھتىياج چۈشكەن ۋە ئىلگىرىكى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئالتۇن كۈمۈش بايلىقىنى ئىگەللەش ۋە باشقىلارنىڭ دۆلەت زىمىنىنى مۇنقەرز قىلىش بولغان بولسا ، بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغىنى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى، نېفىت بايلىقىنى تالىشىش قوشۇلغان .(بۇيەردە بايلىق ئۇرۇشى ، نېفىت ئۇرۇشى دىگەنلەر يېزىلمايدۇ ...شۇڭا قىسقارتىپ يازدىم ) بىرنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ دۆلەت قەرزى ئارتىپ كەتكەن ئامېرىكا، رۇزىۋېلىتنىڭ يېڭى سىياسىتى بويىچە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەتئىي قاتناشماسلىق ، ئەكىسچە ئۇرۇش يىللىرىدا قەرز تاقاتقۇچى ،ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ساتقۇچى دۆلەت بولۇپ بۇ ئىقتىسادى كىرىم ئارقىلىق دۆلەت ھۆكۈمەت تاشقى قەرزىنى قايتۇرۇش ئوتتۇرغا قويۇلدى. 1918-11-11 ئۇرۇشنى 20 يىللىق ئۇرۇش قىلماسلىق مۆھلىتى بىلەن توختاتقان بولسا ، 1936 يىللارغا كەلگەندە گېرمانىيەنىڭ باش بولۇپ ئۇرۇشنى باشلىشى ئۈچۈن بىر مەيدان سۈيقەسىت ، مىيۇنخىن سۈيقەستى بارلىققا كەلدى. كۆرىۋالالايمىزكى ئۇرۇشنى گېرمانىيەنىڭ باش بولۇپ قىلىشى ئۈچۈن ئەنگىلىيە ، فىرانسىيەلەر گېرمانىيەنىڭ ئاۋىستىرىيە ، چېخوسلوۋاكىيە ، پولشالارغىچە ھۇجۇم قىلىشىغىچە بولغان دەسلەپكى مەنپەئەتىگىچە قاراپ تۇردى.ئەمما بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇرۇش يىللىرىدىكى قەرز پۇلنى يەنىلا خەلقئارا بانكىرلاردىن ئېلىپ تۇردى. نۇرغۇنلىغان ئىقتىساد ۋە دۆلەت ئىگىلىكى ۋەيران بولغان بولسىمۇ، خەلقئارا بانكىرلار يەنىلا پايدىغا ئېرىشىپ كەلدى. sJ!AI n<  
    1[/X$DyaK  
    ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى .ھەرقايسى دۆلەتلەر قاتناشچىلىقىدا ب د ت ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى قۇرۇش پىلانلىۋاتقان مەزگىلدە ، خەلقئارا بانكىرلار پۈتۈن دۇنيانىڭ پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى كونتىرول قىلىشنى پىلانلىدى. خەلقئارا بانكىرلار بىر يادىرولۇق تەشكىلات قۇرغان : ئەنگىلىيە خان جەمەتى خەلقئارا ئىشلار كېلشىمىRoyal InstuteofInernationalAFFAIRS ئامىرىكا تاشقى دىپلوماتىيە كىلشىمى CouncilonForeignAffairs... }7k+tJ<   
    e<>(c7bF  
    ئۇلار قۇرغان ئامېرىكا تاشقى دىپلوماتىيەكىلىشىمىنىڭ 3600 ئەزاسى بولۇپ ، مۇتلەق ئامېرىكا پۇقراسى ، مۇھىم تەسىرى بولغان بانكىرلار چوڭ شىركەت كاپىتالىستلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمى ، مىدىئا ساھاسىدىكىلەر، ھەربىي قىسىم رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، 1987-يىلدىكى بىر دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 262 دىن ئارتۇق مۇخبىر ۋە مىدىئا ساھەسىدىكى مۇتەخەسىس بار بولۇپ , دىپلوماتىيە كىلىشىمىدىكىلەر : نىيويورىك گېزىتى ، ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى مۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى، بالدىمور قۇياش گېزىتى ،لوس ئانجىلىس گېزىتى، دەۋر ژۇرنىلى، بايلىق ژۇرنىلى ،تۇرمۇش ژۇرنىلى، پۇل ژۇرنىلى ، ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى ، سودا ھەپتىلىك خەۋەرلىرى ژۇرنىلى، ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى ژۇرنىلى ، فوبۇس ژۇرنىلى ، ئاتلانتىك ئوكيان ھەپتىلىك ژۇرنىلى، ئوقۇرمەنلەر ھەپتىلىك ژۇرنىلى يەنە بەش ئالتە نەشىرىيات قاتارلىق مىدىئا ساھەسىنى كونتىرول قىلغان بولۇپ شۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا.  >Xh 9{/o  
    KZJ;O7'`  
    1943-1-13 -كۈنى Roosevelt and Churchill كاسابلانكىدا ، گېرمانىيەنىڭ شەرتىسز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ گېرمانىيە ئىچكى قىسىمىدىكى ھېتلىرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىغان، ئەسلىدە 1942-يىلى8 -ئايدا گېرمانىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن گېرمانىيە 1939-9-1-كۈنىدىن ئىلگىرىكى تىرىتورىيەسىگە قايتىش ۋە ئۇرۇش گېرمانىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياقلىشىش شەرتىنى كۆرسەتكەن. W8R@Pf  
    o|(-0mWBQA  
    ئەمما خەلقئارا بانكىرلار بۇ قېتىم كەم تېپىلغۇسىز پۇرسەتتە غايەت زور ئىقتىسادى كىرىمگە ئىگەبولغان.ئۇرۇش ئوتى 1945-8-ئايدا ئاياقلاشتى،ئامېرىكىنىڭ دۆلەت زايومى1930 يىلدىكى 16 مىلياردتىن 1946 يىلى169 مىلياردقا كۆپەيگەن. ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بولسا ئۇرۇش يىللىرىدا،قۇرۇلغان خەلقئارالىق دۇنيا بانكىسى ھېسابلانغان ھېسابات ئۈزۈش بانكىسىدىن ،ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئىگەللىۋالغان بايلىقلار ۋە باشقا بايلىقلار بولۇپ ئۇلارمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادى پايدا مەنپەئەتىگە ئېرىشكەن.ئەمما تارىختا سۆزلەنگەن ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مانچە مىليارد بايلىققا زىيان سالدى دىگەن بايلىقلار، بۇلارنىڭ ئۇرۇشتىن ئېرىشكەن پايدا مەنپەتىدىن ئاز بولغان.ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۈچنى ئىشقا سېلىپ يەرشارىلاشقان سەرمايە بىلەن ھەمكارلىشىپ قوزغىغان دۇنيا ئۇرۇشىدىن، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېنىق قانچىلىك ئىقتىسادى كىرىمگە ئېرىشكەنلىكى نامەلۇم .ئۇرۇشتا گەرچە لوندون ،رىم، پارىژ ،بېرلىن شەھەر بىنالىرى ۋەيران بولغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇلار ئافىرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق ، ئاسىيا رايونلىرىدىكى ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچى بىرقەدەر ئاجىز بولغان دۆلەتلەردىن نۇرغۇنلىغان بايلىقلارنى ئۆز دۆلىتىگە توشۇپ ئەكەتكەن. rl[&s\[  
    M+9G^o)u  
    بۇلارنى ھەقىقى ئىشەنچىلىك دېگىلى بولمايدۇ ،ئەمما تارىختىكى ئۆز يىل نامىلىرىدە بولۇنغان بىرگە بىر ماس بولغان راستلىقلارمۇ ئاز ئەمەس، راسىتلىق دەرىجىسىنى 60%--80% كىچە دەپ قارايمەن.

    مەنبە:تارىمى تور خاتىرسى
  • vd /_`l.D  
    C)z[Blt  
    VSZ6;&2^  
    ئامېرىكىنىڭ رىگان ناملىق ئاۋىياماتكىسى 
    [`fq4Ky  
    #fGb M!3p  
    %1VMwqC]E  
    ئاۋىياماتكا جەڭ توپى ئاۋىياماتكىنى مەركەز قىلغان ، بەلگىلىك ساندىكى پاراخوت ئايرۇپىلانى ، جەڭ پاراخوتى ، سۇ ئاستى كىمىسى ۋە ياردەمچى پاراخوتلاردىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە ئارلاشما فىلوت بولۇپ ، ئۇنىڭ تەھتىت سىلىش ۋە زەربە بېرىش كۈچى زور بۇلۇپلا قالماستىن ، مۇداپىئەلىنىش ئىقدىدارىمۇ يۇقىرى . جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى ئاۋىياماتكا جەڭ توپى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پۇتۇن دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىشتا ئىشلىتىدىغان ئىستراتېگىيىلىك قۇرالىدۇر. ئامېرىكا دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىياماتكا جەڭ توپى ئاساسلىق قۇرۇقلىقتىكى مۇھىم نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش ، دېڭىز رايونىنىڭ ھاۋا بوشلىقى ۋە دېڭىز تەۋەلىكىنى كونتىرول قىلىش ھوقوقىنى تارتىۋىلىش ،ھەربىي پاراخوتلارغا زەربە بېرىش ، ئەسكەر تۇشۇش ، قىسىمنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭ قىلىشىغا ياردەم بېرىش ، قامال قىلىش ، دېڭىز قاتنىشى لىنىيىسىنى قوغداش ۋە تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۇستىگە ئالغان. pLzsL>6h  
    fsjA7)/  
    ھازىر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جەمئىي 12 ئاۋىياماتكىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ 11 ى ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە ، بىرسى مەشىق قىلىشقا ئىشلىتىلمەكتە. ئاۋىياماتكا جەڭ توپى ئادەتتە بىر يادرو ئىنىرگىيىلىك ئاۋىياماتكا ، ئۇچتىن تۆتكىچە ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرىلىدىغان بومبىلىق ئوكيان چارلاش پاراخوتى ، ئۇچتىن تۆتكىچە سۇ ئاستى كىمىسىگە قارشى قوغلىغۇچى پاراخوت ، ئىككى ھۇجۇمچى يادرو سۇئاستى كىمىسى، بىر تەمىنات پاراخوتىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ^ MJGY,r6b  
    bOck^1Hky  
    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋىياماتكا جەڭ توپىدىكى جەڭ ئايرۇپىلانلىرى ۋە بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلارنىڭ جەڭ قىلىش رادىئوسى 800 كىلومىتىرغا ، چارلىغۇچى باشقۇرىلىدىغان بومبىلارنىڭ تىگىش مۇساپىسى 2000 كىلومىتىرغا يېتىدۇ. شۇڭا ئۇ دۇشمەن ئوت كۇچى دائىرىسىگە كىرمەي تۇرۇپمۇ ھاۋا بوشلىقى ۋە دېڭىزنى كونتىرول قىلىش ھوقوقىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇدا يۇرۇش قىلىش ئىقدىدارى يۇقىرى بولۇپ ئاۋىياماتكا جەڭ توپى بىر كېچە-كۇندۇزدە 600 دېڭىز مىلى ( 1110 كېلومىتىرغا تەڭ ) يۇرەلەيدۇ. ئاۋىياماتكا بىر قېتىم يادرو يېقىلغۇسى قاچىلىۋالسا ئۇدا 13يىل ، 1مىليون دېڭىز مېلى ( 185 مىڭ كېلومىتىرغا تەڭ ) يۇرەلەيدۇ. مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى كۆپ قاتلاملىق بولۇپ دۇشمەن فىلوتىنىڭ ئاۋىياماتكا جەڭ توپىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۇپ ئۇتىشى ناھايىتى تەس. ئادەتتە 50 سانتىمىتىرلىق ئارلاشما پولات تاختا ئىشلىتىلگەن بولغاچقا ئاۋىياماتكا بىرنەچچە باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ ھوجۈمىغا ئۇچرىسىمۇ چۆكۇپ كەتمەيدۇ. YF>t{|  
    d<7J)zUm3  
    ئاۋىياماتكا جەڭ توپىنىڭمۇ ئاجىزلىقى بار . ئاۋىياماتكا جەڭ توپى چوڭ بولغاچقا ئاسانلا ئاشكارلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاۋىياماتكا جەڭ توپى تەمىنات قۇبۇل قىلىۋاتقاندا مۇداپىئە ئىقدىدارى كۆرىنەرلىك ئاجىزلايدۇ. يەنە ئاۋىياماتكا جەڭ توپىنىڭ سۇ ئاستى كىمىسى ۋە سۇ مىناسىغا قارشى تۇرۇش ئىقدىدارى ئاجىز.
    #]eXI $HP  
    `FJnR~d  
    مەنبە:ھەربىي ئىشلار قامۇسى
  •  

     

    خوجا ئىشاقى ۋەلى توغرىسىدا



    « ھەزرىتى خوجا ئىشاقى ۋەلى ياركەنت، كاشىغەر، ئاقسۇدا بولۇپ 12 يىل دەۋران سۈردىلەر، خەلقنى ئاراستىگە (دىنى تەرىقەتكە - ئا) باشلاپ، دىنىمىغا راۋاج بەردىلەر. كىشىلەرنى ساھىبى كامال قىلدىلەر...» («تارىخىي نادىرىيە» دىن)

    ئەينى زامانلاردا شىنجاڭغا پەيدا بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئۈستىدە 12 يىل دەۋران سۈرگەن، «دىنىمىز» گە راۋاج بەرگەن ۋە ئەجدادلىرىمىزنى تەرىقەتكە باشلاپ، «ساھىبى كامال» قىلغان بۇ «زات» زادى كىم؟

    بۇ «زات» - مەشھۇر سوپى مەخدۇم ئەزەمنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادى 16- ئەسىردە شىنجاڭغا كېلىپ ئۆزىنى «ۋەلى» - (يەرلىك ئەۋلىيا) ئېلان قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ نامى بىلەن «ئىشاقىيە تەرىقىتى» نى ئىجاد قىلىپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا يۈرگۈزگەن ھەم بىزنىڭ تارىخىمىزدا ئۆزىنىڭ يەنە باشقا سەلبىي قىلمىشلىرى بىلەنمۇ داڭ چىقىرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن، تارىختىكى ئەڭ مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ مەشھۇر «پىر ئۇستازى»، «ئىشاقىيە» سوپىلىرىنىڭ «داھىيسى»، ئەۋلادى دىنىي سەرگەردان - ئىشاق ئىسمىلىك بىر سوپىدۇر. بۇ سوپى تەخمىنەن مىلادى 1506- 1507- يىللىرى ئارىلىقىدا كاسان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 20 يېشىدىن تارتىپ سوپىلىق تەرىقىتىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، 7-8 يىل ئىچىدە غەربىي تۈركىستان، ئىران، ئىراق، ئافغان زېمىنلىرى (بۇخارا، سەمەرقەند، قازان، ھىرات، ئەھرار، كەدان، نىشاپور، بەسرە، شىراز قاتارلىق شۇ چاغلاردىكى مۇتەئەسسىپ رايونلار) دا سوپىلىقنى ئۆگەنگەن. «جاھان كەزگەن» ۋە بۇ خىل پائالىيەتلەردىن كېيىن، دادىسىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپ (ئېرشاتنامە ئېلىپ) «پىر» لىققا كۆتۈرۈلگەن. مەلۇم يىللاردىن كېيىن قەشقەرىيىگە كېلىپ يەكەندە ئۆزىنى «ۋەلى» - (مىللىي ئەۋلىيا) ئېلان قىلغان ھەم قەشەرىيە خەلقىگە 12 يىلدىن جىقراق «پىر» لىق قىلىپ ئاخىرىدا قاتىللىق، قانخورلۇقنى مەقسەت قىلغان پىتنىخورلۇق قىلمىشى بىلەن پاش بولۇپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شۇ چاغلاردىكى خانى - مۇھەممەدخان تەرىپىدىن كەلگەن يېرىگە قوغلىۋېتىلگەن. تەخمىنەن مىلادى 1588- 1589- يىللىرى 82- يېشىدا پەرغانىدە ئالەمدىن ئۆتۈپ شۇ يەرنىڭ «باغى بەلەند» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان (بەزى يەرلىك خاتىرىلەردە بۇ كىشىنىڭ يەكەندە ئۆلگەنلىكى، جەسىتى يەكەندىكى «ئالتۇنلىرىم» مازارىدا قويۇلغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان، مېنىڭچە، بۇ قاراش تارىخىي پاكىتلارغا ئانچە ئۇيغۇن بولمىسا كېرەك).

    خوجا ئىشاق ۋەلى بۇخارالىق چوڭ سوپىلاربىلەن بولغان مەزھەپ ماجىرالىرى (چوڭ سوپىلار ئارا داۋام قىلىۋاتقان ئىمتىياز تالىشىش ھەرىكىتى) دا يېڭىلىپ، شۇ چاغلاردىكى بۇخارا ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن تۇرالغۇسىز سۈزگۈن قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا قەشقەرىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇدا بىر نەچچە يىل پەقىر - بىچارىلەر قاتارىدا، قەشقەر، يەكەنلەردە مازار كەزدىلىك، دەرۋىشلىك بىلەن كۈن ئالغان. يەنى خۇددى «بورقۇم ئەۋلىيا» دا كۆرسىتىلگەندەك، «كۆزلىرىدىن نۇر ياغقۇزۇپ، ئاغزىدىن ئوت - ئاتەش چېچىپ، تىللىرىدىن دۇرۇت. قوللىرىدىن تەسۋى چۈشۈرمەي، ئۇلۇغلارنىڭ باشلىرىنى تاشلىماي (مازارلارنى تاۋاپ، دېمەكچى - ئا)، بىتاھارەت زېمىنغا دەسسىمەي، دۇنيانىڭ ھەممە مەئىشەت ۋە ئىشلىرىدىن پۈتۈنلەي خالى تۇرۇپ، پەقەت مۆمىن بەندىلەرنىڭ ئىككىلا «ئالەم» لىك «غېمى» نى يەپ يۈرگەن ... »مىلادى 1560- يىللارغا كەلگەندە دىنىي ئىشلاردا باش كۆتۈرۈپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شۇ چاغلاردىكى خانى ئابدۇكېرىم خان ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىر قىسىم (ئاساسەن ھازىرىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى) جايلارنىڭ ئەڭ چوڭ «دىنىي» زومىگىرى بولۇپ تونۇلۇشقا باشلىغان. يەنى ئۇ - ھەممىدىن بۇرۇن دادىسىنىڭ «پىر» لىق ئورنىنى تەڭ ئىگىلەش، تەڭ باش كۆتۈرۈش كويىدا ئۆزى بىلەن ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرۇۋاتقان ۋە ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلىۋالغان بىر تۇغقان ئىنىسى خوجا مۇھەممەد ئىمىن ئىشان (ئىمامى كالان) نى باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق زەھەر ئىچكۈزۈپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭ «شەك - شۈبھسىزكى»، شىرىكسىز بىرلا «ۋەلى» لىك ئورنىنى «كاپالەتلەندۈرگەن». نەتىجىدە قەشقەرىيىنىڭ خېلى بىر قىسىم جايلىرىدا خوجا ئىشاق مۇرىتلىرى بىلەن خوجا مۇھەممەد ئىمىن ئىشان مۇرىتلىرى ئوتتۇرىسدا ئۆزئارا سۈركىلىش، بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى شەكىللىنىپ، بارا - بارا قەشقەرىيە جەمئىيىتىدە ئۆزلىرىنى «ھەر قانداق ئىنساندىن چوڭ، خۇدادىن كىچىك» سانايدىغانلارنىڭ دىنىي مالىمانچىلىقى، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۈچىيىپ كەتكەن.

    قەشەرىيە خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئابدۇكېرىم خان (بۇ كىشى بەزى تارىخلاردا «ئادىل خان»، «ئۇلۇغ خان» دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ) خانلىقنىڭ ئەنئەنىۋى نورمال جاھاندارچىلىقى (شۇ چاغلاردىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئاقارتىش، ھەربىي، ئىشلەپچىرىش، تۇرمۇش، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، دىنىي پائالىيەت، دۇنياۋى مۇئامىلە... قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى) بۇ ئىككى چوڭ ئىشان مۇرىتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ خوجا ئىشاقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى، ئارىلىشىشى، تەھدىتى ۋە مالىمانچىلقىغا دۇچ كەلگەن. خوجا ئىشاقمۇ قەشقەرىيىنىڭ خانلىق ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئابدۇكېرىمخان ھاكىمىيىتى خوجا ئىشاقنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا جازا ۋە زەربە بېرىش پەيتىگە چۈشكەندە خوجا ئىشاق يەنىلا قول ئاستىدىكى سوپى - ئىشانلارغا قول بەرگەن ئوبۇل ۋە مۇھەممەد ئىسىملىك كىشىلەرنىڭ قولى بىلەن ئابدۇكېرىمخاننى بارچۇق (ھازىرقى مارالبېشى) دا شىكار ئۈستىدە پىچاقلاپ ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن مۇرىتلىرىدىن بولغان قۇرەيىشنى (تارىخلاردا قۇرەيىش سولتان دېيىلىدۇ) ئابدۇكېرىم خاننىڭ ئورنىغا چىققۇزۇپ، ھاكىمىيەتنى بىر مەزگىل ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئېلىۋالغان.

    ئابدۇكېرىمخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەشھۇر خانلىرىدىن بىرى - دادىسى ئابدۇرەشدخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بۇ خانلىقنىڭ گۈللەپ ياشىنىشى ئۈچۈن ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن مىللىي داھى خاراكتېرلىك ۋەتەنپەرۋەر ئۇلۇغ زات ئىدى. ئۇ زات توغرىسىدا «تارىخىي رەشىدى زەيلى» دېگەن كىتابنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنىڭ 104- بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن" «ئابدۇكېرىمخان كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەيدىغان ئادىل پادىشاھ ئىدى. ئوردا ئىشلىرىنى ئادىل باشقۇراتتى. ھەر قانداق مەسىلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلاتتى. ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، ئازنە كۈنلىرى ئوردىدا ئولتۇرۇپ خەلقىنىڭ ئەرزى - ھاللىرىنى ئاڭلايتتى، ھەل قىلاتتى. داۋاگەر ۋە جاۋابكارلارنىڭ ئىشى شەرىئەتكە تېگىشلىك بولسا مۇپتى، قازىلارغا، ۋەزىرلەرگە تېگىشلىك بولسا ئەربابلارغا بۇيرۇيتتى. مەدىنىدە «ئابدۇكېرىمخان ئادىلى» دەپ شۆھرەت قازانغانىدى. مەككىدە بولسا، ھەر كۈنى «ئادالەتلىك ئابدۇكېرىمخاننىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، دەپ دۇئا قىلىشاتتى...»

    خوجا ئىشاق ئۆز ئورنىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاخىرىسىدا سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، يەكەننى مەركەز قىلغان «ئىشاقىيە خانلىقى» نى تىكلەش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭ (ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭ) دا ئۆز ئەتراپىغا مۇرىت توپلاشنى تېزلەشتۈرگەن، ئۆزىنىڭ «سۈلۈكى» - (ئىشاقىيە تەرىقىتى) نى رەسمىي «دىن» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇنى ئەبەدىي، ئاخىرقى، مۇتلەق ئۆزگەرمەيدىغان چەكسىز ئۇلۇق دىنىي ئەقىدە سۈپىتىدە يولغا قويۇشقا كىرىشكەن، كېڭەيتكەن. بۇ «سۈلۈك» نىڭ ئىبادەت ئۇسۇلى مۇنداق ئىدى: سوپىلار ھەر كۈنىلا مۇرىتلىرىنى يىغىپ بىر يەرگە قاتار چۆرىدەپ ئولتۇرغۇزۇپ، دۇرۇت (ئايەت) ئوقۇيدۇ، ئاندىن خەتمە تامام قىلىپ جەرە - ساما باشلايدۇ. ساماچىلار باشلىرى قايغۇچە، ھوشىلىرىدىن كەتكۈچە «ياپىرىم - ھۈم، ھۈم، ئاللاھۇ ئاللاھۇ، ھۈم، ھۈم» دەپ ئۆرە تۇرۇپ، بىر ئىزدا ئالدى - ئارقىغا تەڭ قايرىلىپ بىر خىل ۋارقىرىشىپ، ھېرىپ توختاپ، يىغازارى بىلەن يەنە دۇئا قىلىشىدۇ. ئۆتكەن «ئەۋلىيا»، «پىر»، «مازاريى - ماشايىخ» لار ھەققىدە دۇئا - تەكبىر ئوقۇشىدۇ. ئۇلار بارا - بارا پىردىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان، گېپىگە كىرمەيدىغان، كۈن بويى تائەت - ئىبادەت بىلەن بولىدىغان، توپلىشىپ مازار چۆگۈلەيدىغان بولۇپ يېتىشىدۇ. «يەكەن تارىخى» دا بۇ توغرىلىق مۇنداق دېيىلگەن: «ئىشاقىيە سوپىلىرى ئۆزلىرىگە مۇرىت بولغۇخى ساددا، تۈز كۆڭۈل خەلقلەرنى جىسىمدىن تارتىپ روھىغىچە بولغان بارلىق تەئەللۇقاتى بىلەن ئۆزلىرىگە بېقىندۇرۇپ كەتكەن. ئۇلار جھىدلاپ (پۇراپ - تېمسقاپ، ئىزدەپ - ئا) يۈرۈپ ئالىدىغانلىكى نەرسە بولسا ھەر خىل ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ يۇلۇپ ئېلىپ تۇرىدۇ... سەھرالاردىكى كىشىلەردىن تارتىپ ئوردا مەھكىمىلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك «ئىشاقىيە» سوپىلىرىغا مۇرىت بولۇپ كېتىشكەن. بۇلار تاپقان، تۈگكەنلىرىنى دۇئا قىلدۇرۇپ، ئۇلاردىن دۇئا ئېلىپ ئۆزلىرى بولسا مازار، خانىقا... (گۈلەخ، ھەمىدان، غەمخانىلاردىنمۇ - ئا) لاردا دۇئا - تالاۋەت، خەتمە - ئىستىقپار، يىغا - زارى بىلەن «ئاخىرەت» غېمىدىلا خارىزار - ۋەيرانلىقىنى مەزمۇن قىلغان تەركى دۇنيا كۈن كۆچۈرۈشكەن...».

    خوجا ئىشاقنىڭ يۇقىرى قاتلام بولۇۋالغان يېتەكچى سوپىلىرى، ئۆز مۇرىتلىرى جەمئىيەتە گۇناھ ئۆتكۈزسە ئۇلارنى سوراقچى ئالدىدا قوغداپ قالالايىدىغان (جازادىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىغان) ھەم ئۇلارنى خالىغان چاغدا، خالىغان ئىشقا، خالىغان مەقسەت بىلەن سالالايدىغان، باشتۇرالايدىغان مەھەللىۋى مۇتلەق ھۆكۈمرانلاردىن بولۇۋېلىشىپ، جاھانغا سىغمايدىغان بولۇپ كېتىشكەن. ھەتتا تېخىمۇ ھەددىلىرىدىن ئېشىپ، قەشقەرىيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە «زۆرۈرى ئىشاقىيە» (ئىشاق زۆرۈرىيەتلىرى - ئا) دېگەن يېڭى «دىنىي قائىدە» نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى، ئىجتىمائىي، دىنىي، سىياسىي تۈزۈم ۋە قائىدىلىرىنى بۇزۇشقا باشلىغان. مەسىلەن: سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ يەئى شەكلى دىن، مەزمۇنى ئىجتىمائىيەت - (ئوقۇيدىغىنىمۇ دىن، شۇغۇللىنىدىغىنى جەمئىيەت) تىن ئىبارەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىغا ئۇلار شەكلىمۇ دىن، مەزمۇنىمۇ دىن، ئوقۇيدىغىنىمۇ دىن، شۇغۇللىنىدىغنىمۇ دىندىن ئىبارەت پۈتۈنلەي تەرىقەت جاھالەتچىلىكىنىڭ «زۆرۈرىيەت» قۇرۇلمىسىنىلا دەسسىتىشكەن. تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دە بۇ توغرىلىقى مۇنداق يېزىلغان: «بىزنىڭ مەدرىسلىرىمىزدە ئەلمىساقتىن بېرى ئىمام ئەززەم يولى («سۈننىي» مەزھىپى تارمىقى) دىكى مەكتەپلەر جارى ئىدىلەر، ئوغۇل يەتتە، قىز بەش يېشىدىلا بۇ مەكتەپلەرگە جېنى خۇدانىڭ، تېنىنى تۇپراقنىڭ، ئۇستىخىنى ئىگىسىنىڭ دەپ ئوقۇشقا تۇتۇپ بېرىلەر ئىدىلەر. بۇ ئىشتا ھېچ كىشىنىڭ ھېچ كىشى بىلەن، پۇقرانىڭ ھۆكۈمەت بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرا بىلەن ھېچقانداق دەخلىچىلىكى يوق ئىدىلەر... ئوقۇش - ئوقۇتۇش خۇدا ئۈچۈن ئىدىلەر. ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈمىدە ئارزۇسى ھەم مۇدەرىسلەرنىڭ خاھىشى بويىچە تالىپلار بۇ مەدرىسلەردىن ئاخىرى ئىمامى ئەززەم يولى بولغان كەسپىي تىجارەتنىڭ ھۈنەر، جاھانسازلىقنىڭ ۋە خۇدايى بەندىچىلىكىنىڭ ھەممە رىسالە، ھالال يوللىرىنى بىلىپ چىقۇر ئىدىلەر... ۋەھالەنكى، ئەزەلدىن ۋاجىب بولۇپ كەلگەن بۇ ئەنئەنە ھەزرىتى ئىشاقى ۋەلى زامانلىرىغا كەلگەندە زۆرۈرى ئىشاقىيە قائىدىسى بىلەن ئۆزگەرتىلدىلەر. قىز بالىلار ئۆيلەردە پاك بۇۋىلەردىن ئوقۇپ، ھەر قانداق جىنسىي نامەھرەمگە كۆرۈنمەي (ئەر كىشىدە ئوقۇماي دېمەكچى - ئا) بولغۇسى روزىگاھى (بولغۇسى يولدىشى - ئېرى) نىڭ يېرىم خۇدالىقىغا تەن بېرىپ، پىرىسىز يۈرمەي، كارامەتلىك بۈۋى (بۈۋەم) لەردىن بولۇپ چىقىدىغان بولدىلەر... ئوغۇللار ئەمدى ئىمامى ئەززەم يولىنى ئەمەس، مەخدۇم ئەززەم يولى (تەرىقەت يولىنى ئوقۇپ تەرىقەت ئۈچۈنلا دۇنيادىن ئۆتىدىغان - ئا) نى تۇتىدىغان. بۇ يولدىن چىققانلارنىڭ ھەر قاندىقى ئىمانىدىن ئايرىلغانلار دەپ قارىلىدىغان بولدىلەر...» دېمەك قەشقەرىيىدە ئەزەلدىن ئەھلى كاسىپلىقىنى چىقىش قىلغان ئەنئەنىۋى مەكتەپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىراقلا ئەھلى سوپىلىق (سوپى يېتىشتۈرۈش جەمئىيەتنى سوپىلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلىش) قا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. يەنە مەسىلەن: خوجا ئىشاق سوپىلىرى بەزى جايلاردا «زۆرۈرى ئىشاقىيە» «قائىدىسى» بويىچە «نوسەندە» لىك (خەت يېزىشنى ئۆگىنىشكە ياكى مىرزىلىق) كە قارشى بەزى ھالاكەتلىك ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنىمۇ قانات يايدۇرۇپ، قەشقەرىيە جەمئىيىتىدە تەلتۆكۈس ئاممىۋى نادانلىقنىڭ ۋە ئاممىۋى ئەقلىي مەغلۇبىيەتچىلىكنىڭ ئۇلىنى ھازىرلاشقان. «بورقۇم ئەۋلىيا» نىڭ «قولسىز نوسەندە» دېگەن قىسمىدا بۇ توغرىلىق مۇنداق بىر مىسال خاتىرىلەنگەن: «سابىر ئىسپىھان (ئىسپىھان - گۇمىنىڭ بىر كەنتى - ئا) ئاتلىق بىر مۆمىن كىشى بار ئەردى. ئىشاقىيىنى پىر تۇتقان ئىدىلەر. ئالتە يىل مازار كېزىپ مۇرىتلىقتا ئىبادەت قىلىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى قەغەرگە بېيت قىلىپ پۈتۈپ چىققان ئىدىلەر. بۇ قىلىق پىر - زادىلەرنىڭ كارامەتلىرىدىن خالى قالالمىدى، زۆرۈرى ئىشاقىيە ھۆكۈمالىرى بۇنى نوسەندىلىك دېدىلەر. خان شاھىدىخان - (ئىشاق خوجىنىڭ چاپارمەن مۇرىتلىرىدىن بىرى - ئا) بۇ نوسەندىنىڭ ئوڭ قولىنى كېسىپ، ئەھلى ئىسلامغا ئىبرەت قىلدىلەر.... ئۇزات: «قەلەم نوسىبىتى (قەلەم تۇتۇش ئامىتى - ئا) خاس ئۇلۇقلىرىمىزغىلا مەنسۈپتۈر. بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرىغا قەلەم تەۋرەتكەن ھەر قانداق ئەھلى مۇسۇلماننىڭ ئۆزى كاپىر، خوتۇنى تالاق، يېگىنى زوقۇم، كەيگىنى كېپەن بولغايلەر... » دەپ سابىرنى دۇئاسى بەند قىلىپ (قاغاپ - ئا) قولسىز نوسەندە قىلىۋەتتىلەر...».

    خوجا ئىشاقچىلارنىڭ بۇ خىل جاھالەت پەرەستىلىك قىلمىشلىرىگە دۇچ كەلگەن قەشقەرىيە خەلقى مىلادى 1582- يىللار ئەتراپىدا خوجا ئىشاق ۋە ئۇنىڭ مورىت، ئەگەشكۈچىلىرىگە قارىشى كەسكىن كۈرەشلەرنى باشلىۋەتكەن. ئاقسۇ خەلقى خوجا ئىشاقنىڭ «پىر» بولۇۋالغان ئىككىنچى ئوغلى خوجا شاھبازنى ئۇر - ئۇر قىلىپ، ئاقسۇدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. خوجا ئىشاقنىڭ قەشقەرگە قويغان باش خەلىپىسى - ئۇشتۇر خەلىپىمۇ قەشقەرلىقلەر تەرىپىدىن تۇرپاندا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. يېڭىسار، خوتەن، يەكەنلەرگە قويغان قاسىم، يۈسۈپ، خوجا شادى خەلىپىلەرمۇ يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان. پۈتۈن قەشقەرىيىدە خوجا ئىشاق سوپىلىرىغا قارشى داغدۇغىلىق ئاممىۋى جامائەت ھەرىكىتى كۆتۈرۈلۈپ، بىر قىسىم جىنايىتى ئېغىر چوڭ سوپىلارنىڭ ئەدىپى بېرىلگەن. سوپىلىق ھەرىكەتلىرىگە چەك قويۇلغان. ئاخىرى خوجا ئىشاق خەلقى ھەرىكىتىدىن قورقۇپ مۆكۈپ - چۆكۈپ يۈرۈپ سەمەرقەندگە قېچىپ بېرىپ، كەلگۈسىدە قەشقەرىيىنى بۇخارا خانلىقىغا تەۋە قىلىپ بېرىش ۋەدىسى بىلەن بۇخارا خانى ئابدۇللاخاندىن 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئېلىپ (باشلاپ)، قەشقەرىيىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن، چوڭ قىرغىنچىلىق بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ، قەشقەر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان. قەشقەر خەلقى بۇ قانخور خوجىنى باشلاپ كەلگەن لاۋۇ - لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ قاتتىق جازالاپ، قەشقەرىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيىدە سۇلتا ئابدۇرەشىد خاننىڭ ئوغلى مۇھەممەدخان (خاقانى ئەزەم) خانلىقى قايتىدىن تىلىنىپ، تىنچلىق ئورنىتىلغان. سوپى، ئىشانلار ھەرىكىتى بىر مەھەل بېسىلغان.


    خاقانى ئەئىزەم ئىسھاقىيە خوجىلىرى پەيدا قىلغان جاھالەت ئىزلىرىنى، قاراڭغۇلۇقنىڭ تۇمانلىرىنى
    تۈگىتىشكە كىرىشكەن.

    ئاپاق خوجا توغرىسىدا

    ئۇرغىلى بولماس خوجىنى،
    تىللىغىلى بولماس خوجىنى.
    مۇسۇلماننى خار قىلغان.
    خۇدا ئۇرسۇن خوجىنى.

    -(تارىخ قوشاقلىرىدىن)

     

    ئاپاق خوجا كىم؟


    بىزنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىمىزدا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە سەلبىي قىلمىشلىرى بىلەن نام قالدۇرۇپ ئۆتكەن چوڭ خوجا - ئىشانلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى - ئاپئاق خوجا (ھىدايتۇللا خوجا) دۇر.

    ئاپئاق خوجا - خوجا مەخدۇم ئەزەمنىڭ پەر نەۋرىسى - (مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغلى) بولۇپ، مىلادى 1626- يىلى قۇمۇلدا قەشقەرلىك سەئىد جېلىل قەشقىرى دېگەن كىشىنىڭ قىزى زۇلەيخا بىكىم (بىكىم بېگىم مەنىسىدە - ئا) دېگەن خاتۇندىن تۇغۇلغان. 1633- يىلى دادىسى بىلەن سوپىلىق قىلىپ قەشقەرگە پەيدا بولغان. 1660-يىلى 34- يېشىدا يەكەندە مەكىتلىك ئوبۇل ھادى بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. 1678- يىلدىن 1694- يىلغىچە 16 يىل قەشقەرىيە (ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ) گە «خان» لىق قىلغان. ئۆمرىدە «ئەۋلادى پەيغەمبەر خوجا» - «ئەۋلىيا خوجام»( )، «ئاپئاق خوجا»، «ئىشان نۇر ئاللاھ»()«ئىشان ئەلەيھى»، «ئاللاھ خوجام»( )، «پېشىۋاھى ھەزرەت»، «ئاباخ خوجا»( ). «تورلوك ئاباخ»() دېگەندەك ناملارنى قوللانغان ياكى قوبۇل قىلغان. 1693- يىلى يازدا ئوغلى (شۇ چاغدىكى قەشقەرنىڭ باش ھۆكۈمرانى) يەھيا خوجا (خان خوجا دەپ ئاتىلىدۇ) غا: «... ئەي قەدىرلىك پەرزەنت، مۇشۇ يەر ھەممە يەرلەردىن ئوبدانراق ئىكەن. بۇ يەرگە ئېگىز بىر گۈمبەز قىلىڭ، ئۇ - تا قىيامەتكىچە بۇزۇلمىسۇن....» (ئاپئاق خوجا تەزكىرىسى كۆچۈرۈلمە نۇسخا 41- بەت) دېگەن بۇيرۇقنى بېرىپ، دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ قەبرىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھازىرقى ئاپئاق خوجا مازىرىنىڭ ئەسلىنى ياساتقان ھەم ئۇنىڭغا دەسلەپتە «مازارى شاھان» (مازارلار شاھى) دەپ نام قويغان. ھىجرىيە 1115- پەلەڭ يىلى يەنى يولبارس يىلى ماھى سەپەر ئېيىنىڭ 16- كۈنى (مىلادى 1694- يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى) ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىشاق ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ھوقۇق، ئىنتىقام ئاداۋىتى بىلەن يەكەن شەھىرىدە 68 يېشىدا زەھەرلەپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. جەسىتى شۇ يىلى قەشقەر شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېلىنىپ، ئۆزى ئۆلۈشتىن يەتتە ئاي بورۇن ياستىپ قويغان «مازارى شاھان» غا دەپنە قىلىنغان. ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى خوجايەھيا شۇ يىلى دادىسىنىڭ قەبرىسىنى چوڭ گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇپ، گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە پارىسچە «ئاپئاق خوجا خۇدانىڭ ئاشىقى ئىدى»، «يەككە - يېگانە مەشۇق ئىدى» دېگەن خەتنى يازغۇزۇپ، بۇ يەرنىڭ نامىنى «مەزرىنى ئاپئاق مازىرى» قىلىپ بېكىتكەن.

    ئاپاق خوجىنىڭ باش كۆتۈرۈشى

    ئاپئاق خوجا مىلادى 1640- يىللار ئەتراپىدا دادىسىنىڭ سوپىلىقنى ئۆگىنىپ قەشقەردە مۇرەتتەپ (پىششىق) سوپى ھەم تونۇلغان ۋائىز (مەدداھ) لاردىن بولۇپ قالغان. 1644- يىللىرى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى (خوجا ئىشاقنى ۋەلىنىڭ نەۋرىسى) خوجا ئابدۇللا ئىشان تەرىپىدىن دىنىي ھوقۇق، ئىمتىياز تالىشىش ئاداۋىتى بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال دادىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلغان ھەم دادىسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن «ئىشقىيە سۈلۈكى» گە ۋە بۇ «سۈلۈك» مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەلىرىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان. ئاپئاق خوجا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ چاغ - قەشقەرىيدە بىر - بىرىگە قارىمۇ - قارشى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى چوڭ سوپىلىق سېپى - «ئىشقىيە» چىلەر سېپى بىلەن «ئىشاقىيە» چىلەر سەپلىرىنىڭ ئىچكى كۈرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ تۇرغان يامان چاغقا توغرا كەلگەن() مۇشۇنداق كەسكىن كۈرەش ئىچىدە باش كۆتۈرگەن ئاپئاق خوجا يەنىلا ئۆز رەقىبى بولغان «ئىشاقىيە» چىلەرگە قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلىش، ئاخىرى بېرىپ پۈتۈن قەشقەرىيىنىڭ بىردىنبىرى چوڭ دىنى ھۆكۈمرانى بولۇپ مەيدانغا چىقىشنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن:

    1. ئۆزىنى «سەئىد» ئاتاپ («مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27- ئەۋلاد نەۋرىسىمەن» دەپ ئېلان قىلىپ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ۋارس» لىك قىلىۋاتقان «ئۇلۇغ زات» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تۇنجى قېتىم قەشقەردە ئەتراپىغا ئادەم يىغىش، مۇرىت كۆپەيتىش ۋە ئۇلار ئارقىلىق قەشقەرىيىدە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. يەنى ئۆز يېقىنلىرى ئارقىلىق قەشقەر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «... خوجام دەرگاھىغا كېلىپ مۇرىت بولغۇچىلارنىڭ ھەر قانچە ئېغىر گۇناھلىرى بولسىمۇ گۇناھىدىن ساقىت بولىدۇ...»، «ئىنسان سۈلۈككە كىرسە (خوجامغا مۇرىت بولسا دېمەكچى - ئا) ئۇرنى بارغانسېرى ئاشىدۇ. ئاللاھنىڭ زاتىغا ئۇلىشىدۇ ۋە ئەبەدىلىشىدۇ. مۇشۇ يول بىلەنلا خۇداغا يېقىنلىشىش مۇمكىن... »، « ... خوجام (ئاپئاق خوجىنى دېمەكچى - ئا) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىنلەرگە <پىر>،<ئۇستاز> بولۇش ئۈچۈن كەلگەن <ئەۋلىيادۇر> دۇر... »، «ئەيغەمبەر بىلەن ئوخشاشتۇر...»، «... بىرەر كىشى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ دىننىڭ پۈتۈن ئەركانلىرىنى ئورۇنلىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر <ئەۋلىيا>،<پىر> غا قول بەرمەيدىكەن، ئىشەنمەيدىكەن گۇناھكار بولىدۇ. قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ...» («تەزكىرپىر ياران» دىن) دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى ئەۋج ئالدۇرغان. ئاپئاق خوجىمۇ بۇ خىل تەشۋىقاتنى ئۆزىنىڭ تاللانغان، سۆزمەن، تەشۋىقاتچىلىقتا چېنىققان، ئەل ئىچىدە تونۇلغا مەدداھلىرى ئارقىلىق كەڭ دائىرىلەر، يىراق جايلار بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي خېلى يىللار داۋاملاشتۇرغىنى ئۈچۈن، پۈتۈن قەشقەرىيىدە ناھايىتى تېزلىكتە نامى چىقىشقا باشلىغان. ۋەھالەنكى، بۇ خىل تەشۋىقاتلار پۈتۈنلەي ئويدۇرما ۋە ئالدامچىلىق ئۈچۈنلا توقۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتە ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىرەر تارىخ ياكى ئىسلام تەلىماتى، ئەقىدە پىرىنسىپلىرىدا تەكىتلەنگەن بىرەرمۇ پاكىت - ئاساس يوقتۇر. دېمەك ئاپئاق خوجا تەشۋىقاتچىلىرى (مۇرىتلىرى) مۇشۇنداق بىر شەخسىنى ئادەتتىن تاشقىرى سۈپەتلەر بىلەن ماختاپ (ئۇنىڭ غايىبىنى بىلىدىغانلىقىنى، «ئۇلۇغ» لىقىنى تەرىپلەپ، «خوداغا رام» لىقى بىلەن ئاخىرىدا ئۇنى قەشقەردە «ئىسلام دىنىنىڭ ئەۋلىياسى»، «ئۇلۇغ پېشۋاسى»، «سەئىد» دېگەن تاج ئاستىغا ئېلىپ) ئەجدادلىرىمىزنىڭ يەلكىسىگە مىندۈرۈشكىچە بېرىپ يەتكەن.

    2. خۇددى «تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دە كۆرستىلگەندەك: «... بۇ زات ھەر يىلى مازار - ماشايىقلارنى تاۋاپ قىلىپ، قەدىم جايلارنى يوقلاپ، شەھەرلەرنى كۆرۈپ، يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئەل - خالايىققا كۆرۈنۈپ، دۇئا بېرىپ، مۈشكۈللىرىگە ئاسايىشلىق تىلەپ، باشلىرىنى سىلاپ، سايىۋەن بولۇپ تۇرۇش» نى زادىلا قولدىن بەرمىگەن. يەنە شۇ كىتابتا: «... بۇ زات ئۈچتۇرپانغا بارغاندا خالايىق <بىز كۈتكەن سەئىد مۇشۇ ئىكەن> دەپ ئەقىدىلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئاتلىرىنى يىلقىسى (بايتىلى) بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن، كالىلىرىنى ئېغىلى بىلەن ھەدىيە قىلىپ بېرىپ دۇئاسىنى ئالدىلەر...» دېيىلگىنىدەك، ئاپئاق خوجا قۇمۇلدىن تارتىپ خوتەنگىچە بولغان شەھەر، بازارلارنى، قەدىم جايلارنى بىر نەچچە قېتىمدىن زىيارەت قىلىپ، بۇ جايلاردىن مۇرىت توپلاپ، «ئۇلۇغ» لاردىن «دۇئا» ئېلىپ، كىشىلەرگە «دۇئا» بېرىپ تاپاۋەت تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇلىنى چىڭىتىپ بارغان. «تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپئاق خوجا مىلادى 1635- يىلدىن 1677- يىلغىچە قۇمۇل، تۇرپان، قارا شەھەر، كوچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئۈچتۇرپان، يېڭسار، سېرىققۇل، بەدەخشان (ئافغانىستان)، كەشمىر، كاسان، پەرغان، ئىلى، راجىدان (جاممۇ) قاتارلىق جايلاردا مازاركەزدىلىك، ئىشانلىق سەپىرىدە يۈرۈپ، ئىرشاتنامە تارقىتىپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى سوپىلىققا ئالغان. مۇرىت كۆپەيتكەن. ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام»، تۇرپاندىكى «ئەشابول كەئەب»، يەكەندىكى «ئالتۇنلىرىم»، ئاتۇشتىكى «سۇلتانوم»، كۇچادىكى «مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلئوللا»، خوتەن - ئىلچىدىكى «ئىمام زەينۇل ئابىدىن»، نىيە ناھىيىسى تەۋەسىدىكى «ئىمام جەپەر سادىق»، قارىقاشتىكى «ئىمام مۇھەممەد ھەسەن ئەسكىرى»، چىرىيىدىكى «ئىمام جەپەر تەيران»، قاغىلىقتىكى «زۇنلان»، «جەمجۇم» قاتارلىق 30 نەچچە مازارنى كېزىپ ۋە بەزىلىرىنىڭ پەخرىي شېيخلىق دەرىجىلىرىنى قوشۇمچە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ تەرەپتىكى تەسىرى ئاساسىنىمۇ كېڭەيتكەن. مۇرىت، شېرىك، يارانلارنى ئاۋۇتقان. مىلادى 1669- يىلىغا كەلگەندە خۇددى «يەكەن تارىخى» 38- بېتىدە كۆرسىتىلگەندەك: «... ھىدايتۇللا ئاپئاق بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشىتا ئىسمائىلخاندىن ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرىدىن سېلىق ئالماسىلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئىسمائىلخان بۇنى سەل چاغلاپ ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇنى ئاڭلىغان خەلق خوجا ھىدايتۇللاغا كۆپلەپ مۇرىت بولۇپ، پەقەت بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچدىلا 30 مىڭغا يېقىن كىشىگە يېتىپ»، قەشقەرىيىنىڭ خېلى بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا ئاپئاق خوجا تەرىقىتىنىڭ «ئىشىقيە» سۈلۈكى بىر خىل يېڭى دىنىي ئىدىيە سۈپىتىدە تارقىلىشقا باشلىغان. مىلادى 1666- يىللار ئەتراپىدا قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشقىيە» چى سوپىلار بىلەن ئەبەيدۇللا خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشاقىيە» چى سوپىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز سەپلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، كۈچەيتىش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن. ئاپئاق خوجا ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشاقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ھەم ئۆز سېپىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق قىلىپ بەلگىلەش ئۈچۈن، ئۆز مۇرىتلىرىنى ئاق تەقى (ئاق تۇماق - ئاق دوپپا) كىيىشكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن. ئەبەيدۇللا خوجىمۇ ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قارا تەقى (قارا تۇماق) كىيىشىكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشاقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپئاق خوجىنىڭ تەسىرى چوڭراق بولغان («ئىشقىيە» چىلەر جىقراق بولغان) ھازىرىقى قەشقەر شەھىرىدىن تۇرپانغىچە بولغان جايلارنىڭ خەلقلىرى ئاق تەقىلىقلارنىڭ تەرەپدارلىرى قىلىپ قويۇلغان. ئەبەيدۇللا خوجا («ئىشاقىيە» چىلەر) نىڭ تەسىرى چوڭراق بولغان يەكەن، قاغلىق، خوتەن تەۋەلىرىگە قاراشلىق جايلارنىڭ خەلقى قارا تەقىلىقلەرنىڭ تەرەپدارلىرى قىلىپ قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلاردىن تارتىپ تاكى ئاددىي پۇقرالارغىچە ئىككى قاشقا بۆلۈنۈپ، ئىككى خوجىنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان ئاق تەقىلىقلەر، قارا تەقىلىقلەر كۈرىشى ئەۋجىگە چىققان («ئاق تەقى»، «قارا تەقى» ئاتالغۇسى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭ ئۆزگىرىش خۇسۇسىيىتى بويىچە «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» دېيىلىپ كەلمەكتە). گەرچە ئۇلارنىڭ تۈپ ماھىيەتلىرى بىر - بىرىدىن پەرق قىلمىسىمۇ قەشقەرىيىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتى يەنىلا سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ داۋامچىلىرىدىن بولغان ئىسمائىلخاننىڭ قولىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئىككى گۇرۇڭنىڭ باشلىقلىرى دىن ۋە دىنىي ئىشلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قوللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزئارا قانلىق كۈرەشلەرنى زادىلا توختاتماي، ئىسمائىلخان ھاكىمىيىتىڭ مۇقىم، تىنچ ئىتتىپاق بولۇشىغا خەۋپ يەتكۈزۈشكە باشلىغان. مەسىلەن: «بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئاپئاق خوجىنىڭ «ئاق تاغلىق» سوپىلىرى 1670- يىلى بىر ئىچىدىلا يېڭىسار، مەكىت مارالبېشى، پەيزىۋات، يەكەن، قاغلىق قاتارلىق جايلاردا «قارا تاغلىق»، «پىر» سوپىلاردىن 80 نەچچىنى تۇتۇۋېلىپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 40 نەچچە «سوپى» نىڭ پېيىنى قىرقىپ، قول، پۇتىنى كېسىپ، ئاختا قىلىپ (ئەرلىك تۇخۇمىنى ئېلىۋېتىپ) «كېرەكسىز مۇردا» ھالەتكە ئەكېلىپ، «قارا تاغلىق» لاردىن «ئۆچ» ئالغان. «ئىشاقىيە» چى «قارا تاغلىق» سوپىلارمۇ قەشقەرىيىنىڭ خوتەن، يەكەن تەۋەلىرى (ھازىرقى كېرىيە، چىرىيە، لوپ، ئىلچى، قاراقاش، گۇما، قاغلىق، مەكىت، يەكەن، پوسكام ناھىيىلىرى تەۋەلىرى) دە «قىلمىشلىرى ئېغىر»، «ئاق تاغلىق»، «پىر»، «سوپى»، ئىشانلاردىن بەزىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، مەخپىي ھالدا قول - پوتىنى باغلاپ چىقالمايدىئان چۆللەرگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپ ياكى قول، قۇلاقلىرىنى كېسىۋېلىپ (ئەن سېلىپ قويۇپ) ھەيدىۋېتىپ، ياكى گاچا - گاس قىلىپ تاشلاپ، بەدەل ھېسابىدا ئۆچ ئېلىپ تۇرغان. 1671- يىلى ئاپئاق خوجا سوپىلىرى ئىسمائىلخان ئەمەلدارلىرىنىڭ نەسىھەت، توسۇشلىرىغا بوي بەرمەي يەكەندە «قارا تاغلىق خوجىلار» نىڭ ئەدىپىنى يەنىمۇ قاتتىقراق بېرىشكە كىرىشكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىسمائىلخانغا قىلىنىۋاتقان بىر خىل خىرىس ئىدى. ئىسمائىلخان بۇنى سېرىپ قېلىپ، شۇ يىلى يازدا ئاپئاق خوجىنى بىر نەچچە چوڭ شېرىكى بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيدىن زورلۇق كۈچ بىلەن ھەيدەپ چىقارغان. ئۇنىڭ زوراۋان «سوپى» لىرىدىن، قاتىل «پىر» لاردىن بىر نەچچىنى جازالاپ، قالغانلىرىنى تىنچ پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. قارا تاغلىق خوجا ئىشانلارمۇ خانلىقنىڭ تېگىشلىك قانۇن، چەكلىمىلىرى ئىچىدە پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيىدە «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» لار ماجىرالىرى بىر مەھەل پەسىيىپ جەمئىيەت تىنجىغان. ئىسمائىلخان 17- ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا جۇڭغارلار بېسىپ ئالغان شىمالدىكى ئۇيغۇر رايونلىرى (ئۈرۈمچى، ئىلى، قۇمۇل، ئالتاي رايونلىرى) نى قايتۇرۇۋېلىش تەييارلىقىغا كىرىشكەن.

     

  •  

    كارىز ھەققىدە

     

    كارىز --- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادىيىتى، لىن زېشۈ بىلەن مۇناسىبىتى يوق!



    ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قېنى ھېسابلانغان كارىز - بۇلاقلار يۇرتىمىز شىنجاڭدا خېلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئەنە شۇ كارىز ۋە بۇلاقلار ئارقلىق تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن، ھازىرمۇ يۇرتمىز شىنجاڭدا كارىزلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسەن قۇمۇل، تۇرپان ۋىلايەتلىرىگە ۋە سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى ناھىيەلەرگە، گۇما ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىلىرىگە تارقالغان. كارىزلارنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 5000~7000 كىلومېتىرغىچە بولۇپ يىللىق ئېقىن مىقدارى 900 مىڭ كۇپ مېتىر كېلىدۇ.

    يىللىق يېغىن مىقدارى نۆل چامىسىدا بولغان تارىم ۋە تۇرپان، قۇمۇل تەۋەلىرىدە كارىز ئۆز رولىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرغان بولغىيتتى-ھە؟

    1980- يىللاردىن بۇيان يۇرتىمىز شىنجاڭدىلا ئەمەس، مەملىكەت مىقياسىدا كارىزلارنىڭ مەنبەسىنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، بۇ ھەقتە بەس -مۇنازىرە ۋە تالاش -تارتىشلارمۇ قىزىپ كەتتى (مەخسۇس كارىز ھەققىدە 1939- يىلدىن 1987- يىلغىچە خەنزۇ تىلىدا 37 پارچە، ئۇيغۇر تىلىدا 10پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى). بۇ بەس-مۇنازىرىلەر جەريانىدا لىن زېشۈنىڭ خەلققە كارىز قېزىشنى ئۆگەتكەنلىكى توغرىسىدىكى فانتازىيەلىك ماقالىمۇ ئالاھىدە كۆز قاراش سۈپىتىدە مۇنازىرە سورۇنىغا ئېلىپ كېلىندى.

    ھازىرغىچە شىنجاڭ كارىزلىرى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەر ئىچىدە تاۋ تۈئەنجىننىڭ «لىن زېشۈنىڭ سۇنى تىزگىنلىشى ۋە شىنجاڭنى ئېچىشتىكى تىرىشچانلىقلىرى»، جۇڭ شىننىڭ «لىن زېشۈنىڭ سۇنى تىزگىنلىشى»، نەن خۇنىڭ «لىن زېشۈ بېگىمنىڭ قۇدۇقى»، ليۇ جۇڭ شىننىڭ «كارىز _ قۇملۇقتىكى ھاياتلىق بۇلىقى» قاتارلىقلاردا، شىنجاڭدىكى كارىزلار لىن زېشۈنىڭ كەشپىياتى قىلىپ كۆرسىتىلىپ، ئۇ شىنجاڭغا پالانغاندىن كېيىن، يەرلىك خەلقلەرگە سۇ ئىنشائاتى قىلىشنى ۋە كارىز قېزىشنى ئۆگەتكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

    بىراق، ياڭ گوجىن تۈزگەن «لىن زېشۈ پۈتۈكلىرى»، لىن زېشۈ يازغان «ئۆتكەن كۈنلەردىن خاتىرە»، ياڭ گوجىن يازغان ۋە جوڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى تۈزگەن «لىن زېشۈ ماقالىلىرى توپلىمى» قاتارلىقلاردا لىن زېشۈنىڭ كارىز قازغانلىقى ھەتتا كارىز بېشىغا بارغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق سۆز-ئىبارىلەر يوق.

    يۇقىرىدا نامى ئېلىنغان خاتىرىلەردىن قارىغاندا، لىن زېشۈ خان يارلىقىغا ئاساسەن داۋگۋاڭنىڭ 22- يىلى 7- ئاينىڭ 6- كۈنى پالىنىپ شىئەندىن يولغا چىقىپ، 10- ئاينىڭ 9- كۈنى كۈرە شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. پالانغان ئەمەلدارلار شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن يەرلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن چامى يەتكۈدەك ئىشلارغا سېلىنىپ، ئوردىغا خىزمەت كۆرسەتسە، ۋاقتى كەلگەندە قايتا خىزمەتكە قويۇلاتتى، لىن زېشۈنىڭمۇ بالدۇرراق خىزمەت كۆرسىتىپ گۇناھىنى يۇيۇش ئارزۇسى بار ئىدى، شۇڭا ئۇ ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى سانغۇنى بويانتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا بارماقچى بولغان، چۈنكى ئۇ يەرلەردە ئاھالىلەر ئاز، سۇ مەنبەسى كۆپ بولغاچقا شەنشى، سەنشى قاتارلىق جايلاردىن ئاھالە كۆچۈرۈپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ خانغا خىزمەت كۆرسىتىشكە تىرىشقان. بۇ ھەقتە تەپسىلىي لايىھە تۈزۈپ خانغا سۇنغان، ئوردا دانىشمەنلىرى ئۇنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار پىلانىغا قارىتا خىزمەت كۆرسەتتى دەپ بېكىتىپ بەگلىك مەرتىبىسى بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنىڭ بىلەن لىن زېشۈ پالاندىلىق مۇددىتىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا ئوردا بېگىلىك مەنسىپىگە ئالدىراپ شىنجاڭدىن كېتىپ قالغان.

    ئۇ شىنجاڭدا تۇرغان چاغدا يازغان «ئۆتكەن كۈنلەردىن خاتىرە» دىمۇ كارىزدىن مەلۇمات يوق.

    ئۇنداقتا، لىن زېشۈ قانداق قىلىپ سۇ ئىنشا'ئاتى قۇرلۇشى مۇتەخەسىسى، كارىزنىڭ كەشپىياتچىسى بولۇپ قالدى ؟كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىش شۇ بولدىكى، جوڭگو خەلقىنىڭ ئەپيۇن چېكىشىگە قارىشى باتۇرانە كۈرەش قىلغان لىن زېشۈ شىنجاڭدىكى سۈرگۈن ھاياتىدا كارىزنىڭ كەشپىياتچىسى قىلىنىپ، يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە ئاپتورلارنىڭ «باش قاتۇرۇپ» قەلەم تەۋرىتىشى بىلەن كارىزنىڭ كەشپىياتچىسى بولۇپ قالغان.

    مەن يۇرتىمىزدىكى كارىزلارنىڭ كەشپىياتچىسى ھەم قانۇنلۇق مىراسخورى شىنجاڭلىقلار-قەدىمقى شىنجاڭنى ئېچىپ باغۇ- بوستان قىلغان ئۇيغۇرلار، دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پاكىتلارنى كۆرۈپ ئۆتۈشكە تەۋسىيە قىلىمەن:

    1. 1954-يىلى موسكۋادا نەشىر قىلىنغان چەتئەل تىلى لۇغىتىنىڭ كارىز بابىدا: كارىز تۈركچە (ئۇيغۇرچە) سۆز، ئۇ نۇرغۇن قۇدۇقلارنى تۇتاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان، دېيىلگەن.

    2. سابىق سوۋېت قىرغىز ئالىمى دوكتور نارىنبايېۋ 1988- يىلى نەشىردىن چىققان «ئۇيغۇرلارنىڭ 19- ئەسرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى پەلسەپىۋى تەپەككۈرى» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىردە كارىزنى كەشىپ قىلغان، دېيىلگەن.

    3. سابىق سوۋېت ئالىمى گروم گروزھمايلو 1890- يىللىرى تۇرپانغا كېلىپ كارىزنى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىب پاراسەت بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلغان كەشپىياتى كارىز __ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ شۇ قەدەر تەرەققىي تاپقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، دەپ يازغان.

    4. 1939-يىلى موسكۋادا نەشردىن چىققان ۋ. س. ئودولوف يازغان يېزا ئىگىلىك ۋە سۇ تەمىناتىغا ئا'ئىت كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدە: تۈرك خەلقى مىلادىدىن 3000يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىراققا بېرىپ سۇ بىلەن تەمىلەش ئۆستەڭ تورىنى قۇرغان، دەپ يازغان.

    5. توقسۇننىڭ كۆجەي يېزىسى تەۋەسىدە تېپىلغان تاش خەرىتىگە 60 نەچچە سۇ، ئېقىن ۋە كارىز، بۇلاقلارنىڭ خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن.

    دېمەك، يۇقىرقى پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، شىنجاڭدىكى كارىزلارنىڭ كەشپىياتچىسى يەرلىك مىللەت --- ئۇيغۇرلاردۇر.

    ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلاپچى لىن زېشۈ شىنجاڭغا پالىنىشتىن بۇرۇنلا ئەجدادلىرىمىز كارىزنى كەشىپ قىلغان، ھەتتا خەرىتىگىمۇ كىرگۈزگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ياراتقان كەشپىيات مۇۋەپەقىيەتلىرىنى يەكۈنلىگەندە قانداقتۇ «بۇ مەدەنيەت ئىلگىرى باشقا جايدىن كۆچۈپ كەلگەن بولۇشى مومكىن»، «پالانى ئۆلكىنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئوخشايدۇ»، «پوكۇنى يەردىن كەلگەن جاڭ ئۇستامنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە ئۆگىتىشى بىلەن بارلىققا كەلگەندەك تۇرىدۇ» دەيدىغان بىر تەرەپلىمە «يەكۈن» لەر ئەمدى تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ كەتسە بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.

    پايدىلانما: «توقسۇن تارىخ ماتېرياللىرى»، سەدۇللا تاھىرى ماقالىسى.

    ئەسلى مەنبەسى ئۆزۇم. «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 1992- يىلى 9- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.

    ( بۇ ماقالە ئاپتونوم رايون بويىچە باھالاشتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.)

     








  • لۇتپۇللا مۇتەللىپ



    لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922-1945) بىر ئوت يۈرەك شائىر، ئۇ "يىللارغا جاۋاپ"، "خىيالچان تىلەك" قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى ل. مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت 9 يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىزىپ، ۋەتىنىگە، خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتتى.

    2004-يىلى قۇربان ھېيتتا يازغۇچى مۇھەممەت شاھنىياز ئەپەندى دادامنى يوقلاپ ئۆيىمىزگە كېلىپ دادام بىلەن پاراڭلاشتى ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى سورىدى. دادام گەرچە 86 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، خاتىرىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى. دادام 60 يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى بىزگە تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى:

    1939-يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پىچان ناھىيىسىدىن مەن، ئابلا پولات، ئىمىن قاسىم، مۇھەممەت قاسىم، ئەنەس سادىق ئالتەيلەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چىقتۇق. شۇ يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە تۆرت سىنىپ يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار 21-، 22-، 23-، 24- سىنىپلارغا تەقسىم قىلىنغانىدى. بىز پىچاندىن كەلگەنلەر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەلقەم ئەختەم، تۇرغۇن ئالماس … قاتارلىقلار بىلەن 24- سىنىپتا ئوقۇدۇق. ئۇ ۋاقىتتا ئىبراھىم مۇتىئى (پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىسى)، مەۋلانجان تۇردىيوف (دۇنيا تارىخى ئوقۇتقۇچىسى)، ئابدۇللا زۇنۇنوف (تىل ئوقۇتقۇچىسى)، ئاخۇنجانوف ۋە ئابلا داۋۇتوف قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. مەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن شۇ چاغدا تونۇشقان. سىنىپتا ئۇنى «مۇتەللىپ» دەپ چاقىراتتۇق. ئۇنىڭ شېئىرلىرى سىنىپ تام گېزىتى، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلاردا دائىم ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. تەنەپپۇستا مۇتەللىپ مۇنبەرگە چىقىپ شەپكىسىنى قولىغا ئېلىپ لېنىننى دوراپ سۆزلەپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرەتتى. ئۇ رۇسچىغا پىششىق بولۇپ، رۇسچە، تاتارچە، قازاقچە ماتىرىياللاردىن تولۇق پايدىلىنالايتى. كېيىن خەنزۇچىنىمۇ ئۆگەندى.

    شۇ چاغدا ھەر پەسىلدە بىر قېتىم سىنىپ تام گېزىتى چىقىراتتۇق. بىز ئىشلىگەن تام گېزىتى مەكتەپ بويىچە باھالاشتىن ئۆتەتتى. مېنىڭ خېتىم ھەممەيلەننىڭكىدىن چىرايلىق بولغاچقا، تام گېزىتىنىڭ خېتىنى مەن يازاتتىم، مۇتەللىپ بىلەن سەئىدىن تالىپ گۈزەل-سەنئەت لايىھىلىگۈچىسى ئىدى. مۇتەللىپ رەسىم سىزىشقا ئۇستا بولۇپ، ماركىس، ئېنگىلىس، لېنىن، سىتالىنلارنىڭ رەسىملىرىنى شۇنداق ئوخشىتىپ سىزاتتى.

    1939- يىلنىڭ ئاخىرى بىز «نۇرلۇق يولغا قەدەم» دېگەن تېمىدا تام گېزىتى چىقىرىشقا تەييارلىق قىلدۇق. تەييارلىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى دوسكىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دوسكا توشمىدى، مەكتەپتىن تەكشۈرىدىغان ۋاقىت ئاز قالغاچقا، مۇتەللىپنى چاقىرىپ مۇشۇ يەرگە شېئىر يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدىم. ئۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ مۇنۇ شېئىرنى يازدى:

    يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ مىليونلىغان ئەل،
    كۈرەش مەيدانىغا چۈشتى باغلاپ مەھكەم بەل.
    بۇ يولدا ئاقىدۇ قانلار بولۇپ سەل،
    ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىز چوقۇم بولىدۇ ھەل.



    مەن بۇ شېئىرنى دەرھال قەغەزگە كۆچۈرۈپ چاپلىدىم. تام گېزىتىمىز مەكتەپ بويىچە 1-بولۇپ باھالاندى. مۇتەللىپ بۇ شېئىرىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنى مەدھىيىلىگەنىدى.

    مەن 1940-يىل 8-ئايدا ئۆلكىلىك ساقچى ئەمەلدارلىرى مەكتىپىگە ئىمتىھان بەردىم. ئىمتىھاندا «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قانداق قارايسىز ؟ بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى سىزنىڭچە قانداق بولىدۇ ؟» دېگەن سوئال بار ئىدى. مەن مۇتەللىپنىڭ تام گېزىتىگە يېزىپ بەرگەن شېئىرىنى ئېسىمگە ئالدىم ۋە شۇ نۇقتىنى مەركەز قىلىپ جاۋاپ يازدىم. شۇنىڭ بىلەن 1348ئادەم ئىچىدە 3- بولۇپ ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم. شۇڭا بۇ بىر كۇبلىت شېئىر ھېلىمۇ ئېسىمدە ئېنىق تۇرۇپتۇ.

    1941يىل 5-ئايدا ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە پراكتىكا قىلدىم. بۇ بۆلۈمدە پۈتۈن ئۆلكىدىكى ۋىلايەت، ناھىيە ۋە ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپلىرى بولۇپ، ئۇلاردا شۇ ئۇرۇنلاردىكى سىياسىي جەھەتتە گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى خاتىرىلەنگەنىدى. مەن ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئارخىپىنى كۆرسەم، ھەر بىر سىنىپنىڭمۇ ئايرىم ئارخىپى بار ئىكەن. مەن سىنىپىمىزدىكى (24-سىنىپ) «گۇمانلىق ئوقۇغۇچى» لارنىڭ ئارخىپىغا كۆز يۈگۈرتتۈم. مېنىڭمۇ بىر پارچە «جىنايەت ئارخىپىم» بار ئىكەن. ئۇنىڭدا «24-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىمىن ئاقۇپ 1940-يىلى ئاپرىل بايرىمىدا "ئاپرىل بايرىمىنى ئەسكى خەي بىلەن قارشى ئالىمىز" دېگەن» دەپ يېزىلىپتۇ. يەنە بىر پارچە قەغەزدە «ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئاتا- ئانىسى دىھقان، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ باقمىغان»، دەپ يېزىلغان ۋە پىچان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە لەمجىن ساقچىخانىسىنىڭ تامغىلىرى بېسىلغانىدى.

    مەن بۇلارنى كۆرۈپ ھەممىنى چۈشەندىم. ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شېڭ شىسەينىڭ دۇبەن بولغان كۈنىنى خاتىرىلەپ پائاليەت ئۇيۇشتۇرۇلاتتى، يەنى بۇ كۈن شۇ چاغلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ بايرام كۈنى ئىدى. 1940- يىل 4- ئايدا ئۈرۈمچىدە يامغۇرغا قارىماي بايرامغا تەييارلىق قىلدۇق. مېنىڭ ئاياغلىرىم يىرتىلىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا مەن «ئاپرىل بايرىمىنى ئەسكى خەي بىلەن قارشى ئالىمىز» دېگەنىدىم.

    مۇتەللىپنىڭ «گۇمانلىق شەخس» نامىدىكى ئارخىپلىرى ھەممىدىن كۆپ ئىكەن. مەن بۇ ئارخىپلارنى كۆرۈپ ھۆكۈمەت ئىشپىيونلۇق تورىنىڭ ھەقىقەتەن كەڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

    خىزمەت تەقسىماتى بىلەن 1941-يىل 6-ئايدا ئاقسۇغا باردىم. 1943-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىشخانىغا كىرسەم ئۈستەل ئۈستىدە «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئايرىم دېلوسى» دېگەن خەنزۇچە خەت يېزىلىپ، ئۈستىگە ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان، ئاق خەسە بىلەن مەھكەم ئورىلىپ، يىپ بىلەن تىكىلگەن بىر ئارخىپ خالتىسى تۇرۇپتۇ.

    مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ ئارخىپى كېلىپ بولغان بولۇپ، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەنىكەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دىگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكارلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپىي ئىسمى «گاڭبى»، ياسىن ئېزىزنىڭ مەخپىي ئىسمى «كاڭجيەن» ئىدى.

    ساقچى ئىدارىسى مېنىڭ مۇتەللىپ بىلەن ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە بىللە ئوقۇغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، مۇتەللىپنىڭ «دېلوسى» غا مېنىڭ ئارىلاشماسلىقىمنى ئۇقتۇردى. لېكىن مەن مۇتەللىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن يەنىلا خەۋەردار بولۇپ تۇراتتىم.

    مۇتەللىپنىڭ «گۇمانلىق» ئىش-ھەرىكەتلىرى ئىشپىيونلار تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ ئەھۋاللارنى تېلېگرامما ئارقىلىق ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىغا دوكلات قىلاتتى. كېيىن ئۆلكىدىن «سىلەر مۇتەللىپنىڭ كۈندۈزدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىلا ئىگىلەپسىلەر، لېكىن كېچىدە ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ كېچىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ مەلۇم قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇق كەلدى.

    شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاقسۇ قىزلار پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان سوفىيە ئىسىملىك بىر قىز تاللانغانىدى. ئىشپىيون ھېكىم نۇر مۇتەللىپ بىلەن يېقىن ئاغىنە بولۇۋالغاچقا، مۇتەللىپكە سوفىيە بىلەن توي قىلىش توغرىسىدا قايتا-قايتا ئېيتقاندىن كېيىن، مۇتەللىپ «توي قىلىشقا پۇلۇم يوق» دەپتۇ. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ خەۋەرنى بىلگەندىن كېيىن ھېكىم نۇرغا پۇل بېرىپتۇ. ھېكىم نۇر بۇ پۇلنى ئېلىپ «مۇتەللىپ ئاداش، بۇ پۇل سېنىڭ توي ئىشىڭغا ياردىمىم بولسۇن» دەپ مۇتەللىپكە بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇتەللىپ سوفىيە بىلەن توي قىلدى. سوفىيەمۇ مۇتەللىپنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ تۇردى.

    مۇتەللىپكە «دىققەت قىلىش» توغرىسدا گەپ قىلىپ قويۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشپىيونلارنىڭ كۆپلۈكىدىن مۇمكىن بولمىدى. بىللە ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلىرىمىز بىر كۈندىلا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سوراشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمايتتى. چۈنكى بىزنىڭ ئۈستىمىزدىمۇ پايلاقچىلار بار بولۇپ، دەككە-دۈككىدە خىزمەت قىلاتتۇق.

    1944-يىلىنىڭ بىر كۈنى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇ دۇڭچۇ مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى زو مىڭ (زۇنۇن)، ساقچىلاردىن مۇھەممەت ئەرشىدىن (تۇرپانلىق)، قاسىم (قەشقەرلىك) قاتارلىقلارمۇ مۇتەللىپ بىلەن ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.

    مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە: "مەن ساڭا بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن. سەن بۇ ھېكايىنى سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ كېلىسەن، بولامدۇ ؟" دىدى.

    مۇتەللىپ ماقۇل بولغاندىن كېيىن مۇ دۇڭچۇ ھېكايىسىنى باشلىدى. زو مىڭ بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلدى. بۇ ھېكايىدە ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر خەنزۇ دېھقاننىڭ پىلە بېقىپ، دەستىگاھ قۇرۇپ، كېيىن چوڭ بىر فابرىكا قۇرۇپ چىققانلىقى سۆزلەندى. ھېكايە ئۇزۇن بولۇپ يېرىم كېچىدە ئاخىرلاشتى. مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە "سەن بۇنى بىر ھەپتە ئىچىدە سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ ماڭا تاپشۇرىسەن"، دىدى.

    ئەتىسى مۇ دۇڭچۇ مېنى يەنە چاقىرتتى. ئەسلىدە مۇتەللىپ تۈنۈگۈنكى ھېكايىنى سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ ئەكەلگەنىكەن. ئۇ بۇ سەھنە ئەسىرىگە «نۇرلۇق يولغا قەدەم» دەپ ماۋزۇ قويۇپتۇ. مۇتەللىپنىڭ يازغانلىرىنى زو مىڭ تەرجىمە قىلىپ بەردى. بۇنى ئاڭلىغان مۇ دۇڭچۇ چاۋاك چېلىپ كەتتى ۋە بىزگە قاراپ : "سىلەر ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىسىلەر، ئەرەبلەردىن چىققان مۇھەممەتنى پەيغەمبەر دەيسىلەر. لېكىن ئۆز ئىچىڭلاردىكى پەيغەمبەرنى بىلمەيسىلەر، مېنىڭچە مانا بۇ مۇتەللىپنى پەيغەمبەر دېسە بولىدۇ"، دىدى.

    مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە «بۇنى كۆرۈپ باق» دەپ بىر پارچە خەتنى بەردى. بۇ يۇقۇرىدىن كەلگەن «مۇتەللىپ سەككىز يىللىق قاماققا ئېلىنسۇن» دىگەن بۇيرۇق ئىدى.

    مۇتەللىپ بۇنى كۆرۈپ ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

    مۇدوڭچو مۇتەللىپكە: "سەن ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئىكەنسەن، ھەممىمىز ساڭا قايىل. بۇنىڭدىن كېيىن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تەشكىللىگەن سانائىي نەفىسەدە تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆتەيسەن، بۇنىڭغا قوشۇلساڭ بۇيرۇقنى باستۇرۇپ قويىمىز. قوشۇلمىساڭ بۇيرۇق بويىچە ئىش كۆرىمىز" دىدى، بۇنىڭغا مۇتەللىپ قوشۇلدى. ئىشپىيونلار مۇتەللىپنىڭ يېقىن دوستى بولىۋېلىپ، ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك ئىش-ھەركەتلىرىنى توختىماي مەلۇم قىلىپ تۇراتتى. مۇتەللىپ سانائىي نەفىسەدە «غېرىپ سەنەم» ، «تاھىر-زۆھرە»، ئارشىن مال ئالان« قاتارلىق دىراما-ئوپېرالارنى يازدى ۋە سەھنىلەشتۈردى. شۇ چاغدا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ چوڭ زالىدا ئويۇن قويۇلاتتى، مەن دائىم ئويۇن كۆرگىلى باراتتىم. شۇ چاغلاردا ماڭا «غېرىپ سەنەم» ، «تاھىر-زۆھرە» ئوپېرالارىنىڭ ناخشىلىرى ياد بولۇپ كەتكەندى.

    كۈنلەر ئۆتۈپ 1945-يىلنىڭ بىر كۈنىدە خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇشۆبىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىش يولىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسنىڭ مېھمانخانىسىغا چۈشتى. مېھمانخانا مەسئۇلى مۇدوڭچوغا ۋۇشۆبىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قويۇشنى ئېيىتتى. مۇدوڭچو "ئەگەر ئۇنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكىسى بولسا ئالدىمغا كىرسۇن. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كۆرۈشكىلى بارمايمەن"، دەپتۇ. مېھمانخانا مەسئۇلى مۇدوڭچونىڭ گېپىنى ۋۇشۆبىڭگە ئاشۇرۇپ يەتكۈزۈپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ۋۇشۆبىڭ "خەپ سېنى مۇدوڭچو"، دەپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ خوتەندىن ئېلىپ كەلگەن ئىسىل قاشتېشى، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئۈرۈمچىدىكى ئەمەلدارلارغا سوۋغا قىلىپ، ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لىيىڭچىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا :

    سىلىگە ياردەمدە بولۇشقا تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاقسۇغا يۆتكىكىلىپ كەلگەن بولسام دىگەن تەلەپنى قويۇپتۇ.

    لىيىڭچى: بولىدۇ، سىز ئاقسۇغا مېڭىڭ، بىز ئاقسۇغا تېلېگرامما ئارقىلىق خەۋەر قىلىمىز. سىز بېرىپلا خىزمەتكە چۈشۈڭ دەپتۇ.

    ۋۇشۆبىڭ: جاناپلىرىنى ئاۋارە قىلماي تېلېگراممىنى ئۆزەملا ئېلىپ بارسام دەپتۇ.

    لىيىڭچى ۋۇشۆبىڭگە ئۇنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقغا تەيىنلەنگەنلىك توغرىسىدىكى تېلېگىراممىنى بېرىپتۇ.

    بىر كۈنى كەچتە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە باشقا كىشىلەر زالدا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتۇق. تۇيۇقسىز تاراق-تۇرۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ زال ئىچىگە قوراللىق ساقچىلار كىرىپ كەلدى، ئارىدىن بىرى سەھنىگە چىقىپ:

    بۇ قانداق يەر ؟ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدا سانائىي نەفىسە تەشكىللەش، ئويۇن قويۇش مەدەنىيەت-مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشى ئەمەسمۇ ؟ ئويۇن تارقالسۇن، سانائىي نەفىسە تارقىتىۋېتىلسۇن. بۇ ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ بۇيرۇقى دەپ، ۋۇشۆبىڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقغا تەيىنلەنگەنلىك بۇيرۇقىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ مۇدوڭچونىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

    شۇنىڭ بىلەن سانائىي نەفىسە تارقىلىپ كېتىپ مۇتەللىپ ئاقسۇ گېزىتخانىسىغا كەتتى. ۋۇشۆبىڭ ئۈرۈمچىدىكى چاغدىلا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر قىسىم ساقچى كادىرلارنى ئۆزى تەيىنلەپ كەلگەچكە، مېنى ئاقچى ناھىيەسىگە كېيىن توقسۇ ناھىيەسىگە يۆتكىدى.

    1945-يىلى غۇلجا ئارمىيەسى ئاقسۇ شەھىرىنى ئىككىنجى قېتىم قورشايدۇ. مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا باشلىق كىشىلەر تەشكىلات قۇرۇپ غۇلجا ئارمىيەسىگە ئىچى-سىرتىدىن ماسلاشماقچى بولغاندا، ئىنقىلاپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ھېكىم نۇر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 1945-يىل 18-سىنتەبىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، ئابلا روزى، مەۋلانجان تۇردىيوف، بىلال ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى توقسۇ ناھىيەسىدە تۇرۇپ ئاڭلىدىم.

    1946-يىلى مەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە قايتىپ كېلىپ، مۇتەللىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ تېخىمۇ تەپسىلى ئۇقتۇم. ھېكىم نۇر، ياسىن ئېزىز قاتارلىق ئىشپىيونلار بۇ چاغدا ساقچى ئىدارىسىنىڭ رەسمى ساقچىسى بولۇپ كەتكەندى.

    1946-يىلى گومىنداڭنىڭ چوڭ ئىشپىيونلىرىدىن ئابلا داموللا بىلەن جۇتۈئەنجاڭ دىگەنلەر ئاقسۇغا كەلدى. ئۇلار چوڭ يىغىن ئېچىپ :

    بۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولىدىغانلىقى، قانۇن ۋە سىياسەتلەرنىڭ ياخشى ئىجرا قىلىنىپ خەلق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن قانداق پىكىر بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ دىدى.

    يىغىن ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار، جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى مېھمانخانىسى زالىغا يىغىلىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلىشتۇق. مەنمۇ كاتىپ بولۇپ يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەرنى خاتىرىلىدىم. ئەتىسى ئابلا داموللا بىلەن جۇتۈئەنجاڭ پىكىر تەكلىپ ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى. مەن ئالدى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالدىنقى كۈنى ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلەرنى ئوقۇدۇم :

    1. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شۆبىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. بۇ جىنايەتچى شۇنداقلار ئىشپىيون ھېكىم نۇر، ياسىن ئېزىزلار خەلق ئالدىدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ قاتتىق جازالىنىشى كېرەك.

    2. غۇلجا ئارمىيىسى ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا گومىنداڭ ئارمىيىسى شەھەر سىرتىدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى تۈزلىۋەتتى ۋە نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولدى. ھۆكۈمەت بۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

    3. غۇلجا ئارمىيىسى ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم باشلىغاندا ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈشۈن نۇرغۇن ياشلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۇرۇۋەتتى. شۇڭا ۋۇ يۈشۈن بۇنىڭغا جاۋاپكار بولۇشى كېرەك.

    مېنىڭ كەينىمدىن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارسى ساقچىلىرىدىن ياسىن ئەخمەت قاتارلىق ساقچىلار ۋە باشقىلار بەس-بەستە پىكىر قىلدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامما تەشكىللىنىپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ۋە ئونسۇدا ئۈچ كۈن نامايىش قىلدۇق.

    ئۈچ كۈندىن كېيىن ئابلا داموللا، جۇ تۇئەنجاڭ جىمجىتلا كېتىپ قالدى، ۋەزىيەت بىردىنلا ئۆزگەردى. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارسى پىكىر تەكلىپ ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان، پىكىر قىلغان ۋە گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەر تۈرلۈك باھانە سەۋەپلەر بىلەن قولغا ئېلىندى. شۇ قاتاردا مېنىڭمۇ ئۇنۋان ۋە خىزمەتلىرىم ئېلىپ تاشلىنىپ خىزمەتتىن بوشىتىلدىم. مەن شۇنىڭدىن كېيىنلا ئابلا داموللا، جۇ تۇئەنجاڭ دىگەنلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئىشى بىر قېتىملىق ئالدامچىلىق، قىلتاق ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

    مەن 1957-يىلى ئاقسۇدىن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم. كېيىن ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى» ناملىق رومانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بەزى كىشىلەر روماندىكى «يانتاقۇپ» دىگەن ئىشپىيون «ئىمىن ئاقۇپ» دىگەن كىشىمىش دىگەندەك گەپلەرنى قىلشىپتۇ.

     

    «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» جورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى

  • ئەمىر بولاجى دوغلاتى تاش تۆمۈر ئىسىملىك بىر كىشىگە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى تېپىپ كېلىشنى تاپشۇردى . تاش تۆمۈر تۇغلۇق تۆمۈرخاننى مىلادى 1346-يىلى 16 يېشىدا ئىزدەپ تاپتى، ئەمىر بولاجى مىلادى 1348-يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخاننى 18يېشىدا تەختكە چىقاردى، شۇندىن كىيىن ماڭ...